-
2009-06-24
يىڭى دەرستە ئوقوتۇشنى لايىھىلەش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئابدۇغەنى ھەبىبۇللا
ئوقوتۇشنى لايىھىلەش بىر خىل ئىجادىيەت، بىر خىل تەپەككۈر يولى ۋە بىر خىل ئەقىل پاراسەتتۇر.
يىڭى دەرستە ئوقوتقۇچىلار ھەقىقىتەن بىر قىسىم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى يىڭى دەرسلىك كىاپنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن دەرسنى زادى قانداق تەييارلاش، ئوقوتۇشنى قانداق لايىھىلەش مەسىلىسى ئوقوتقۇچىلارنىڭ بىشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى . ئۇنداقتا يىڭى دەرستە ئوقوتۇشنى زادى قانداق لايىھىلەش كىرەك ؟ ئوقوتقۇچىلار قانداق قىلغاندا يىڭى دەرسكە تىزدىن ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ ؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە دەرس تەييارلاشنى ئاساس قىلغان ئوقوتۇشنى لايىھىلەشىنى چىڭ تۇتۇش لازىم . تۆۋەندە ئوقوتۇشنى لايىھىلەش توغرىسىدىكى يۈزەكى پىكىرلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا سۇنماقچىمەن .
ئوقوتۇشنى لايىھىلەش بولسا دەرسخانا ئوقوتۇشىنى ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە پىلانلاشنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى دەرسخانا ئوقوتۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئوقوتۇشنى ئالدىن پىلانلاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى كۆرسىتىد ۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
1 . پىلانلىنىشچانلىق. دەرسخانا ئوقوتۇشىنى لايىھىلەش ئەمەلىيەتتە ئوقوتۇش جەريانىدىكى تۈرلۈك ھالقىلارنى بىر يۈرۈش پىلانلاشنى كۆرسىتىد ۇ. مەسىلەن، ئوقوتۇش نىشانىنى بىكىتىش ، دەرس بايلىق مەنبەسىنى ئىچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ، ئوقوتۇشتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلارنى بىكىتىش ، ئوقوتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقوتۇش ۋاستىلىرىنى تاللاش قاتارلىقلارنى پىلانلاش قاتارلىقلا ر. بۇ خىل ئوقوتۇشقا بولغان ئومومى يۈزلۈك پىلان بولغاندىلا ئوقوتۇش خىزمىتىنى رىتىملىق ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.
2 . ئالدىن پەرەز قىلىىشچانلىق . ئوقوتۇشنى ئومومىيۈزلۈك پىلانلىغاندا ، ئوقوتقۇچى پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ، دەرسلىك مەزمۇنىنى ، ئۆگۈنىش مۇھىتىنى ، ئوقوتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقوتۇش ھەركىتىدىن كىلىپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ئوقوتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ قايتۇرۇش مۈمكىنچىلىكى بولغان ئىنكاسى قاتارلىقلارنى ئۆز كاللىسىدا پەرەز قىلىپ ، ئوقوتۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئالدىن ئىشلەشنى مەخسەت قىلىدۇ .
3 . ئىجادىيەتچانلىق . ئىجادىيەتچانلىق دىگىنىمىز ئوقوتقۇچىنىڭ دەرسلىك كىتاپ ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالاھىدە ھەم خاسلىققا ئىگە ئوقوتۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ ، دەرسخانا ئوقوتۇشىدا داۋاملىق يىڭىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .
نىمە ئۈچۈن ئوقوتۇشنى لايىھىلەشكە ئەھمىيەت بىرىشمىز كىرەك؟
1 . ئۇ دەرس ئۆلچىمىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ ، دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى .
دەرس تەييارلاش ۋە ئوقۇتۇشنى لايىھىلەش دەرس ئىسلاھاتىنىڭ بۆسۈش ئىغىزى . شۇڭا بىز يىڭى دەرسكە تىزدىن ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن دەرس ئۆلچىمىنى ئوقوتۇشنى لايىھىلەش جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز ، دەرس ئۆلچىمىنىڭ روھىنى ئوقوتۇش لايىھىسىدە ئەكىس ئەتتۈرۈشىمىز لازىم . پەقەت بىز دەرس ئۆلچىمىنى ئوقوتۇش نىشانىنى بىكىتىش ، دەرس مەزمۇنىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئوقوتۇشنى تەشكىللەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىللىرىغا سىڭدۈرەلىسەكلا ، ئاندىن يىڭى دەرسنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرالايمىز .ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىزنىڭ دەرس ئولچىمىنى ئۆگۈنىشىمىز بىر ئىش ، دەرس تەييارلىشىمىز بىر ئىش بولۇپ ، ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا بولۇش ھادىسسى كىلىپ چىقىدۇ .
دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ، خىلى كۆپ ئوقوتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقوتۇشىدا « يىڭى ئاياق كىيىپ ، كونا يولدا مىڭىش » ئەھۋالى يەنىلا ساقلىنىۋاتىدۇ . بۇنى دەرسخانا ئوقوتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق بولمىدى دىگەندىن كۆرە ، دەرسخانا ئوقوتۇشى ئىدىيىسى ۋە قارىشىدا بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلگىرلەش بولمىدى دىگەن تۈزۈك . شۇڭا ، دەرس ئىسلاھاتىغا قاتناشقان ئوقوتقۇچىلار ئەنئەنىۋى دەرس تەييارلاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ ، ئوقوتۇش لايىھىسىنى يۈزەكى تۈزۈپ قويۇشتەك ئەھۋاللارنى تۈگۈتۈپ ، ئوقوتۇش لايىھىسىنى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز لازىم .
2 . دەرسخانا ئوقوتۇش ئۈنۈمىنى ۋە سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئىھتىياجى .
نۆۋەتتە بىزنىڭ ئوتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئوقوتۇشنى لايىھىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ياكى ئوقوتۇشنى لايىھىلەشكە ماھىر بولماسلىقتەك ئەھۋاللار ئومومىيۈزلىك ساقلىنىۋاتىدۇ .مەسىلەن ، ئوقوتۇشقا بولغان ئومومىيۈزلىك لايىھە كەمچىل بولۇش ، لايىھە يىرىك ھەم ئاددى بولۇش ، تەكرارلىنىشچانلىقى كۆپ بولۇش قاتارلىقلار . شۇ سەۋەپتىن سەرپ قىلغان ئوقوتۇش ۋاقتى ۋە زىھنى كۈچۈمىز كۆپ بولسىمۇ ، كۆڭۈلدىكىدەك ئوقوتۇش ئۈنۈمىگە ئىرشەلمەيۋاتىمىز .
دەرسخانا ئوقوتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقوتۇش سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىمىز دەيدىكەنمىز ، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقوتۇشنى لايىھىلەش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيتەت بىرىشىمىز لازىم .
3 . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقوتۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئىھتىياجى .
ئوقوتۇشنى لايىھىلەش ئىقتىدارى ئوقوتقۇچىلارنىڭ بىر خىل ئۇنۋىرسال ئىقتىدارى ، شۇنداقلا يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئوقوتۇشنى لايىھىلەش جەريانى ئوقوتقۇچىنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىنى ، دەرسلىكنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
ئوقوتۇش بىر خىل ئىجادى ئەمگەك بولۇپ ، ئۇنى مۇقىم بىر قىلىپقا كىرگۈزىۋىلىشقا بولمايدۇ . چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيسى ، خاراكتىرى ، تۇرىۋاتقان مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا ئوقوتۇشمۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەبىئى ھالدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپقا ئىگە بولىشى لازىم . يەنى ئوقوتقۇچى ئوخشاش بولمىغان ئوقوغۇچىلار، ئوخشاش بولمىغان دەرس مەزمۇنى ، ئوخشاش بولمىغان ئوقوتۇش تەلىپىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئوقوتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇش لازىم .
ئۇنداقتا يىڭى دەرستە دەرسخانا ئوقوتۇشى لايىھەسىنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسى رامكىسىغا قاراپ باقايلى:
ئوقوتۇش نىشانىنى بىلىتىش ← ئوقوتۇش مەزمۇنىنى بىكىتىش ← ئوقوتۇشنى تەشكىللەش شەكلى ← ئالدىن پىلانلانغان ئوقوتۇش لايىھىسى ← دەرسخانىدىكى ئۆزگۈرۈشكە ئاساسەن لايىھىنى ئۆزگەرتىش
بۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەرنى ئەتىراپلىق ئويلىشىش لازىم :
1 . ئوقوتۇش نىشانىنى بىكىتىشتە : 1) ئوقوتۇش نىشانى ئەتىراپلىق ، كونكىرت ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش . 2) ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان زىچ بىرلىشكەن بولۇش . 3) دەرسخانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار بولسا قانداق قىلىش كىرەك ؟ دىگەننى ئويلۇشۇش .
2 . ئوقوتۇش مەزمۇنىنى بىر تەرەپ قىلىشتا : 1) ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ئويلۇشۇش ، دەرس مەزمۇنىنىڭ ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ مىڭىشى ۋە قىيىننى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئويلشۇش . 2) پايدىلىنىشقا بولىدىغان دەرس بايلىق مەنبەسى ئويلۇشۇش . 3) دەرسلىكنىڭ ئوتۇرىغا چىقىش شەكلى . 4) ئوقوغۇچىلار سوراپ قىلىش مۈنكىنچىلىكى بولغان سۇئاللارنى ئويلۇشۇش .
3 . ئوقوتۇشنى تەشكىللەش شەكلى : 1) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش . 2) ئوقوتۇش كۆپ خىللىشىش . 3) مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنىش . 4) مەسىلىنى مەركەز قىلىش . 5) ئوقوتۇشتا دىمكۇراتىك كەيپىياتنى يارىتىش . 6)ئالدىن پىلانلانغان لاھىيە بۇزۇلۇپ كەتسە قانداق قىلىش كىرەك ؟ دىگەنلەرنى ئويلۇشۇش .
ئوقوتۇشنى لايىھىلەشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم .