• 2009-06-24

    ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى بىۋاستە يەتكۈزدىڭىزمۇ ياكى ھەقىقى يىتەكلەش ئارقىلىق ئېرىشتۈردىڭىزمۇ ؟ - [ئوقوتۇش سەنئىتى]

    يەكۈن بىلەن جەرياننىڭ مۇناسىۋىتى ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋەت. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئۆگۈنىش بىلەن مۇلاھىزە ، بىلىم بىلەن ئەقلى ئىقتىدار، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يىڭىلىق يارىتىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرگە چېتىلىدۇ . ئوقۇتۇشتا يەكۈن يەتمەكچى بولغان مەقسەت ۋە ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىدىن ئىبارەت . ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇتۇش مەقسىدىگە يېتىش ياكى يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىسقا تېگىشلىك ھەركەت تەرتىپى. ئوقۇتۇشتا يەتمەكچى بولغان مۇھىم بىر مەقسەت ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان يەكۈننى  چۈشەندۈرۈش ۋە ئىگىلىتىشتىن ئىبارەت . شۇڭا يەكۈنگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . بىراق ئوقۇغۇچىلار بىر قاتار گۇمان ، ھۆكۈم ، سېلىشتۇرۇش ، تاللاش ، شۇنداقلا ماس ھالدىكى تەھلىل ، ئومۇملاشتۇرۇش ، يىغىنچاقلاش قاتارلىق بىلىش پائالىيىتىنى بېسىپ ئۆتمىسە ، يەنى  خىلمۇ – خىل تەپەككۈر جەريانى ۋە بىلىش ئۇسۇلى ، خىلمۇ – خىل قاراشلارنىڭ ئۇچرىشىشى، بەس – مۇنازىرە قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش بولمىسا يەكۈنگە ئېرىشىش تەس بولىدۇ . ئۇنى ھەقىقى چۈشۈنۈش ۋە مۇستەكەملەش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ . شۇڭا يەكۈنگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن جەريانغا تېخىمۇ ئەمىيەت بېرىش كىرەك . جەريان ۋە ئۇسۇل يىڭى دەرس نىشانىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى.

    ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ تەسىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى بىۋاستە بىلدۈرۈكە ئادەتلىنىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنىڭ يەكۈنىنى ئۆزى بىۋاستە يەتكۈزۈشكە ئالدىرايدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق  ئېرىشكەن بىلىمى مۇكەممەل بولمايدۇ . بۇ خىل بىلىمگە ئېرىشىش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىسىز . چۈنكى ئوقۇغۇچىلار بىلىمگە بىۋاستە ئېرىشكەن جەرياندا ئەقلى ئامىللارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يىتەرلىك بولمايدۇ . شۇڭا  ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بەرگەندە ، بىلىمنىڭ يەكۈنىنى بىۋاستە بىلدۈرۈشكە ئالدىرىماي ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ئىزدىنىشكە يىتەكلەش لازىم .ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تەپەككۇرىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويىشى كىرەك . ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە ھەقىقى يىتەكلىمىگەندە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە يىڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

    ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە ھەقىقى يىتەكلەشتە، ئالدى بىلەن قانداق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى، « بايقاپ ئۆگىنىش » ، « ئىزدىنىپ ئۆگىنىش» كە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشى، يېڭى دەرسنىڭ « قانداق ئۆگىتىش » جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى ياخشى ئىگىلىشى كىرەك.

    分享到: