-
2009-06-11
4. ئىقتىساسلىقلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. - [مەكتەپ باشقۇرۇش]
باشقۇرۇشتا ئىقتىساسلىقلار ئىنتايىن موھىم .ئىقتىساسلىقلارنى تاللىغاندا شەخسى مۇناسىۋەتكە ئاساسلىنىپ تاللاش ياكى ھەقىقى ئىقتىدارغا قاراپ تاللاش مەكتەپ خىزمىتىنىڭ غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك .دۇنيادا پەن – تىخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈدە مەكتەپنىڭ تەرەققى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر تەرەپتىن ئۈزلۈكسىز يىڭى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، مەكتەپنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش مىخاينىزىمىنى ئىسلاھ قىلساق ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان يىڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كىشىلەرگە ئىھتىياجلىق بولىمىز بىز مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئەتراپلىق تەربىيلىشىمىز ، كۆڭۈل بۆلىشىمىز ئۇلارنى ئۆز ئەتراپىمىزغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مەكتەپ ئۈچۈن بىرلىكتە مۇلازىمەت قىلىشىمىز كىرەك .
قانداق قىلغاندا ئادەمنى توغرا تاللىغىلى بولىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز شۇكىشىنىڭ ھەر تەرەپتىكى ئالاھىدىلىك ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرىنى توغرا مۆلچەرلىشىمىز كىرەك .
مىجەز - خاراكتىرىغا قاراپ باھالاشنى بىر خىل ياخشى ئۇسۇل –دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ . بۇ دىگەنلىك بىر ئادەمنىڭ مىجەز ، خاھىشلىرىگە نىسپەتەن باھالاش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكىگە ، ھەمدە مىجەز ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ ماس كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىگە باھا بىرىش دىگەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئادەمنى بىلىپ مۇۋاپىق ئىشقا قويغىلى ، ئادەم كۈچى مەنبەسىنى مۇۋاپىق سەپلىگىلى بولىدۇ.
历史上的今天:
5. ئۈچ خىل كىشىلەردىن ھۇشيار تۇرۇش كىرەك. 2009-06-112. ئەمەلىيەتچان رەھبەر بولۇش كىرەك. 2009-06-11