-
2009-06-24
يىڭى دەرستە ئوقوتۇشنى لايىھىلەش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم(2) - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
1 . مەسىلىلەرنى ئويلانغاندا ئوقوچىلارنى چىقىش نوقتىسى قىلىش لازىم .
1)كۆپ ساندىكى ئوقوتقۇچىلار قولىغا قەلەمنى ئىلىپ ئوقوتۇش لايىھىسىنى تۈزۈشنى باشلىغاندا ، مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نوقتىلارنى چىقىش قىلىپ ئويلايدۇ . بەزىلەر مەن بۇ سائەتلىك دەرسنى قانداق سۆزلىشىم كىرەك ؟ دەپ ئويلىسا ، يەنە بەزىلەر بۇ سائەتلىك دەرسنى ئوقوغۇچىلار قانداق ئۆگەنسە بولار ؟ دەپ ئويلايدۇ . دەل مەسىلىنى ئويلاش نوقتىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ئوخشاش بولمىغان دەرس قارىشى شەكىللىنىدۇ .
ئىلگىرى ئەنئەنىۋى ئوقوتۇشتا ئوقوتقۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوي پىكىرىگە ۋە ھىسىياتىغا چوڭلارنىڭ پىسخىكىسى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلاتتى ، دەرسخانىدا بولسا ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوقوغۇچىلارغا مەجبۇرى تاڭاتتى ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس . يىڭى دەرستە بىز ئۆزىمىزنى بىر ئوقوغۇچى قاتارىدا كۆرۈپ ، بالىلارچە « پىسخىكا » بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوي پىكىرىنى ، ھىسياتىنى چۈشۈنىشىمىز ، ئوقوتۇشنى ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزقىشى ، خاركتىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن لايىھىلەشىمىز كىرەك . مەسىلەن ، ياش ئۆسمۈرلەر ھەركەتجان ، قىززىققاق ، ھەممىدە غەلبە قىلىشىنى ئويلايدىغان كىلىدۇ . ئۇلار ئۆگۈنىش پائالىيىتىدە يىڭى ، قىزىقارلىق نەرسىلەرگە بەك دىققەت قىلىدۇ ، شۇڭا بىز ئوقوتۇشنى لايىھىلىگەندە ئوقوغۇچىلارنىڭ يۇقارقى ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئويلىششىمىز لازىم .
2) ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم تەجرىبىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم .
ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم تەجىرىبىسىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ ، شۇ ئاساستا ئوقوتۇشنى لايىھىلەپ ، دەرس بايلىق مەنبەسىنى تولۇق ئىچىش لازىم . يەنى ئوقوتۇشتا ، بىرىنجىدىن ئوقوغۇچىلارنى چىقىش نوقتىسى قىلىش ؛ ئىككىنجىدىن ئوقوغۇچىلارنى زىدىيەتلەرنى ئىزدەپ تىپىشقا يىتەكلەش ؛ ئۈچۈنجىدىن ئەمەلىي مىساللارنى ئىزدەشكە يىتەكلەش كىرەك .
3)ئوقوغۇچىلاردىكى پەرىقنى تەتقىق قىلىش لازىم .
تامامەن بىر -بىرىگە ئوخاشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە ئادەم بولمايدۇ . ئوقوغۇچىلارمۇ شۇنداق بولغاچقا ، ھەممە ئوقوغۇچىغا ئوخشاشلا ماس كىلىدىغان ئوقوتۇش ئۇسۇلىنىڭمۇ بولىشى مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا ، ئوقوتۇشنى لايىھىلەشتە ئوقوغۇچىلاردىكى پەرقنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئاساسى ، خاراكتىرى قاتارلىق پەرقلىرىنى ئاساس قىلىش كىرەك .
2. ئىچىۋىتىلگەن دەرسخانا پائالىيىتىنى لايىھىلەش كىرەك .
ئەنئەنىۋى ئوقوتۇشتا بىز ئادەتتە دەرسلىكنى مەركەز قىلىش ، ئوقوتقۇچىنى مەركەز قىلىش ، دەرسخانىنى مەركەز قىلىشتەك دائىرىدىلا چەكلىنىپ قالاتتۇق . ئەمەلىيەتتە ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىجتىمائى ھادىسىلەر دەرسخانا ۋە دەرسلىكتە مىسال قىلىنغان ئىجتىمائى ھادىسىلەردىن كۆپ ۋە مۇرەكەپ بولىدۇ . ئوقوغۇچىلار پەقەت دەرسلىك كىتاپ ۋە دەرسخانىدا ئوقوتقۇچىنىڭ تەمىنلىگەن بىلىم تەجىرىبىسىگىلا تايىلىنىپ ، جەمىيەتتىكى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگۈرۈشچان ھادىسىلەرگە ماسلىشىپ تۇرمۇش كۆچۈرۈشى ، خىزمەت قىلىشى تولىمۇ قىيىن . شۇڭا ، يىڭى دەرستە ئىچىۋىتىلگەن دەرسخانا ئوقوتۇشىنى يولغا قويۇش ئىنتايىن مۇھىم .
ئىچىۋىتىلگەن دەرسخانا ئوقوتۇشىنى لايىھىلەشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتنى گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك .
1)ئوقوتۇش مەزمۇنى ئىچىۋىتىلگەن بولۇش لازىم . ئىلگىرى بىز ئوقوتۇشتا دەرسلىكنىلا ئاساس قىلاتتۇق . ھازىر يىڭى دەرس دەرس بايلىق مەنبەسىنى تولۇق ئىچىشنى ، دەرسلىكنىلا مەركەز قىلىشتەك ئىدىيىنى بۇزۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئەلۋەتتە دەرسلىك كىتاپ بولسا مۇھىم دەرس بايلىقى مەنبەسى ، ئەمما ئۇ ئوقوتۇشتىكى بىردىن بىر ئوقوتۇش بايلىقى مەنبەسى ئەمەس ، ئۇ ئوقوتۇشتىكى بىر ۋاستە خالاس . شۇڭا بىز ئوقوتۇشنى لايىھىلىگەندە ، دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە ، دەرس سىرتىدىكى كۆپلىگەن دەرس بايلىق مەنبەلىرىنى ئىچىشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك . ئىچىۋىتىلگەن ئوقوتۇش مەزمۇنى دەرسلىك كىتاپ ، دەرستىن سىرتقى ئوقوشلۇق ، موزىيخانا ، ئۆسمۈرلەر سارىيى ، خەلق باغچىسى ، ئىنقىلاۋى قۇربانلار قەۋرىستانلىقى ، يېزىلار ، زاۋۇت ، مەكتەپ دەرسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
2) ئوقوتۇش جەريانى ئىچىۋىتىلگەن بولۇش لازىم . ئەنئەنىۋى ئوقوتۇشتا ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرىش ۋە دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى دەرسنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسى قىلناتتى ، يىڭى دەرستە بۇخىل رامكىنى چوقۇم بۇزۇپ تاشلاپ ، ئوقوتۇش جەريانىنىڭ ئىچىۋىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم . ئۇنىڭ رامكىسى « دەرستىن ئىلگىرى قاتنىشىش___ دەرس جەريانىدا مۇھاكىمە قىلىش___ دەرس سىرتىغا كىڭەيتىش » شەكلىدە بولىدۇ .
ئوقوتۇش جەريانىنىڭ ئىچىۋىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۆۋەندىكى جەھەتلەرگە دىققەت قىلىش لازىم :
(1) دەرستىن ئىلگىرى ئوقوغۇچىلارغا ئوقوتۇش مەزمۇنىنى ئىلان قىلىپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئىزدەش ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش ، يىڭى دەرسنى ئالدن ئۆگۈنىپ كىلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش .
(2) دەرسخانا ئوقوتۇش مەزمۇنىنى دەرسخانا سىرتىغا ، جەمىيەتكە يۈزلەندۈرۈش .
(3) زۆرۈر تىپىلغاندا ، ئوقوغۇچىلارنى كۈتۈپخانا ، زاۋۇت ، كارخانا قاتارلىق سورۇنلارغا ئاپىرىپ دەرس سۆزلەش .
(4) ئائىلە باشلىقلىرى ئوقوتۇشقا قاتنىشىش ، مەكتەپ بىلەن ئائىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى زىچلاشتۇرۇش ، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئوقوتۇشنى ئورتاق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش .
3) ئوقوتۇشتىكى مەسىلىلەر ئىچىۋىتىلگەن بولۇش لازىم .
ئوقوتۇشتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىچىۋىتىلگەن بولىشى ئوقوغۇچىنىڭ جاۋابىنىڭ كۆپ خىللىششىىنى ، ھەتتا ئۆلچەملىك جاۋاب بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ . ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ ، مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمى ئاساستا پىكىر يۈرگۈزۈپ بەرگەن جاۋابلىرىغا قارىتا ، ئۆلچەملىك جاۋابنى قاتتىق دەستەك قىلىۋالماسلىق كىرەك .
ئەنئەنىۋى ئوقوتۇش بىر خىل يىپىق ھالەتتىكى ئوقوتۇش بولۇپ ، ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىدە دەرسلىك كىتاپنى ، ئوقوتقۇچىنىڭ دىگىنىنى ئۆلچەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئوقوتقۇچى ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ . نەتىجىدە ، بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرۈنى قاتماللاشتۇرۇپ قويىدۇ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقوتۇشى جەريانىدىكى تەسەۋۇرلىرى ، تەپەككۈرى ئوقوتقۇچى بىكىتىپ بەرگەن ئۆلچەملىك جاۋاپ تەرىپىدىن بوغۇلۇپ قىلىپ ، ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، يىڭى دەرستە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوچۇق تەپەككۈر قىلىشىغا يول قويۇپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ دادىل ھالدا پىكىر يۈرگۈزۈش ، ئۆز پىكىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم .
3 . دەرسخانا ئوقوتۇشىنى تەشكىللەش شەكلى كۆپ خىل بولۇش لازىم. نۆۋەتتە ئوتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن بىزار بولۇش ئەھۋالى نىسبەتەن ئىغىر بولماقتا . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بىزنىڭ ئوقوتۇشىمىزنىڭ ئاددى ۋە قاتمال بولۇپ قىلىپ ، ئوقوغۇچىلارنى ئوقوتۇشقا جەلىپ قىلالمىغانلىقىمىزدا . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقوتۇشنى لايىھىلىگەندە ئوقوتۇشنى تەشكىللەش شەكلىنىڭ قىزىقارلىق ، يۇمۇرلۇق ، مۇسابىقە خاراكتىرىنى ئالغان بولىشىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم .
بەزى ئوقوتقۇچىلار دەرس ئۆتكەندە ئوقوغۇچىلاردا خاتالىقلارنىڭ كۆپ بولۇپ كىتىشىدىن قورقۇپ ، ئوقوتۇش قۇرۇلمىسىنىڭ زىچ ، ئوقوتۇش جەريانىنىڭ راۋان بولىشىنى قوغلۇشۇپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئالدىن پىلانلىۋالغان ئوقوتۇش لايىھىسى رامكىسى ئىچىدە كىشەپ قويىدۇ – دە ، نەتىجىدە ئوقوتۇش جانسىز بولۇپ قالىدۇ . دەرسخانىدا زىدىيەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا ، ئوقوغۇچىلاردا تەپەككۈر يۈگۈزۈش بولمايدۇ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغىغىلىمۇ بولمايدۇ . ئەمەلىيەتتە دەرسخانىدا بىرقىسىم زىدىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ، بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ بولىشى ھەتتا بەزى خاتالىقلارنىڭ يۈز بىرىشى يامان ئىش ئەمەس . خاتالىقلار ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلغىلى ، كۈلكە ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغىلى ، ئوقوغۇچىلارنى ئازادە ، خۇش-چاقچاق كەيپىيات ئىچىدە بىلىم ئۆگىنىش ، خاتالىقلارنى تۈزۈتىشكە تەشكىللىگىلى بولىدۇ .
ئوقوتۇشتا مۈمكىن قەدەر ئۆگۈنىش مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش كىرەك . مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۇلاردىكى ھورۇنلۇق پىسخىكىسىنى يىڭىشىغا ياردەم بىرىدۇ . مۇسابىقىنى كونكىرت ئەھۋالغا ئاساسەن ، كۆپ خىل شەكىلدە تەشكىللەش لازىم . مەسىلەن ، ھىساپلاش ، دىكلىماتسىيە قىلىش ، يادىلاش ، قول سىلىپ ئىشلەش ، تەجىرىبە قىلىش قاتارلىقلار . مۇسابىقە ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ، ئاسان جاۋاپ بەرگىلى بولىدىغان سۇئاللارغا قارىتا ، « تالىشىپ جاۋاب بىرىش »، « قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بىرىش » قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ . قىيىنراق سۇئاللارغا قارىتا كىچىك گۇرپىلار بويىچە « كۈچ ئۇلاپ » جاۋاب بىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللانساق بولىدۇ . بەك قىيىن سۇئاللارغا نىسبەتەن « قىزىل بايراقنى تالىشىش » قاتارلىق مۇسابىقىلىشىش شەكىلىرىنى قوللانساق بولىدۇ .
4 . ئوقوغۇچىلارنى قاتنىشىش ، ئۆز بىشىدىن كۆچۈرۈش ، ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش لازىم .
ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئوقوتۇشىمىزدا ، ئوقوتقۇچى سۆزلەش ، ئوقوغۇچى ئاڭلاشتەك « قۇيۇپ قويۇش » شەكلىدىكى ئوقوتۇش ئۇسۇلى كۆپرەك قوللىناتتى . يېڭى دەرستە بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگۈنىش ، ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنىش ، ئىزدىنىپ ئۆگۈنىشىنى ئاساسى شەكىل قىلغان ئوقوتۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ . يىڭى دەرستە ئۆگىنىش پائالىينىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقوقى ئوقوغۇچىلارغا بىرىلگەن بولۇپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقوتۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئىلھام بىرىلىدۇ . شۇڭا بىز ئوقوتۇشنى لايىھىلىگەندە ئوقوتۇشتا كۆپخىل شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى لايىھىلەپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى قاتنىشىپ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگۈنىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرىشىمىز لازىم .
ئوقوتۇش پائالىيىتىنى لايىھىلىگەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك : (1) ئوقوغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ۋە ئۆزىنى كۆرسۈتىشكە پۇرسەت يارتىپ بىرىش . (2) ئوقوغۇچىلار ئۆزى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ ھىس قىلالايدىغان بولۇش . (3) ئوقوتقۇچى بىلەن ئوقوغۇچى ، ئوقوغۇچى بىلەن ئوقوغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسۈتۈش ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سورۇن ھازىرلاپ بىرىش . (4) ئوقوغۇچىلار مىڭە ئىشلىتەلەيدىغان ، سۆزلىيەلەيدىغان ، ئەمەلىيەتتە ئىشلىيەلەيدىغان ۋە ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارالايدىغان بولۇش . (5) ئوقوغۇچىلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ھالەتنى ئوقوغۇچىلار ھەركەت قىلىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرتىش ، پائالىيەت قىزقارلىق بولۇش ، ئوقوغۇچىلار ئۆگۈنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇش .
ئوقوتۇش پائالىيەتلىرىنى لايىھىلىگەندە ، تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ .
1) گۇمان قىلىش شەكلى : ئوقوغۇچىلار گۇمان قىلىش ← گۇمانىي ھالدا ئوقوش ← سىناق تەرەققىسىدە مۇزاكىرە قىلىش ← چوڭ گۇرىپىلار بويىچە ئالماشتۇرۇش ← گۇمانىي مەسىلىلەرنى يىشىش .
2) مۇزاكىرە قىلىش شەكلى : مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىنى ئوتۇرىغا قويۇش ← ئۆگىنىش ماتىرىيالىنى بىكىتىش ← كىچىك گۇرپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش ← پۈتۈن سىنىپ بويىچە ئالماشتۇرۇش .
3) مۇنازىرە قىلىش شەكلى : يىڭى دەرسلىكنى ئۆگىنىش ← مۇنازىرە تىمىسىنى بىكىتىش ← گۇرپىلار بويىچە تەييارلىق قىلىش ← گۇرپىلار ئارا مۇنازىرە قانات يايدۇرۇش ← مۇنازىرىدىن كىيىن ئوقوتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار بىرلىكتە خۇلاسە قىلىش .
4) كىچىك گۇرۇپپا شەكلى : ئوقوغۇچى ئۆزى ئۆگۈنىپ سىناپ كۆرۈش ← كىچىك گۇرۇپىلار بويىچە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ← گۇرۇپپا ۋەكىلى پىكىر قىلىش ← ئەلا گۇرۇپپىنى باھالاپ چىقىش .
5) زىيارەت قىلىش شەكلى : ئوقوتقۇچى زىيارەت قىلىشتىكى تەلەپلەرنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ← ئوقوغۇچى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ← زىيارەت خاتىرىسىنى ئەستايىدىل يىزىش ← زىيارەت ئەھۋالىنى دوكىلات قىلىش ← زىيارەت يەكۈنىنى چىقىرىش .
