• 2009-06-02

    ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش لايىھەسى تۇزۇش ھەققىدە مۇلاھىزە

    كىرىش سۆز

     يېڭى دەرس بىرخىل ئىددىيە ، بولۇپمۇ بىرخىل ھەركەتتىن ئىبارەت .

    ئوقۇتۇش لايىھەسى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتىكى تەسەۋۋۇرى  ، تەدبىرى ، لايىھەسى . ئوقۇتۇش ئىددىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ باشلىنىش نوختىسى شۇنداقلا مائارىپ ئىددىيەسى بىلەن ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىنىڭ پاسلىدىن ئىبارەت . يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسى ، يېڭى دەرس ئەمىليىتى بويىنچە تەربىيەلەشنىڭ بۆسۈش نوختىسى ، دەرس قارىشى بىلەن دەرس ھەركىتىنى بىر بىرىگە باغلايدىغان كۆۋرۈك ، يېڭى دەرس بويىنچە مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم نوختىسى بولۇش كېرەك .

    ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش لايىھەسى نەزەرىيەسى ئاساسىدىكى ئوقۇتۇش لايىھەسى بولسا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش ئومۇمى گەۋدە ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تەھلىل قىلىش بىلەن دەرسلىك كىتاپ قاتارلىق ئوقۇتۇش مەنبەسىنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا ئوقۇتۇش پائالىيەت لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت بولغان . بۇخىل ئوقۇتۇش لايىھەسى خۇددى قۇرۇلۇش چېرتىيوژىغا ئوخشاش ئالدىن مۇقىم بەلگىلىنىدىغان بولۇپ ، دەرسنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا قاراپ ئۆزگەرتىشكە بولمايتتى . ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كونسىپىك يېزىشىنى دەرس لايىھەسى تۈزۈش دەپ قاراپ ، پۈتۈن زېھنىنى كونسىپىك يېزىشقا قاراتقان . بۇنداق بولغاندا شەكىل قوغلىشىپ ، ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىققان ، مەزمۇنى قاتمال ، كۆرۈملىكى  بار قوللۇنۇشچانلىق يوق ، ھەممە ئادەم بىر خىل ، خاسلىق يوق ، ئەينەن  كۆچۈرۈپ كېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كۆز بويامچىلىق بىلەن ئىلگىرى ئىشلەتكەن كونا پىلان كونسىپىكنىڭ كالىندارنى ئۆزگەرتىپ قايتا ئىشلىتىش ياكى دەرس لايىھەسى تۈزمەي دەرس ئۆتۈش ھادىسلىرى كۆرۈلگەن . بىراق يېڭى دەرس ، زاماناۋى بەرپا قىلىش نەزەرىيەسىگە ئاساسەن ، ئوقۇتۇش لايىھەسى ، ئالدىن لاھىيە تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ ، لىكىن ئۇ جانلىق ھالەتتە بولۇپ ، ئوقۇتۇش جەريانىدا  يەنە نۇرغۇنلىغان ” لايىھە“ لەر شەكىللىنىشى كىرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىن بۇرۇنقى  ” ئلدىنىقى لايىھە “ گە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماستىن ، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئىجاتچانلىق ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا ئوقۇتۇشنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتىكى ” ئوقۇتۇش جەريان ئىچىدىكى لايىھە ( ئارلىقتىكى لايىھە ) “ گە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ، بولۇپمۇئوقۇتۇش ئاخىرلاشقاندىكى قايتا ئويلۇنۇش تەپەككۇر ئاساسىدىكى ” ئاخىرقى لاھىيە “ گە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم .

    ئوقۇتۇش لايىھەسىنىڭ ئوبىكتى ئادەم ، ئادەم پائالىيىتى مۇرۇەككەپ بولۇپ ، بۇ ئىگەللەش قىيىن بولغان مۇرەككەپلىك ئۈستىگە ئوقۇتۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئامىللارنىڭ مۇرەككەپلىكى قوشۇلۇدىغانلىغى ئۈچۈن ، ئوقۇتۇشنى لايىھەلەش بىرخىل مۇرەككەپ خىزمەت ھېساپلىنىدۇ . بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ، دەل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمىلى ئەقىل پاراسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمىلى ئەقىل پاراسىتى، لايىھىلەش ۋە يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ .

    ” يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسى “ بىر تۈرلىك ئەملىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان تېما بولۇپ ” يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسى “ نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئوقۇتۇش لايىھەسىنىڭ ئاساسى نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلى ، ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئوقۇتۇش مەخسىدىنىڭ لايىھەسى ، مەزمۇن لايىھەسى ، جەريان لايىھەسى ، ئوقۇتۇش ۋاستىسى لايىھەسى ، باھالاش لايىھەسى ، بىر پۈتۈن دەرس بايلىغى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى دەرس ئىددىيسى ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش ، تەتقىقات خارەكتىردىكى تەربىيەلەش بولۇپ ، تەربىيەلەش مەزمۇنى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈشى كىرەك .

     

    分享到: