-
2009-06-13
يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللىكتىپنى بەرپا قىلىش - [مەكتەپ باشقۇرۇش]
⑴ خىزمەتلىرىڭىزنى قوللايدىغان ئادەم كۈچى موھىتى بەرپا قىلىڭ .
ئەزالىرىڭىزنى كوللىكتىپ ئۈچۈن مەسىللەرنى كۆپرەك ئويلىنىشىنى تەكىتلەڭ ؛ كۆپچىلىككە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كۆپرەك پۈرسەت بىرىڭ ؛ ئەزالىرىڭىزنىڭ نەتىجە قازىنالايدىغان ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ؛ بۇ خىل قوللاش خاراكتىردىكى ئۇسۇل مەكتەپنىڭ كوللىكتىپ ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ موھىم بىر قەدىمى ، چۈنكى بۇخىل قەدەم باسقۇچلار يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشقان ماسلىشىش ، ئىشىنىش ۋە ئۆز ئارا بەھرىمان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
⑵ گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى . ھەر بىر ئەزا شەرەپلىك بىر كوللىكتىپنىڭ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . شەرەپلىك بىر كوللىكتىپنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئىشچى خىزمەتچىلەر ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى ياكى رەھبەرلىك كوللىكتىۋىدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدۇ ، ھەمدە تىرىشىپ ئىشلەش روھىغا ۋە كوللىكتىپتىن پەخىرلىنىش روھىغا ئىگە بولىدۇ . ئەگەر بۇنداق خاس ئالاھىدىلىك كەم بولسا ياكى بۇخىل خاسلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ كوللىكتىپ ئەزالىرىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ . كوللىكتىپ ئەزالارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولسا كوللىكتىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ئوبرازىنى ، سەرخىل مەكتەپنى بەرپا قىلىشتا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز ، قەھرىمانلىق جاسارىتىنى يىتىلدۈرىشىمىز لازىم ، بۇلار كوللىكتىپنىڭ ئىجادىي كۈچىگە نىسپەتەن ئاكتىپ ۋە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
⑶ ھەر بىر كوللىكتىپ ئەزانىڭ قابىلىيتى ۋە رولىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ جارى قىلدۇرۇش كىرەك . كوللىكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدە خىزمەت مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلالايدىغان ھەمدە باشقا ئەزالار بىلەن ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى شەرت . مۇشۇنداق بولغاندا ھەر بىر ئەزا ئۆزىنىڭ كوللىكتىپتىكى روھى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيتىنى تولۇق تونۇپ يىتەلەيدۇ ھەمدە ھەقىقى بىر كوللىكتىپنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنالايدۇ ، تىزلا خىزمەتكە كىرىشىپ ، ئۆز ئىشىنى تىپىپ قىلالايدۇ ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىھتىياجلىق بولمايدۇ . شۇڭا يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللىكتىپ ھەر بىر كوللىكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىپ خىزمەت ئىشلەشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ .
⑷ جەڭ ئىلان قىلالايدىغان كوللىكتىپ نىشانىنى بەلگىلەش كىرەك . مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيتى پۈتۈن كولىكتىپنى ئومومى نىشان ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ، مۇشۇنداق قىلالىسا ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ . ئوخشىمىغان موھىتتا بۇخىل ئۇسۇل كوللىكتىپنىڭ ھەمكارلىقىغا زەربە بىرىپ قويۇشىمۇ مۈمكىن . بۇنداق بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كوللىكتىپ جەڭ ئىلان قىلالايدىغان نىشاننى بەلگىلىشى ، ھەمدە ھەر بىر ئەزانى ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ نىشان ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىتىشى كىرەك . كىشىلەر كوللىكتىپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىلا ئىچكى قىسىمدىكى بىر قىسىم زىددىيەتلەر ئۆزلىگىدىن يوقايدۇ . مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر بىر قىسىم كىشىلەر شەخسى مەنپەئەتنى قوغلاشسا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندىلا زىچ ئىتتىپاقلاشقان كوللىكتىپ بەرپا قىلىغىلى بولىدۇ .
⑸ خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىگە تۇغرا باھا بىرىش . مۇكەممەل ، ئۈنۈملۈك بولغان باھالاش سىستىمىسى مۇنداق ئىككى خىل باھالاش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؛ بىرى ، رەسمى يوسۇندىكى باھا بىرىش ؛ يەنە بىرى ، كۈندىلىك باشقۇرۇش داۋامىدىكى دەل ۋاقتىدا باھالاش . مەكتەپلەردە خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئىلىپ بىرىشتا ئالدى بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باھالاش ، ئۇلارنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىزلىكىگە ھۈكۈم قىلىش ، شۇ ئاساستا ئۇلارغا ماس كەلگەن خىزمەت ئورنى ، مۇكاپات ، تەربىيلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلمىي بولشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك . ئۇندىن باشقا خىزمەت نەتىجىسى ئۈنىمىنى باھالاش ئارقىلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىدىكى پەرقنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى تىپىپ چىقىشقا يارىدەم بىرىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قىزىپ ، باھالاشنى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇش ، ئۆزىنى باھالاش ، ئۆزىنى تەربىيلەش ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ جەريانىغا ئايلاندۇرۇش لازىم .
历史上的今天:
مۇۋاپىق دەرىجىدە بىسىمنى كۇچايتىش كىرەك 2009-06-13ئابرۇيپەرەسلىك قىلماسلىق كىرەك 2009-06-13سەۋىرچان بولۇش كىرەك 2009-06-13