6) ئاساسى تىما شەكلى : دەرستىن ئىلگىرى ئاساسى تىمىنى بىكىتىش ← ئوقوغۇچىلار ماتىريال توپلاش ← ئوقوقوغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوي - پىكىرىنى تولۇق ئىپادىلەش ← ئوقوغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئاساسى تىمىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش .
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىش شەكلى : ئوقوغۇچى يىغىن رىياسەتسىنىڭ رولىنى ئىلىش ، ئوقوتقۇچى ئارقا سەپكە قايتىپ رېژىسورلۇق قىلىش ، پۈتۈن دەرسكە ئوقوغۇچىلار ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىش ، سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، جاۋاب بىرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئىچىش .
5 . ئازادە ۋە ئىناق دەرسخانا كەيپىياتىنى يارىتىشقا دىققەت قىلىش لازىم .
پىسخولوگىيىلىك تەتەقىقاتلاردىن قارىغاندا ، ئادەمنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتى ئازادە ، ئىناق مۇھىت ئىچىدىلا ئاندىن ناھايىتى جانلىق بولىدۇ . ئەكىسچە بولغاندا ، ئادەمنىڭ تەپەككۈرى قاتماللىشىپ ، ئىجادىي تەپەككۈر ئىلىپ بىرىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ .
دەرستە دىمكۇراتىك بولۇش ئازادە ، ئىناق بولغان دەرسخانا كەيپىياتى يارىتىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى . ئوقوغۇچىلار دىمكۇراتىك ، ئازادە بولغان مۇھىت ئىچىدە ئۆگىنىش ئىلىپ بارغاندا ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى باشتىن ئاخىرى ئاكتىپ ، جانلىق ھالەتتە بولىدۇ . ئوقوغۇچىلار ئويلاشقا ، سۆزلەشكە ، گۇمانى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ، يىڭىلىق يارىتىشقا ، ئۆز پىكىرىنى ئوتۇرىغا قويۇشقا جۈئەت قىلالايدۇ . شۇڭا ئوقوتقۇچىلار ئوقوتۇشنى لايىھىلەشتە يۇقارقىدەك مۇھىت يارىتىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى لازىم .
بەزى مەكتەپلەر يۇقارقىدەك مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن « بىرنى بىكارقىلىش » ، « ئىككىنى تەشەببۇس قىلىش » ، « ئۈچكە يول قويۇش » نى ئوتۇرىغا قويغان . بۇنى بىزمۇ ئوقوتۇش ئەمەلىيىتىمىزدە تەشەببۇس قىلىشىمىز لازىم .
بىرنى بىكار قىلىش : دەرستە باشتىن ئاخىرى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ ، كۆكرىگىنى تىك تۇتۇپ ، تۈپ - تۈز ھالەتتە جىم ئولتۇرۇش ھالىتىنى بىكار قىلىش .
ئىككىنى تەشەببۇس قىلىش : خاتالىقنى بايقاش __ خاتالىق ( ئوقوتقۇچىلاردىكى ، دەرسلىكتىكى خاتالىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ) بولسا تۈزۈتۈشنى تەشەببۇس قىلىش ؛ گۇمانىي نوقتىلارنى بايقاش __ گۇمانىي مەسىلىلەر بولسا سوراش ، دادىل گۇمان قىلىش ، ئاكتىپ چۈشەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش .
ئۈچكە روخسەت قىلىش : قول كۆتۈرۈش __ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش ؛ مەشىق قىلىش __ مەسلىھەتلىشىشكە رۇخسەت قىلىش ؛ لىكسىيە ئاڭلاش __ ئۈگۈنىش نىشانىنى چۆرىدەپ يىقىن ئەتىراپىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بوش ئاۋازدا پاراڭلىشىشقا ، ماتىرىيال ئاختۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش .
يىڭى دەرستە ئوقوتۇش مۇھىتى يارىتىش يۇقارقى جەھەتلەردىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ ، يەنە ئۈچ ئۆلچىملىك نىشاننى زىچ بىرلەشتۈرۈش لايىھىسى ، دەرسخانا ئوقوتۇشىدىكى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىلھام بىرىش تىپىدىكى باھالاش لايىھىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
دىمەك ، بىز ئوقوتۇش ئەمەلىيىتىدە ئوقوتۇشنى لايىھىلىگەىنىمىزدە ، چوقۇم ئوقوغۇچىلارنى ئاساس قىلىش ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساس بولۇش رولىى ۋە خوجايىنلىق ئورنىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم .