• 2009-06-27

    1.ئىندىئوداللىق (خاسلىق) نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە - [چەتئەل مائارىپى]

     ئامىرىكا مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر خىلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىقى ئوقوغۇچىلارغا تۈرلۈك جەھەتلەردىن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى تولۇق يارىتىلىپ بىرىلگەن.ئامىرىكا مەكتەپلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقوش نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماي ئەڭ مۇھىمى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق ياكى ئىندىۋىئودال تەرەققىياتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.ئەگەر ئوقوغۇچىنىڭ ماتىماتىكا ياكى ئەدەبىيات جەھەتتە نەتىجىسى تۆۋەن بولسا ياكى ئالاھىدىكى بولمىسا، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت ياكى تەشكىللەس ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئوخشاشلا ئۇلاردىنمۇ ئەليۇل ئەلالار چىقىدۇ دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئامرىكا مەكتەپلىرىدە يەنە ئوقوغۇچىلارنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. مانا بۇ ئامىرىكا ئوتتۇرا-باشلەنغۇچ مەكتەپلىرى بىلەن دۆلىتىمىز مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرىقلەرنىڭ بىرى.

    مەملىكىتىمىزنىڭ مائاىرىپىدا بولسا بىز ئوقوغۇچىلارنىڭ ياۋاش بولىشىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئوي-پىكىرى ۋە پىلان مەقسەتلىرى بولۇشىغا سەل قارايمىز.ئادەتتە، سىنىپ كادىرلىرىنى بىكىتىشتە ئاساسەن سىنىپ مۇدىرى(تەربىيىچىسى) بىكىتىپ بىرىمىز، شۇڭىلاشقىمىكىن بىزنىڭ ئوقوغۇچىلىرىمىزنىڭ رىقابەت ئىڭى ئىنتايىن سۇس دىيىشكە بولىدۇ.

    ئامىرىكا مائارىپىدا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك كۈلۈپ، ئوقوغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنى تەشكىللىشىگە ئىلھام بىرىلىدۇ، بارلىق ئوقوغۇچىلار تەشكىلاتلىرى پە كۇلۇپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ، دىمەك مەكتەپ دائىرلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا ئىلھام بىرىدۇ. ئوقوغۇچىلار كادىرلىرىنى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى سايلاپ چىقىدۇ. ئەگەر مەلۇم ئوقوغۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلار كادىرى بولغۇسى بولسا سايلام رىقابىتىگە قاتنىىشدۇ، ئوقوتقۇچىلار بۇنىڭغا ئارتۇقچە ئارلىشىۋالمايدۇ، ئارلاشتى دىگەندىمۇ، ئۇلارغا ئازراق يىتەكچىلىك قىلىدۇ خالاس. باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپكە ھەتتا جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتە، ئامىرىكا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئىڭى نىسبەتەن مۇكەممەل بولۇپ، بۇ خىل تەربىيلە ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن بىر ئامرىكىدا چو بولغان جوڭگولۇق قىز ئامىرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقوۇۋاتقاندا، گەرچە ئۇلارنىڭ سىنىپىدا سىنىپ كادىرلىرى (ھەيئەتلىرى) بولمىسىمۇ، ئەمما ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قۇرغان تەشكىلاتلىرى ياكى كۇلۇپلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەۋىرىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەھبەر ئەمەسلىكىنى بىىل تۇرسىمۇ، سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بىرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەڭ مۇھىمى ساۋاقداش ۋە دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، بىر رەھبەر بولغۇچى چوقۇم باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدىغان، باشقىلارغا بەخىت-سائادەت ئىلىپ كىلەلەيدىغان بولىشى كىرەك، ھىلىقى جوڭگولۇق 7ياشلىق قىزچاقتە كىچىككىنە تۇرۇپ مۇشۇنداق ئاڭنىڭ يىتىلىشىدىن بىز شۇنى كۆرىۋىلالايمىزكى، ئوقوغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن ناھايىتى تىزلا جەمئىيەتكە ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ، سىياسەت رىقابەت سايلىمى قائىدىلىرىنى چۈشىنىدۇ، سايلام رىقابىتىگە قانداق قاتنىشىشنى بىلىدۇ.

    分享到: