-
2009-06-24
سىز دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلەلىدىڭىزمۇ ؟ - [ئوقوتۇش سەنئىتى]
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش لايىھىسىنى لايىھىلىگەندە ، بىلىم ۋە ماھارەت، جەريان ۋە ئۇسۇل، ھىسسىيات ۋە پوزۇتسىيە قىممەت قارىشى جەھەتتە، ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى گەۋدىلەندۈرسىمۇ ، لىكىن كونكېرت دەرسخانىدا ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزە، ئىزدىنىشكە تەشكىللەش پائالىيەتلىرىدە، ھەر قايسى گورپىلارنىڭ مۇلاھىزىسى ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ ، شۇنداقلا ھەر قايسى گورپىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئەھۋالىدىمۇ ئوخشىمىغان پەرىقلەر كىلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرى بىلەن دىققەت ئېتىبارىنى بىلە - بىلمىگەن ھالدا ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىن گۇمانسىراپ ، جىددىلىك ھىس قىلىپ ، كىيىنكى پائالىيەتلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېڭىرقاپ قالىدۇ . بۇ ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىدا : ئوقۇغۇچىلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىشى قانداقراق بولىۋاتىدۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار نىمىگە ئىھتىياجلىق ؟ مەن قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم قىلىشىم كىرەك ؟ دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر ئوقۇتقۇچى دىققەت - ئېتىبارىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى مەركەزلەشتۈرەلىسە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گورپا مۇھاكىمىلىرىگە چوڭقۇر چۆكەلەيدۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى پائالىيەتلەرنىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ، جىددىلىك كەيپىياتىمۇ تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولمايدۇ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش لايىھىسىنى لايىھىلىگەندە ، بىلىم ۋە ماھارەت ، جەريان ۋە ئۇسۇل. ھىسسىيات ۋە پوزۇتسىيە قىممەت قارىشى جەھەتتە ، ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى گەۋدىلەندۈرسىمۇ ، لىكىن كونكېرت دەرسخانىدا ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزە ، ئىزدىنىشكە تەشكىللەش پائالىيەتلىرىدە ، ھەر قايسى گورپىلارنىڭ مۇلاھىزىسى ناھايىتى قىزغىن بولۇپ ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ ، شۇنداقلا ھەر قايسى گورپىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئەھۋالىدىمۇ ئوخشىمىغان پەرىقلەر كىلىپ چىقىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ، ئوقۇتقۇچىلار ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرى بىلەن دىققەت ئېتىبارىنى بىلە - بىلمىگەن ھالدا ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىن گۇمانسىراپ ، جىددىلىك ھىس قىلىپ ، كىيىنكى پائالىيەتلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېڭىرقاپ قالىدۇ . بۇ ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىدا: ئوقۇغۇچىلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىشى قانداقراق بولىۋاتىدۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار نىمىگە ئىھتىياجلىق ؟ مەن قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم قىلىشىم كىرەك ؟ دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتۇرماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر ئوقۇتقۇچى دىققەت - ئېتىبارىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى مەركەزلەشتۈرەلىسە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گورپا مۇھاكىمىلىرىگە چوڭقۇر چۆكەلەيدۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى پائالىيەتلەرنىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ، جىددىلىك كەيپىياتىمۇ تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت بولمايدۇ .
ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈشتە، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دىققەت قىلىش لازىم. بۇ دىگەنلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قېلىۋاتقان بىر بۆلەك ئۇقۇغۇچىلارغا ئالايىھىدە ئەھمىيەت بېرىش كىرەكلىگىنى بۈلدۈرىدۇ. ھەر سائەتلىك دەرستە ، بىر بۆلەك ئوقۇغۇچىلار ھامان ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ . بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ بولمايدۇ ياكى تۈپتىن قاتناشمايدۇ . ئوقۇتقۇچى ئەنە ئاشۇ قاتناشمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى ، ئۇلار ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتامدۇ ، ئويلىنىۋاتامدۇ ياكى خىيالى سىرىتلاردا پەرۋاز قىلىۋاتامدۇ ۋە ياكى پاسسىپ ھالاتتە قوبۇل قىلىۋاتامدۇ ، بۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىچىدە بولىشى لازىم . ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى - ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسىنى قايتا ئويلىنىپ ، تىخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە جەلىپ قىلىپ كىرىشتىن ئىبارەت .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىشىدە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش شەكلىنى كۈزۈتۈشكە ئادەتلەنمەسلىك،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش روھىنى بايقاش ۋە ئىلھام بېرىشى يىتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى جەريان ۋە ئۇسۇلغا يىتەكلەش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋىتىدۇ . ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ئۇسۇلىدىكى پەرىقلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر شەكلى ۋە ئۈگىنىش جەريانىنى ئەستايىدىل كۈزۈتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغايدىغان ئۈچقۇن نوقتىلارنى قېزىشقا ماھىر بولۇش كىرەك . ئوقۇغۇچىلار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇرغىيدۇ ، تەپەككۇرى جانلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغاندا بۇنىڭ رولى تەخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكلىشىنىڭ مەقسىدى: ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىش، يىڭىلىق يارتىش ئارزۇسىنى قوزغاشتىن ئىبارەت .
قىسقىسى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ياخشى چۈشىنىش، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، نىمىگە ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپرەك ئويلۇنۇپ، قانداق ئوقۇتۇش ئۈستىدە، نەزىرىنى ھەقىقى تۈردە ئوقۇغۇچىلارغا يۆتكەش كىرەك.