• 2009-06-25

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى - [مائارىپ ئىسلاھاتى]

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرە ئارخپى بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش تۇرمۇش جەريانىنى خاتىرلەپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ئارخىپ، شۇنداقلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مائارىپ ئوقۇتۇش نىشانىغا ئاساسەن، مەخسەتلىك ھالدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئپادىسىگەمۇناسىۋەتلىك بولغان تۈرلىك ئەسەرلىرى، پائالىيەتكە قاتناشقان ماتىرىياللىرى ۋە باشقا ماتىرياللىرىنى توپلاپ، مۇۋاپىق رەتلەپ، ئانالىز قىلىپ ۋە چۈشەنچە بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشۋەتۇرمۇش پالىيەتلىرىنىڭ ئۇسۇل ۋە جەريانىنى  تەسۋىرلەش، ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىيەت نەتىجىللىرىنى، ئارتۇقچۇلۇق ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى نامايان قىلىش،ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزۇتسىيەسى، قىزىقىشى ۋە ھىسىياتىنى ئەكس ئەتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئارخىۋىدىن ئىبارەت.

    ئوقوغۇچىلار ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار: 1. ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى قىسمى بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت. 2. ئارخىپقا سىلىندىغان ئەسەرلەر مەخسەتلىك ،پىلانلىق ھالدا توپلىنىدۇ. 3. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانىغا ئەھمىيەت بىرىلدۇ. 4. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئندىۋۇدۇاللىق پەرقىگە ئەھمىيەت بىرىلدۇ. 5. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزىشىگە پۇرسەت يارتىپ بىرىدۇ. 6. ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىدىكى مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ئانالىز قىلىدۇ ۋە چۈشەنچە بىرىدۇ. 7. ئۇ مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق.

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يتىلىش ئارخىۋىغا سىلىندىغان ماتىرياللارغا قارىتا بىر تۇتاش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنتەلەپ قويۇلمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا سىلىندىغان ماتىرياللار ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىددىيە- ئەخلاق، دەرسخانىدىكى پائالىيەتلىرى، تاپشۇرۇق ۋە ئەسەرلىرى،ئارتۇقچىلىقى، ئىرىشكەن شان- شەرەپ ۋە مۇكاپاتلىرى، ھەرقايسى پەنلەردىكى ئۈگۈنىش نەجىللىرى، تەن ساپاسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئىلىشى لازىم. كونكېرت قىلىپ ئىيتقاندا بىرقىسىم دەرسخانا مەشىقى، ئائىلە تاپشۇرقى، سىناق قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ. مەسىلەن: ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى يازغان بىرەر پارچە ھۆسنىخەت، ماقالە، ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرىسىزغان رەسىم، بىر قىتىملىق ئىمتىھان سۇئالى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوقوغۇچىلارنىڭ گۇرپىلاردىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تاماملىغان تاپشۇرۇق، ئەسەرلىرى، لايىھەسى ،كۈندىلىك خاتىرىسى، مەلۇم پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى ئالغا بىسىس ئەھۋالى، ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان ئەسەرلەرنى (مەسىلەن: رەسىم قوراشتۇرۇش، رەسىم سىزىش، ماتىماتىكا گىزىتى قاتارلىقلار ) ئۆزئىچىگە ئالسا بولىدۇ. ئۇ يەنە ئوقوتقۇچىلارنىڭ تەقدىرلىشى ۋە تەكلىۋى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھىسياتى ( ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، گۇرۇپپا پائالىيتىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسى، ئۆگۈنىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى، ھاسىلاتلىرى)، ئۆگۈنىش نەتىجە قەغىزى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالسىمۇ بولىدۇ. ئارخىپقا سىلىشقا بىئەپ بولغان ئەسەرلەرنى(مودىل، ئەۋرىشكە قاتارلىق) شارائىتى بار رايون، مەكتەپ، ئاتا- ئانىلار ئوقوغۇچىلارغا ياردەملىشىپ سۈرەتكە تارتىپ ئارخىپقا سالسا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرە ئارخىۋىغا سىلىنىدىغان ئەسەرلەر بولسا ، ئارخىپقا سىلىش ئۈچۈنلا تەييارلانغان ئەسەرلەر بولماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەسەرلەر بولىشى لازىم .

    ئارخىپقا سىىلىنىدان ئەسەرلەرنى تاللىغاندا ، مۇددا ئىنىق بولىشى لازىم . يەنى ئۇنى نىمە ئۈچۈن تاللىغانلىقىنى ئىنىق بىلىش كىرەك . ئەڭ ياخشىسى ئۇنى مەلۇم بىر تىما ياكى مەلۇم بىر پائالىيەت ئۆلچىمىگە .اساسەن تاللاش لازىم . تاللانغان ئەسەر مۇمكىن قەدەر ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سەۋىيسىنى ئەكس ئەتترۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى لازىم . بۇ تەلەپكە يىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى تاللاشتىكى سەۋەبى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتى قاتارلىقلارنىمۇ خاتىرىلەش كىرەك . مەسىلەن ، بىرتوپ ئوقوغۇچىلار قايسى نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىغا سىلىشنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، بىر قىسىم ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تولۇق نۇمۇر ئالغان بىر پارچە ئىمتىھان قەغىزىنى اخىپ خالتىسىغا سىلىپ ، ئجزلىرىنىڭ مۇشۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنلارنى ناھايىتى ياخشى ئىگىلىگەنلىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان . لىكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر ئوقوغۇ باشقىلارغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ھالدا 6= 2+3 دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىمتىھان قەغىزىنى ئارخىپ خالتىسىغا سالماقچى بولغان . ئۇ ئوقوغۇچى مەن گەرچە بۇ بۆلەكتىكى مەزمۇنلارنى ياخشى ئۆگەنگەن بولساممۇ ، ئەما مەن دائىم بىخەستىلىك قىلىمەن ، بۇ ئىمتىھان قەغىزى مىنى بۇ يىتەرسىزلىكىمنى تۈزىتىشىگە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ- دەيدۇ . مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر ئارخىپ خالتىسىغا سىلىنسا ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىش ئارخىۋى تىخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ . بىز يۇقارقى مىسالدىن شۇنى ئىنىڭ كۆرىۋىلالايمىزكى ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش مىخانىزىمى ئوقوغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ، ياخشى تەرپىنىلا خاتىرىلەش بولماستىن ، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى چوڭقۇر چۈشۈنىپ ئۆگىنىش پائالىيتىنىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت

    分享到:

    评论

  • يېقىندىن بېرى قىممىتى يۇقىرى، پايدىلىنىشچانلىقى بار ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز، ئۇسلۇبنىمۇ ئالماشتۇرۇپسىز، بۇ ئۇسلۇبمۇ شۇنداق يارىشىپتۇ. داۋانلىق تىرىشقايسىز!
    تەتقىقاتچى回复Arghu说:
    رەحمەت! مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى ئۉچۉن بولسىمۇ داۋاملىق تىرىشىمەن.
    2009-06-26 01:36:24