-
2009-07-03
ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى
( سىناق نۇسقىسى )
ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسى مائارىپى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ، ئاساسى مائارىپ دەرس قۇرۇلىشىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ، لىكىن مەملىكىتىمىز ئاساسى مائارىپىنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن ، ئەسلىدىكى ئاساسى مائارىپ دەرسى دەۋىر تەرەققىياتىنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشالمايدۇ . « ج . ك . پ مەركىزى كومىتېتى ، گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلىك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى » ( مەركەز تارقاتقان [1999 ] 9 – نومۇرلۇق ) ۋە « گوۋۇيۇەننىڭ ئاساسى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارارى » ( گوۋۇيۇەن تارقاتقان [2001 ] 21 – نومۇرلۇق ) نى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاساسى مائارىپ دەرس سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىنى تەڭشەپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ ، ساپا مائارىپىغا ماس كىلىدىغان ئاساسى مائارىپ دەرس سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى. يىڭى دەرس سىستېمىسى يەسلى مائارىپى ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1 . دەرس ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى
1 . ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى يولداش دىڭ شاۋ پىڭنىڭ « مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ، دۇنياغا ، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش لازىم » دىگەن چاقىرىقىنى ۋە يولداش جاڭزىمىننىڭ « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم .
يىڭى دەرسنىڭ تەربىيىلەش نىشانى دەۋىر تەلىۋىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشى زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ، كوللىكتىۋىزىملىق روھقا ئىگە، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىدىغان ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرىدىغان ؛ سوتسىيالىستىك قانۇن- تۈزۈم ئېڭىغا ئىگە ، دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان ؛ توغرا دۇنيا قاراش ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزغان ؛ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ، يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ، ئەمىلىي ماھارەتكە ، ئىلمىي تەربىلىنىشكە ۋە مۇھىت ئېڭىغا ئىگە ؛ ئۆمۈر بويى ئۈگۈنىشكە ماس كىلىدىغان ئاساسى بىلىم ۋە ئاساسى ماھارەتكە ، ئۇسۇلغا ئىگە ، ساغلام ئېستېتىك ھىسسىياتقا ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدىنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان يىڭى بىر ئەۋلات كىشىلەردىن قىلىپ چىقىش لازىم .
2 . ئاساسى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ كونكىرت نىشانى :
دەرستە بىلىم بىرىشكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش خاھىشىنى ئۆزگەرتىپ ، ئاكتىپ ، تەشەببۇسكار ئۈگۈنىش پوزۇتسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلەپ ، ئاساسى بىلىم ۋە ئاساسى ماھارەتكە ئېرىشىش جەريانىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈگۈنىشنى بىلىش ۋە توغرا قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. دەرس قۇرۇلمىسى جەھەتتە ، پەننىڭ ئۆزلىگىنى زىيادە تەكىتلەيدىغان ، تارماق تۈرلەر كۆپ بولۇش ۋە بېرىكتۈرۈش يىتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ ، توققۇز يىل ئىزچىل ئوقۇلىدىغان دەرس تۈرى ۋە دەرس سائىتى نىسبىتىنى بىر پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىۋېرسال دەرسلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ، ئوخشاش بولمىغان رايۇن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇۋاپىقلاشتۇررۇپ ، دەرس قۇرۇلمىسىنىڭ تەكشىلىگى ، ئۇنىۋېرساللىقى ، تاللاشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك .
دەرس مەزمۇنىنىڭ « مۇرەككەپ ، قىيىن ، بىرتەرەپلىمە ، كونا » بولىشى ۋە كىتاۋى بىلىملەرگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ ، دەرس مەزمۇنى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ، زامانىۋى جەمئيەت ۋە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىش قىزغىنلىقى ۋە تەجىرىبىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۆمۈر بويى ئۈگۈنىشتە زۆرۈر بولغان ئاساسى بىلىم ، ماھارەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاش كىرەك .
دەرسنى يولغا قويۇشتا ، ئۈگۈنىشنى قوبۇل قىلىش ، ئۆلۈك ھالدا يادىلاش ، جانسىز مەشىق قىلىشقا زىيادە ئېتىۋار بېرىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائال قاتنىشىشى ، خوشاللىق بىلەن ئىزدىنىشى ، قول سېلىپ ئىشلىشىنى تەشەببۇس قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر توپلاش ۋە بىرتەرەپ قىلىش ، يىڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش ، مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى ھەم ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلىشىش قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك .
دەرسنى باھالاشتا ، تەكشۈرۈپ پەرىقلەندۈرۈش بىلەن ، تاللاش ئىقتىدارىنى زىيادە تەكىتلەشنى ئۆزگەرتىپ ، باھالاشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم .
دەرسنى باشقۇرۇشتا ، زىيادە مەركەزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ ، دۆلەت ، يەرلىك ، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە دەرس باشقۇرۇشنى يۈرگۈزۈپ ، دەرسنىڭ يەرلىككە ، مەكتەپكە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم .
2 . دەرس قۇرۇلمىسى
3 . توققۇز يىل ئىزچىل ئوقۇلىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسىنى بىر پۈتۈن تەسىس قىلىش كىرەك .
باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئۇنىۋېرسال دەرس ئاساس قىلىنىدۇ . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ئەخلاق ۋە تۇرمۇش ، ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، تەنتەربىيە ، سەنئەت ( مۇزىكا ، گۈزەل سەنئەت ) قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنىدۇ ؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا ، ئىدىيە – ئەخلاق ۋە جەمىيەت ، تىل – ئەدەبىيات ( خەت يېزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ، ماتېماتىكا ، ئىلىم – پەن ، چەتئەل تىلى ، ئۇنىۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى ، تەنتەربىيە ، سەنئەت ( مۇزىكا ، گۈزەل سەنئەت ) قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنىدۇ .
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ، پەنلەرگە ئايرىش بىلەن ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن دەرسلەر تەسىس قىلىنىدۇ . ئۇ ، ئاساسلىقى ئىدىيە –ئەخلاق ، تىل – ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، چەتئەل تىلى ، ئىلىم – پەن ( ياكى فىزىكا ، خىمىيە ، بىئولوگىيە ) ، تارىخ ۋە جەمئيەت ( تارىخ ، جۇغراپىيە ) ، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ، سەنئەت ( مۇزىكا ، گۈزەل سەنئەت ) ، ئۇنىۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال دەرسلەرنى تاللىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىش كىرەك . مەكتەپلەر تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ ، تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىشى لازىم . مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تىل – ئەدەبىيات ، سەنئەت ، گۈزەل سەنئەت دەرسلىرىدە خەت يېزىش ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش كىرەك .
4 . تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا پەنلەرگە ئايرىلغان دەرسلەر ئاساس قىلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسى تەلەپكە ئومۇمىيۈزلۈك يەتكۈزۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ، ئىدىۋىدۇئال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم . دەرس ئۆلچىمىدە ئوخشاش بولمىغان سەۋىيە تەلىپى بولىشى ، زۆرۈر دەرسلەرنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا ، شەكلى كۆپ خىل ، مەزمۇنى مول بولغان تاللانما دەرسلەرنىمۇ تەسىس قىلىش ، تېخنىكا تۈرىدىكى دەرسلەرنىمۇ ئېچىش كىرەك . ئوقۇش يىلى ، ئوقۇش نومۇرى تۈزىمىنى پائال سىناپ يولغا قويۇش كىرەك .
5 . باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇنىۋېرسال ئەمىلىيەت پائالىيىتى دەرسىنى تەسىس قىلىش ھەم ئۇنى زۆرۈر دەرس قىلىش لازىم . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن : ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيىسى ، تەتقىقات خاراكتىرلىق ئۈگۈنىش ، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت ، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارتىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ، ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئىگىلەشنى ، بىلىمنى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەش كىرەك . مەكتەپ بىلەن جەمئيەتنىڭ باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش لازىم . دەرسنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئۇچۇر تېخنىكا تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر ۋە تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش لازىم .
6 . يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم . دۆلەت دەرسىنىڭ ئاساسى تەلىپىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ئاساسەن ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا ماس كىلىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ . « يېزا ئىگىلىكى ، پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش » ۋە « ئۈچ خىل مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاش » قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، « يېشىل كىنىشكا مائارىپى » ۋە باشقا تېخنىكىلىق تەربىلەشنى سىناق تەرەققىسىدە يۈرگۈزۈپ ، « قوش كىنىشكا » ئېلىش ئۇسۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك . شەھەرلەردىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كەسىپ – تېخنىكا دەرسى دەسلەپكى قەدەمدە تەسىس قىلىنىشى لازىم .
3 . دەرس ئۆلچىمى
7 . دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى – دەرسلىك تۈزۈش ، ئوقۇتۇش ، باھالاش ۋە ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش ، دۆلەتنىڭ دەرسلەرنى باشقۇرۇش ۋە باھالىشىنىڭ ئاساسى . ئۇ دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئىقتىدار ، جەريان ۋە ئۇسۇل ، ھىسسىيات ، پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قويغان ئاساسى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىشى ، ھەر قايسى دەرسلەرنىڭ ماھىيىتى ، نىشانى ، مەزمۇن قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەپ ، ئوقۇتۇش ۋە باھالاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم .
8 . دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە ، ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، كونكېرت مەزمۇنغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ، ئەخلاقى تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ، ئۈنۈمچانلىقى ۋە ئاكتۇئاللىقى كۈچەيتىلىشى ، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، كوللىكتىۋىزملىق ۋە سوتسىيالىستىك تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنە ،ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيىسى ، دۆلەت مۇداپىيە تەربىيىسى كۈچەيتىلىشى كىرەك . ئىدىيىۋى پەزىلەت ۋە ئەخلاق تەبىيىسىنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارشى تۇرغۇزۈشقا يىتەكلەش، ئىلمىي روھ ، ئىلمىي پوزۇتسىيە ۋە ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى يىڭىلىق يارىتىشقا ۋە ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يىتەكلەش كىرەك .
9 . بالىلار باغچىسى مائارىپىدا بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ، پىسخولوگىيىلىك تەرەققىياتى ۋە تەلىم – تەربىيە قانۇنىيىتىنى ئاساس قىلىپ ، كاپالەتلىك قىلىش بىلەن تەربىلەشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئويۇن ئويناشنى ئاسسى پائالىيەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ، ئائىلە بىلەن مەھەللە زىچ ماسلىشىپ ، بالىلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ، بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوغداپ ۋە قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ، پىسخىك جەھەتلەردىن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈس لازىم .
مەجبۇرىيەت مائارىپ دەرس ئۆلچىمى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومومللاشتۇرۇشنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولىشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تىرىشىش ئارقىلىق بۇ تەلەپكە يىتەلەيدىغان بولىشى ، بۇ ئۆلچەم دۆلەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ساپاسىغا بولغان ئاساسى تەلىپىنى گەۋدىللەندۈرىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئۈگۈنىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى لازىم .
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى جەھەتتە ، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇمىيۈزلىك ئاساسى تەلەپكە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ئاساسى تەلىپى ئاستىدا ، بەلگىلىك قاتلاملىققا ۋە تاللاشچانلىققا ئىگە دەرسلەرنى تەسىس قىلىش ھەم تاللانما دەرسلەرنى ئېچىش ، ئوقۇغۇچىلارنى تەخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە تەرەققى قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ، ئەمىلىي ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش لازىم .
4 . ئوقۇتۇش جەريانى
10 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ھەركەتكە كېلىپ ، ئورتاق تەرەققى قىلىشى ، بىلىم بېرىش بىلەن ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم . ئوقۇغۇچىلارنى گۇمان ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە ئەمىلىيەت جەريانىدا ئۈگۈنىشكە يىتەكلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئاكتىپ ، ئۆزىگە خاس ھالدىكى ئۆگۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ، يەككە پەرىقلەرگە دىققەت قىلىپ ، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان تەربىلەش مۇھىيىتىنى يارىتىپ ، ئۆگۈنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ، پوزىتسىيىسىنى يىتىلدۈرۈپ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تولۇق تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم . ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئومۇمىيۈزلۇك قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن پەن بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ شەكلى ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگۈنىش ئۇسۇلى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا تۈرۈتكە بولۇش شەكلىدىكى ئۆزگۈرىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش ، ئۈچۈر تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنىشى ۋە تەرەققىياتىنى شەكلى كۆركەم ، مەزمۇنى مول بولغان تەربىلەش مۇھىتى ۋە كۈچلۈك ئوقۇتۇش قۇرالى بىلەن تەمىن ئېتىش لازىم .
5 . دەرسلىكلەرنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇش
12 . دەرسلىك ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارنى ئەسلىدىكى بىلىم ۋە تەجىربىلىرىدىن پايدىلىنىپ ، بىلىمنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىشكە يىتەكلەشكە پايدىلىق بولىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجادىي دەرس ئۆتىشىگىمۇ پايدىلىق بولىشى لازىم . دەرسلىك مەزمۇنىنى تاللاش دەرس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ، پىسخىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرۈشى ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىنى ئەكىس ئەتتۈرىشى كىرەك . دەرس مەزمۇنىنىڭ تەشكىللىنىشى كۆپ خىل ، جانلىق بولىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشىگە ھەم كۈزۈتۈش ، تەجىرىبە قىلىش ، مەشغۇلات قىلىش ، مۇلاھىزە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا پايدىلىق بولىشى لازىم . مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى ھەر خىل دەرس بايلىقلىرىنى پائال ئېچىش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش لازىم . مەكتەپلەر كۈتۈپخانا ، تەجىرىبىخانا ، مەخسۇس سىنىپ ۋە تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن ، ئەمىلىيەت بازىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم . مەكتەپ سىرتىدىكى كۈتۈپخانا ، مۇزىي ، كۆرگەزمىخانا ، پەن – تېخنىكا سارىيى ، زاۋۇت ، يېزا ، ھەربىي قىسىم ۋە پەن – تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەنبەلەر ۋە مول تەبىئي بايلىقلاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش لازىم . ئۇچۇرلاشقان دەرس بايلىقىدىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېچىش كىرەك .
13 . ئاساسى مائارىپ دەرسلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، دەرسلىكلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە كۆپ خىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك . دۆلەتنىڭ ئاساسى تەكلىپىنىڭ يىتەكچىلىگىدە دەرسلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ، مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلار ، نەشرىيات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم . دەرسلىك تۈزۈشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش كىرەك . دەرسلىك تۈزگۈچىلەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ « ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋاقىتلىق چارىسى » غا ئاساسەن ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ، سالايىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كىيىن تۈزۈشى لازىم . دەرسلىك تەكشۈرۈش تۈزىمى مۇكەممەللەشتۈرىلىشى ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھوقۇق بەرگەن ئۆلكە دەرىجىلىك دەرسلىك تەكشۈرۈش كومتېتىدىن سىرىت ، دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر ۋە ئۆلكە ھالقىپ ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشى زۆرۈر ؛ يەرلىك دەرسلەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك دەرسلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشى لازىم . دەرسلىكلەرنى تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈش بىلەن تۈزۈشنى ئايرىۋىتىش لازىم .
ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشىر قىلىدىغان ئورۇننى بەلگىلەش شەكلى ۋە بىرلا لىنىيە بويىچە تارقىتىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم . دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى نەشىر قىلىش شەكلىگە قويغان ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش لازىم . دەرسلىك نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىشتا ، ئاشكارە رىقابەت ئۆلچىمى سىناق تەرەققىسىدە يولغا قويىلىدۇ . دۆلەت ھەقسىز تەمىنلىگەن ، ئەرزان ، ئىشلىتىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان دەرسلىكلەرنى ھۆكۈمەت سېتىۋىلىپ ، دەرسلىكلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى ، باھاسى ئەرزان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم . مائارىپنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان ئورۇنلار قەرەللىك ھالدا ، مەكتەپ ۋە جەمئيەتكە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى مۇندەرىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىشى ھەم دەرسلىك باھالاش تۈزۈمى ۋە مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى بىلەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ يىتەكچىلىگى ئاستىدا دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇشى لازىم . مەمۇرى ۋاستە ئارقىلىق دەرسلىك ئىشلىتىشنى بەلگۈلەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ، بىنورمال رىقابەت ئارقىلىق ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىنى سېتىشنى قاتتىق چەكلەش لازىم .
6 . دەرسنى باھالاش
14 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھالاش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش كىرەك . باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىگىلا ئىتىۋار بېرىش بىلەن قالماستىن ، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى بايقاشقا ئېتىبار بېرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىھتىياجىنى چۈشۈنۈش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىگە ئىشەنىچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىش لازىم . باھالاشنىڭ تەربىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى سەۋىيەسى ئاساسىدا تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدىغان باھالاش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىنى ئانالىز قىلىش ۋە تەكرار ئويلىنىشىنى تەكىتلەپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى باھالىشنى ئاساس قىلىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرى ، ئوقۇتقۇچىلار ، ئوقۇغۇچىلار ، ئائىلە باشلىقلىرى ئورتاق قاتنىشىدىغان باھالاش تۈزىمىنى تۇرغۇزۈش ، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرغا ئىگە قىلىپ ، سەۋىيەسىنى ئۈزلىكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك .
دەرسنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرىدىغان باھالاش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم . مەكتەپ دەرسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە دەرسنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى قەرەللىك ھالدا ئانالىز قىلىپ باھالاپ ، دەرس مەزمۇنىنى تەڭشەپ ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ ، دەرسنى ئۈزلۈكسىز يىڭىلا ش مېخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك .
15 . ئىمتىھان تۈزىمىنى ئىزچىل ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈ ش لازىم .
توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغان رايۇنلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز يۇقىرىلاپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش لازىم . تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش ئىمتىھانىنى باشقۇرۇش تۈزىمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، ئىمتىھان مەزمۇنىنى ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ، ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئايرىم پەنلەردە ئوچۇق ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كىرەك . تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش خۇلاسە ئىمتىھان ئىسلاھات لايىھىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى تۈزۈپ بېكىتىدۇ . خۇلاسە ئىمتىھان داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان جايلاردا سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ ماھىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان يۈكىنى يەڭگىللىتىش لازىم .
ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوقۇم ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىشى كىرەك . ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تاللىشىقا پايدىلىق بولۇش ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشىقا پايدىلىق بولۇش ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى زورايتىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ ، كۆپ قېتىملىق پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش ، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش ، ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىمتىھانى ۋە تاللاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم . ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىشتا دەرس ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ ، بىرتەرەپلىمە سۇئال ۋە غەيرىي سۇئاللارنى چىقىرىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كىرەك . ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ئەھۋالىغا ئاساسەن ، مۇلاھىزە ۋە يىتەكلەش ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلماسلىقى ، ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزماسلىقى لازىم .
7 . دەرسنى باشقۇرۇش
16 . دەرسنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايۇن ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، دۆلەت ، يەرلىك ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك دەرس باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كىرەك .
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسى مائارىپ ئومۇمىي دەرس پىلانىنى ئىشلەپ ، ئاساسى مائارىپ دەرس باشقۇرۇش سىياسىتىنى تۈزۈپ ، دۆلەتنىڭ دەرس تۈرلىرى ۋە دەرس سائىتىنى بېكىتىدۇ . دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىنى تۈزۈشتە ، يىڭى دەرسنى باھالاش تۈزىمىنى پائال يۈگۈزۈش كىرەك .
ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ دەرس باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە يەرلىكنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، شۇ ئۆلكە ( ئاپتۇنۇم رايۇن ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ) نىڭ دۆلەت دەرسىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ ، يەرلىك دەرسنى پىلانلاپ ، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللايدۇ ھەم يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ . مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى مۇستەقىل ھالدا شۇ ئۆلكە ( ئاپتۇنۇم رايۇن ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ) دائىرىسىدە قوللىنىلىدىغان دەرس پىلانى ۋە دەرس ئۆلچىمىنى تۈزسە بولىدۇ .
مەكتەپلەر دۆلەت دەرسى ۋە يەرلىك دەرسنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كونكېرت ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ، مەكتەپ ئەنئەنىسى ۋە ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، ئۆز مەكتىپىگە مۇناسىپ كىلىدىغان دەرسلەرنى ئېچىشى ۋە تاللاپ ئىشلىتىش لازىم . ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى دەرس ئېچىش ۋە يۇرگۈزۈشكە نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىك قىلىدۇ . مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت دەرسى ۋە يەرلىك دەرسلەرنى يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ .
8 . ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش
17 . پىداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە باشقا ئاساسى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر ، تەربىلەش ئورگانلىرى ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن ، تەربىلەش نىشانى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە دەرس قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشى لازىم . ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دائىملىق تەربىيەسى ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى مەركىزى مەزمۇن قىلىشى لازىم .
يەرلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى ئۈنۈملۈك ، ئىزچىل بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىلەش پىلانىنى تۈزۈشى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش ئاپاراتلىرى يىڭى دەرسنى يولغا قويۇشتا زۆرۈر بولغان تەربىلەشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلىپ ، تەربىيىلەش خىزمىتى ۋە يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك .
9 . دەرس ئىسلاھاتىنى تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش
18 . مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ ۋە رەھبەرلىك قىلىدۇ . ئۆلكە دەرىجىلىىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى شۇ ئۆلكە ( ئاپتۇنۇم رايۇن ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ) نىڭ ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى پىلانلايدۇ ۋە رەھبەرلىك قىلىدۇ .
19 . ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى – بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرلىشى . ئۇنىڭدا باشتىن – ئاخىر « ئاۋۋال سىسىتېمىنى تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن ئۆتكەلگە ھۈجۈم قىلىش، ئاۋال تەجرىبە قىلىپ ئاندىن كىڭەيتىش » فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىشى كىرەك . ھەر قايسى ئۆلكە ( ئاپتۇنۇم رايۇن ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ) لەر دەرس ئىسلاھاتى سىناق رايۇنلىرىنى قۇرۇشى ، سىناق رايۇنلارنى قاتلاملار بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ، ئۈلگە كۆرسىتىش ، تەربىيىلەش ۋە رەھبەرلىك قىلىش رولىنى ئويناپ ، تەجرىبە رايۇنلارنىڭ دومىلىما تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ ، يىڭى دەرسكە ئۆتۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .
ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى دېمۇكراتىك قاتناشتۇرۇش ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئالىي مەكتەپ ، پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر ، ئالىملار ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىغا ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىشى زۆرۈر . ئايرىم پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ « ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزى » نى قۇرۇپ ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرىشى ھەم ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھات ئەمىلىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قوللاش كىرەك . مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىگىدە ، ھەر قايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپىراتلىرى ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى مەركىزى خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ ، ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش ، يىتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى ھەم ئاساسى مائارىپ تەتقىقات مەركىزى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇۇپ ، ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم . مائارىپ ئورۇنلىرى ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دەرس قۇرۇلىشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش زۆرۈر . ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇۇپ ، دەرس ئىسلاھاتىغا جەمئيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك.
20. دەرس ۋە دەرسلىكنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش لازىم . ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ مەخسۇس خراجىتىنى تەسىس قىلىش لازىم.
يىڭى دەرس سىستېمىسىنى سىناق رايۇنلاردا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، مائارىپ مىنستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ، دەرس تەسىس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىناق رايۇنلىرىنى سىياسى جەھەتتىن قوللايدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ . ئاساسى مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىغا قاتناشقان ئورۇن ، كوللىكتىپ ، شەخسلەرنى قولغا كەلتۈرگەن مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىگە ئاساسەن مۇكاپاتلايدۇ .