• 2015-02-09

    ماشىنا S4 دۇككىنىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟ - [تەسىرات]

    ماشىنا S4 دۇككىنىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

    ماشىىنىسى بار دوستلارنىڭ دائىم ماشىنا S4 دۇككىنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا بۇ S4 دۇككىنى دىگەننىڭ مەنىسى نىمىدۇ؟ نۇرغۇن دوستلار بۇنى ئىنىق بىلمىسە كىرەك. مەنمۇ ماشىنا ھەيداۋاتقىلى 2 يىلچە بولدى، بىراق بۇنىڭ مەنىسىنى ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۈگۈن قىزىقىپ توردىن خەنزۇچىسىنى ئاقتۇرۇپ بۇنىڭ مەنىسى بىلىۋالدىم. ماشىنا S4 دۇككىنى بولسا ماشىنا سېتىش، رېمۇنۇت قىلىش، زاپچاس سېتىش ۋە ماشىنا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدە قىلغان، ماشىنا سېتىشقا ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن تىجارەت ئەندىزىسىدىكى تىجارەت دۇككىنى بولۇپ، بۇ يەردىكى S4 نىڭ مەنىسى ماشىنا سېتىش ( sale)، چاپچاس ( sparepart )، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ( service )، ئۇچۇر قايتۇرۇش ( survey ) قاتارلىق 4 سۆزنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىز تىلى S ھەرپى بىلەن باشلانغانلىقى ئۈچۈن، قىسقارتىپ S4 دىيىلىدىكەن.

    پايناپ تەييارلىدى. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر

    分享到: