• 2009-06-22

    كوڭزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى551-479 ) - [مائارىپ پىشۋالىرى]

                                     كوڭزى (مىلادىدىن بۇرۇنقى551-479 )

    جوڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن ئۇلۇق مائارىپشۇناس، مۇتەپپەككۈر، سىياسىيون، شۇنداقلا جوڭگۇ قەدىمقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى ۋە فىئودال مائارىپنىڭ ئاساس سالغۇچىسى.ئۇنىڭ جوڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىغا كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇر. كوڭزى 30 يىشىدىن باشلاپلا شاگەرت قوبۇل قىلىپ ئىلىم ئۆگۈتىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ 3000 شاگىرت قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «6 خىل ماھارەت“六艺”» (6 خىل ماھارەت: جوۋ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى مائارىپتا ئاق سۆڭەكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقويدىغان دەرسلەر بولۇپ، ئۇلار قائىدە-يۇسۇن(سىياسى، ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، سۆز-ھەركەت ئادىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سەنئەت(مۇزېكا، ئۇسۇل، شىئېر قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقيا ئىتىش، ھەيدەش(جەڭ ماشىنىسىنى ھەيدەش مەشىقى)، يېزىقچىلىق(خەت تونۇش تەربىيىسى) سان( ماتىماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەن تىخنىكىسى ۋە دىنىي تەربىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى تۆت تۈر « چوڭ ماھرەت» بولۇپ، ئاق سۆڭەكلەر پەرزەنتلىرى ھوقوق تۇتۇشتا چوقوم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ماھارەت ھىساپلىنىپ، ئالىي مەكتەپتە چوڭقۇرلاپ ئۆگۈنىدىغان دەرسلەر؛ كىيىنكى ئىككىسى بولسا «كىچىك ماھارەت» بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىھتىياجلىق پەنلەر دەپ قارىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا چوقوم ئوقويدىغان زورۈر دەرسلەر) دە كامالەتكە يەتكىنى 72 نەپەر. كوڭزى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى كوڭزىنىڭ ھايات چاغلىرىدىكى خاتىرلىرىنى رەتلەپ «مۇھاكىمە ۋە بايان» نى تزۈپ چىققان، «مۇھاكىمە ۋە بايان» كوڭزى تەرەپدارلىنىڭ كىلاسسىك ئەسىرى بولۇپ، ئۇ جوڭگۇ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا شۇنداقلا دۇنيا مائارىپىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

    分享到: