• 2009-06-13

    7 .باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇش كىرەك - [مەكتەپ باشقۇرۇش]

    مەكتەپ مۇدىرى ئادەم ، ھەرگىزمۇ ئەۋلىيا ئەمەس . مەيلى سىز قانچىلىك پىشقان بولىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ، ئاز - تولا نوقسان  يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى ئاساسى قاتلامنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى كىرەك . كونكىرتنى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش كىرەك .

    8 . كۆيۈمچان بولۇش لازىم .

    پىسخولوگلاردا مۇنداق بىر گەپ بار :« قەيەردە مۇھەببەت بولسا ، شۇ يەردە ئۆسۈپ يىتىلىش بولىدۇ ». مەكتەپنى ئائىلەم دەپ بىلىش دىگەنلىك ، مەكتەپ مۇدىرى ئوتتۇرا قاتلامغا ، ئوقۇتقۇچىلارغا ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىشى ؛ ئوتتۇرا قاتلام ئوقۇغۇچىلارغا ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيىنىشى ؛ ئوقۇتقۇچىلار بولسا ئوقۇغۇچىلارغا ، رەھبەرلىككە كۆيىنىشى ؛ كۆپچىلىك بىرلىكتە مەكتەپنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆيىنىشى كىرەك .ئوقۇتقۇچىلار شۇنى ئىنىق بىلىپ يىتىشىمىز كىرەككى :بىز پۇت تىرەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان جاي دەل بىزنىڭ  مەكتىپىمىز .

    كۆيۈمچانلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى ، كۆيۈنۈش بولمايدىكەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلمەيمىز ، بولۇپمۇ مائارىپ خىزمىتىدە شۇنداق بولىدۇ . مائارىپشۇناسلارنىڭ دىيىشىچە ، ئۆزۈڭنىڭ بالىسىنى ئادەم دەپ ياخشى كۆرسەڭ ، باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئەۋلىيا دەپ ياخشى كۆر . كۆيۈمچانلىق بولغاندىلا بەخىتلىك بولغىلى بولىدۇ . كۆيۈمچان يۈرەك بىر پارچە ماگىنىتقا ئوخشايدۇ . كۆڭلۈڭ قەيەردە بولسا ، خىزمىتىڭ شۇيەردە بولىدۇ ؛ كۆڭلۈڭ قەيەردە بولسا ، بايلىقىڭمۇ شۇ يەردە بولىدۇ .مەيلى سەن قانداق قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشىڭدىن قەتئى نەزەر ، پەقەت سىەندە ھەقىقى كۆيىنىشلا بولىدىكەن ، خۇددى ماگىنىتقا ئوخشاش ئەتراپىڭدىكى ساڭا كىرەكلىك مەنبە ، ياخشى ئىش ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش مەڭگۈ ساڭا يار بولىدۇ.

     مەكتەپ مۇدىرى خىزمەتتە ئۆز كۈچىگە تايانسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، چوقۇم ئوقۇتقۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تىرشىپ ئىشلىشى ، بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇلارنى رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇش كىرەك.

    分享到: