• 2009-06-22

    كومەنيۇس 夸美纽斯(1592-1670 J.A.Comenius) - [مائارىپ پىشۋالىرى]

    17-ئەسىردە چىخ دۆلىتىدە ئۆتكەن مەشھۇر مائارىپشۇناس ۋە ئىسلاھاتچى بولۇپ، «مائارىپ ساھەسىدىكى كوپىرنىك» دەپ نام ئالغان. ئۇ ھاياتىدا مىللىي زۇلۇم، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە 30يىللىق ئۇرۇش قىيىنچىلىقلىرىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، باشتىن-ئاخىرى مائارىپ خىزمىتىنى تاشلاپ قويمىغان. «ئوقوتۇش چوڭ نەزىرىيىسى»، «ئانا تەربىيە مەكتىپى»، «كەڭ ئەقىل مەكتىپى»، «تەبىي تالانتنى يىتىلدۈرۈش» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى ئۇنى دۇنياغا تونۇتقان. بولۇپمۇ «ئوقوتۇش چوڭ نەزىرىيىسى» دىگەن ئەسىرىدە يېڭىچە بۇرژۇئازىيە مائارىپ تەشەببۇسى ئىھتىياتچانلىق ۋە سىستىمىلىق ھالدا بايان قىلىپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان بىر سىستىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىقىنقى زامان مائارىپ نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.

    كومەنيۇس 17-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ «كەڭ ئەقىل» (pamsophia) مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. «كەڭ ئەقىل» دىگىنىمىز- كومەنىيۇسنىڭ قارىشىچە كەڭ، ئەتىراپلىق بىلىم بولۇپ، «كەڭ ئەقىل» مائارىپى «كەڭ ئەقىل» غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قورال. «كەڭ ئەقىل» مائارىپى تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىنى تەكىتلەيدۇ. بىرىنجى، مائارىپنى ئومومىلاشتۇرۇش، يەنى بارلىق بالىلار مەيلى ئوغۇل ياكى قىز، باي ياكى نامرات بولۇشتىن قەتئىنەزەر ھەممە ئادەم مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىشى كىرەك. ئىككىنجى، ھەممە ئادەم ھەممىنى ئۆگۈنىشى كىرەك. بۇنىڭغا قارىتا كومەنيۇس چۈشەنچە بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئەقىل تىپىدىكى مەكتەپ بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمىز، يەنى ئەتىراپلىق ئەقىل تىپىدىكى مەكتەپ، ئەقىل زاۋۇتى بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمىز. بۇ يەردە ھەرقانداق ئادەم تەربىيە ئالالايدۇ، بۇ يەردە ھەممە ئادەم نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشتا ئىھتىياجلىق بارلىق بىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆگۈنەلەيدۇ.

    « ئوقوتۇش چوڭ نەزىرىيىسى» دە، ئۇ كەڭ ئەقىل مائارىپى ئىدىيىسىنى « بارلىق شەيئىلەرنى بارلىق ئىنسانلارغا ئۆگۈتىش كىرەك» دەپ يىغانچىقلىغان.ئۇ يەنە كەڭ ئەقىل مائارىپى ھەممە ئادەمنىڭ بارلىق سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننى مۇپەسسەل ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ھىچكىم بۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىلىم- پەن بەك كەڭ ھەم بەك مۇرەككەپ، ئادەمنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ-دەپ قارايدۇ.

    «كەڭ ئەقىل» مائارىپى تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. بىرىنجى، «شەيئىلەرنى تونۇش». «كەڭ ئەقىل» مائارىپى «بارلىق بىلىم ساھەسىدىكى جەۋھەرلەرنىڭ يىغىندىسىنى ئوقوغۇچىلارغا سىڭدۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا بارلىق بىلىش زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى بىلدۈرۈش، بارلىق شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى، بارلىق شەيئىلەردىن توغرا ۋە پايدىلىق پايدىلىنىشنى بىلدۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنجى، مەشغۇلاتتا پىششىق بولۇش. كەڭ ئەقىل مائارىپى ئەقىل بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلەپ، ئوقوغۇچىلارنى جانلىق، ھەرقانداق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، تىرىشچان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ياشلاردىن ھەركەت جەريانىدا سەمىمىي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈچىنجى، «تىلى گۈزەل بولۇش»، كەڭ ئەقىل مائارىپى ئوقوغۇچىلارنى تىل جەھەتتە كىشىلەر رازى بولغۇدەك دەرجىگە يىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    كەڭ ئەقىل مائارىپى ۋە كەڭ ئەقىل مەكتىپى بولسا كونىلىق تىپىدىكى مەكتەپلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئىسلاھ قىلىشتۇر. كومەنيۇس «مەكتەپلەرنى ئىسلاھ قىلش تامامەن مۈنكىن بولىدىغان ئىش، ئەمما بۇ خىل مۈمكىنچىلىك چوقۇم يېڭى مائارىپ پىرىنسىپى-مائارىپ تەبىئەتكە ماسلىشىش ئاساسىغا قۇرۇلىشى كىرەك-دەپ تەكىتلەيدۇ. مائارىپنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىشى بىرىنجىدىن مائارىپنىڭ تەبىئەت تەرتىۋىگە ئەمەل قىلىشىنى، ئىككىنجىدىن مائارىپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەبىئىتىگە ئاساسەن ئىلىپ بىرىلىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلەشنى كۆرسىتىدۇ.

    كومەنيۇس يەنە مۇنداق قارايدۇ، مائارىپ بالىلارنىڭ مىجەز خۇلىقى، ياش ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىشى لازىم. بەزى بالىلار زىرەك بولسا بىر قىسىم بالىلار دۆترەك كىلىدۇ، بەزى بالىلار مۇلايىم بولسا، يەنە بىر قىسىم بالىلار قەيسەر، تىز پۈكمەس كىلىدۇ، بىر قىسىم بالىلارنىڭ بىلىم ئىلىش ئىستىگى كۈچلۈك بولسا، بىر قىسىم بالىلار مىخاينىكىلىق ماھارەتكە ئامراق كىلىدۇ، شۇڭا مائارىپ ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلا قىلىشى كىرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مەكتەپلەرنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشنى، ئوقوغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش دەرىجىسىدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەرنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشنى زورلىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

    分享到: