• 2009-06-13

    ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى ياخشى تاللاش كىرەك - [مەكتەپ باشقۇرۇش]

    ئوتتۇرا قاتلام بىر كوللىكتىپنىڭ خىزمەتلەردە نەتىجە قازىنىش ياكى قازىنالماسلىقىدىكى موھىم ھالقا . سادىق ، ئىشەنچىلىك ، تىرىشچان ۋە كەسىپنى قەدىرلەيدىغان پەزىلەتكە ئىگە بىر كوللىكتىپ بولىدىكەن ، ئۇ چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەپ مەكتەپنىڭ خىزمەت نىشانىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ . ياخشى بىر ئوتتۇرا قاتلام كادىرى سادىق ، ئىشەنچىلىك ،تىرىشچان ۋە كەسىپنى قەدىرلەيدىغان پەزىلەت ۋە نام – ئاتاق ، پۇل - مال ئۈچۈن ئۆزىنى تەۋرەتمەيدىغان ئىسىل پەزىلەتنى ھازىرلاپلا قالماستىن بەلكى يەنە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كىرەك :

    (1)ئۆزىنىڭ قىممەت قارشى ۋە ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىشقا ئامراق بولۇش ، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش .

    (2) ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى ، ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالىشى كىرەك .

    (3) باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالىشى ، مەسىلە كۆرۈلسە باشقىلارغا ئىتتىرماسلىقى كىرەك .

    (4) توغرا نىشان كۆرسەتمە ، ئېنىق تەشكىلى قۇرۇلما ۋە شەكىلگە ئەمەل قىلىشى كىرەك .

    ئەلۋەتتە ، ئادەمنىڭ ئاجىزلىقىمۇ بولىدۇ ، مۇۋاپىققىيەتنىڭ يولى ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ يىتەرسىزلىكتىن خالى بولۇشتا . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەدبىقلاشقا ماھىر بولۇش كىرەك .

    分享到: