-
2009-06-13
9 .قارشى ئىلىنىدىغان ئادەم بولوڭ - [مەكتەپ باشقۇرۇش]
باشقىلار سىزنىڭ ئەينىكىڭىز بولالايدۇ ، ئەگەر سىز باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز ، باشقىلارمۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ ؛ ئەگەر سىز باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسىڭىز ، باشقىلارمۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولمايدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قارشى ئىلىنىدىغان ئادەم بولغىلى بولىدۇ ؟
⑴ ھەر كۈنى بىر قىتىم ئەينەككە قاراپ كۈلۈمسىرەڭ .
⑵ خىزمەتداشلار بىلەن ئۇچراشقاندا قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇڭ .
⑶ ھەقىقى بىر ياخشى كۆڭلىڭىز بىلەن باشقىلارغا خالىس يارىدەم قىلىڭ .
⑷ ئادەم ئەيىپ - نوقسانسىز بولالمايدۇ ، شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمگە كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .
⑸ باشقىلارغا ئىشىنىش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىڭىز بولۇپ ، بۇ بىر پەلسەپىۋى قانۇنىيەت .
بىزدە باشقىلارغا نىسپەتەن سەمىمى ، كەڭ قۇرساق ، قىزغىن ، دوستانە خاراكتىر بولىدىكەن ، ئۇنداقتا سىز چوقۇم باشقىلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشەلەيدىغان ، جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئادەم بولالايسىز . ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئىشەنچىلىك دوسلىرىڭىز بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇندىن كىيىن مەيلى قانداق قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىسىڭىز ، بىر قىسىم كىشىلەر چوقۇم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا بولىدۇ ، سىز بىلەن جاپا ۋە ھالاۋەتتە بىرگە ئۆتۈشنى خالايدۇ
历史上的今天:
مۇۋاپىق دەرىجىدە بىسىمنى كۇچايتىش كىرەك 2009-06-13ئابرۇيپەرەسلىك قىلماسلىق كىرەك 2009-06-13سەۋىرچان بولۇش كىرەك 2009-06-13