• 2009-06-13

    ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەش كىرەك - [مائارىپ ئىسلاھاتى]

    نوپۇز بولسا بىر خىل تىزگىنلەش خاراكتىرىدىكى كۈچ . ئادەملەرنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ . بىر تۈردىكىلىرى ، قائىدە ـ تۈزۈم تۈزگۈچىلەر ؛ يەنە بىر تۈردىكىلىرى ، قائىدە ـ تۈزۈملەرگە رۇئايە قىلغۇچىلار . بىر رەھبەر بولغان ئىكەنسىز ،  سىزدە قول ئاستىدىكىلىرڭىزنى قائىدە – تۈزۈملەرگە رۇئايە قىلدۇرالايدىغان كونتۇرۇل قىلىش كۈچى يىتەرلىك بولۇشى كىرەك . يەنى ، ئۇلار بىر تەرەپتىن رەھبەرلىكنى ھۆرمەت قىلىشى ، يەنە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كىرەك .بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك .

      باشقۇرۇش بىر مەيدان كونتۇرۇل قىلىش خاراكتىردىكى ئويۇندىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەگەر سىز ئەقىللىق بولسىڭىز چوقۇم ئۇتالايسىز ، ئۇنداق بولمايدىكەن تەقدىرىڭىزدىن كۆرمەي ئامال يوق .

    بۇ بىر مەيدان ئويۇندا غەلبە قىلىمەن دەيدكەنسىز ، ئالدى بىلەن سىز چوقۇم بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى ياخشى لاھىيلىشىڭىز كىرەك ، مەسىلەن : ۋەزىپە ھوقوق چەكلىمىسى ، ھەركەت دائىرسى ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش قائىدىسى قاتارلىقلار .

    ئويۇن ئالدىدا سىزنىڭ پەقەت مۇنداق ئىككى خىللا تاللاش يولىڭىز بار : بىرى ، ئۆزىڭىزنىڭ چوقۇم ئۇتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كىرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بارلىق كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىپ ھەممىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشىڭىز كىرەك ؛ يەنە بىرى بۇ ئويۇننى ئوينىماسلىقىڭىز كىرەك .

    ئەگەر سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز بولمىسا ، ئۇنداقتا بۇ ئويۇندا ئۇتۇش ـ ئۇتماسلىقنى قارار قىلىدىغان ھوقوق سىزنىڭ قولىڭىزدا بولمايدۇ . بۇ قۇرقۇنچاقلىق سىزنى تەدبىر قوللىنىشتىن توسىدۇ ، نەتىجىدە سىز مەغلۇپ بولىسىز .

    ھەر بىر ئويۇنغا قاتناشقۇچى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى، ئەگەر ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلالىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ھەممە ئادەمدىن غالىپ تۇرىسىز .

    نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئويۇندا ئۇتىۋىلىش ئۈچۈن سىز باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق ئۇتقانلىقىڭىزنى ھىس قىلىسىز . ئەپسۇسكى ، بىر مەيدان ئورتاق ئۇتقان ئويۇندا ھامان بىر ئۇتتۇرغۇچى بولىدۇ . ئەگەر سىز ئەقىل پاراسىتىڭىزنى تولۇق ئىشلەتمىسىڭىز ، ئۇنداقتا ئۇتتۇرغۇچى چوقۇم سىز بولىسىز.

    سىز بارلىق ئادەملەرنىڭ رەقىبى ، بەزىدە ئىشلىتىلىشىڭىز ، بەزىدە چىقىرىپ تاشلىنىشىڭىز مۈمكىن ؛ بارلىق ئادەملەر سىزنىڭ رەقىبىڭىز ، بەزىلەرنى ئىشلىتىشىڭىز مۈمكىن ، بەزىلەرنى بىرتەرەپكە تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتمەسلىكىڭىز مۈمكىن .

    ئويۇنغا قاتناشقان بارلىق ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى تىپىشقا تىرىشىدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئامال قىلىپ پايدىلىنىدۇ . شۇڭا سىز ئىشەنچىڭىزنى چىڭىتىپ ، ھۇشيارلىقىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرىشىڭىز كىرەك .

    ئەگەر راستىنلا ئەقىللىق بولسىڭىز ، قەستەن مەلۇم بىر جەھەتتىكى ئاجىز تەرىپىڭىزنى ئىپادىلەڭ ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن رەقىبىڭىزنى بوشاشتۇرالايسىز ، بۇ بىر خىل ئاقىلانە چارە .

    كونتۇرۇل قىلىش خاراكتىردىكى بىر مەيدان ئويۇندا ئۇتۇش ئۈچۈن ، سىز چوقۇم ھىسسىياتتىن پايدىلىنىشنى ئۈگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك . سىزنىڭ ھىسسىياتىڭىز باشقىلارنى تەۋرىتەلەيدۇ ھەم باشقىلار تەرپىدىن پايدىلىنىدۇ .

    ئادەم بولۇش دىگەنلىك رىقابەتچى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش دىگەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى .

    باشقۇرۇش خىزمىتىدە ، مەلۇم بىر ئويۇن قائىدىسىگە ئۆزىنى زومۇزو چۈشەپ قويماسلىق كىرەك . بارلىق قائىدە – تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسى ئويۇندا ئوڭۇشلۇق ئۇتۇش ئۈچۈن بولۇپ ، ماھىرلىق بىلەن بۇ قائىدە – تۈزۈملەردىن پايدىلانسىڭىزلا بولىدۇ .

    分享到: