• 2009-06-13

    كۈچلۈك بولغان باشقۇرۇرش سەنئىتىنى ھازىرلاش - [مەكتەپ باشقۇرۇش]

    باشقۇرغۇچى چوقۇم كۈچلۇك بولغان باشقۇرۇرش سەنئىتىنى ھازىرلىشى كىرەك . باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈكلىگى دىگىنىمىز باشقۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىى ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنىڭ خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇنداش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ باشقۇرغۇچىنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە نىسپەتەن ھەقىقى رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت . مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئىكەنسىز ، دائىم ئوقۇتقۇچىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ ئۇنى كۆرۈپ تۇرشىڭىز مۈمكىن ئەمەس ، سىز پەقەت ئوقۇتۇشنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاڭلىق بىر ھەركىتىگە ئايلاندۇرالىسىڭىزلا شۇ كۇپايە .

    باشقۇرۇشنىڭ كۈچلۈكلىكى تۆۋەندىكىلەرنىڭ خىزمەتتە تەشەببۇسكار بولۇشىنى ، باشقۇرغۇچى ئىگە بولغان رەھبەرلىكنىڭ چىنلىقىنى تەكىتلەيدۇ . ئۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارى ، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ، ماسلىشىش ئىقتىدارى ھەمدە يېقىنلىق ۋە ئابرۇي(ئىناۋەت) قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىشىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 4 قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

     ئابروي  بولۇشى كىرەك . ئابروي تۆۋەندىكىلەرنى ئەتراپىڭىزغا ئۇيۇشتۇرالايدۇ ، شۇئارقىلىق پۈتكۈل كوللىكتىپنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە كۆرەش قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىنىدۇ .

    ئۇچۇر باشقۇرۇش . ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمان بولۇش كىرەك ، بۇنداق قىلغاندا ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر خىزمەت نىشانىنى ئىنىق تونۇپ ، شۇ ئارقىلىق دىموكراتىك قارارلار ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقى قوزغىتىلىدۇ .

     سەمىمى ئالماشتۇرۇش . باشقۇرغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىممىتىگە بولغان تونۇشى ۋە باشقۇرغۇچىغا بولغان قوللىشىنى كۇچايتىدۇ .

    ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇش . ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى سىزنىڭ قول ئاستىڭىزدا ئىشلەشنىڭ قىممىتى بارلىقىغا ئىشەندۈرىشىڭىز كىرەك . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۇلار تىخىمۇ بىرىلىپ ئىشلەيدۇ ، تىخىمۇ ئاكتىپ بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە تىخىمۇ ماھىر بولۇپ ، تىخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەمگەك ئۈنىمىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ .

    分享到: