• 2009-06-11

    3. مۇكەممەل بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمى ئورنىتىش كىرەك.

    مەكتەپتە مۇكەممەل بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمى ئورنىتىش كىرەك . داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم . رىغبەتلەندۈرۈش تۈزىمى بولسا ياخشى بولغان باھالاش سىستىمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ . مۇشۇنداق قىلالىساق ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەتتە ئۇتۇق قازانسا نەتىجىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ ، ھەمدە خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ . « ئىشلىگەنگە تۇشلۇق چىشلىمىسە ، چوقۇم كىشىلەرنىڭ پىكرى چىقىدۇ » . بىر ئورۇننىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنى بىغىشلاپ ئىشلەشتەك روھىغا ئىرىشىش ياكى ئىرىشەلمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ : شۇ ئورۇننىڭ كىشىلەرگە تولۇق بولغان خىزمەت شارائىتى يارتىپ بىرەلىگەن ياكى بىرەلمىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرەلىسە كىشىلەر ئۆز خىزمىتىدىن نەتىجە قازىنالايدۇ ، ھەمدە ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالايدۇ . بارلىق باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق بىر ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ .

    بىر ئەمەلىيەت شۇكى ھەقىقى خىزمەت ئاكتىپچانلىقى پۇل ئارقىلىق بارلىققا كەلمەيدۇ ، بەلكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىشىدىن كىلىدۇ . ھەر بىر ئىشچى خىزمەتچى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، ھەمدە شۇ نىشانغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. سىز بىر كوللىكتىپنىڭ باشقۇرغۇچىسى . سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلىشى ئارقىلىق ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولىسىز . ناۋادا رىغبەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمى بولمىسا ، ئوقۇتقۇچىلار غەيرەتكە كەلمەيدۇ ، سىزنىڭ نىشانىڭىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ . لىكىن رىغبەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمىنى قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز ئۆزىڭىز كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەيلا قالماستىن ، كىشىلەر سىزنى ئىقتىدارسىزكىن – دەپ قارايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن « يۈزسىزلىك » خىزمەت ئىستىلى شەكىللىنىپ ، مەكتەپ ئىستىلى زىيانغا ئۇچرايدۇ . شۇڭا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمىنى ئىگەللەشكە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم .

    分享到: