• 2015-02-06

    ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىباھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(داۋامى) - [تەربىيلەش]

    ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىباھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(داۋامى)

    تۆتىنچى، باھالاش تەرتىۋى

    1.ئوقوغۇچىلار ئۆز ئۆزىنى باھالاش.

     باھالاش ۆكرسەتكۈچىدىكى مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىىڭ بىر ماۋسۇملۇق تەرەققىيات ەھۋالىنى باھالاپ چىقىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش ئارخىۋى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق مەزمۇنلارنى نامايەن قىلىپ، سىنىپ ئىچىدە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

    2.ئوقوغۇچىلار ئۆز ئارا باھالاش قىلىش.

    سىنىپ باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سىنىپ ھەيئەتلىرى ۋە ەۇرۇپپا باشلىقلىرىنى تەشكىللەپ، ئوقۇعۇچىلار باھالاش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، ئاساسى حاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىدىكى ئەحلاق پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق 6 تۈرگە قارىتا ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ باھا بېرىدۇ.

    3.دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى باھالاش.

    سىنىپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تەنتەربىيا، سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن تونۇش بولغان دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ (5 ئادەمدىن كەم بولماسلىقى كىرەك) ئوقۇتقۇچىلار باھالاش گۇرۇپىسىنى تەشكىللەپ، ئاساسى حاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانىدىكى ئەحلاق پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق 6 تۈرگە قارىتا ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ باھا بېرىدۇ.

    ئوقۇتقۇچىلار باھالاش گۇرۇپپىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشىغا قاتنىشىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، باھالانماقچى بولغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىشى كىرەك.

    4.سىنىپنى بىرلىك قىلغان باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنۋېرسال باھاسى.

    ھەر قايسى باھالاش تۈرلىرىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالاش نەتىجىسى %10 نى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ باھاسى %10 نى، ئوقوغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ باھاسى %30 نى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھاسى %50 نى ئىگىلىشى كىرەك. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ باھاسىدىن بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە نەتىجە ھىساپلاپ ئەڭ ئاخىرىقى ئۇنۋېرسال نەتىجە ھىساپلىنىپ، دەرىجىسى بىكىتىلىدۇ.

    5.مەكتەپ تەكشۈرۈپ بىكىتىش، ئاشكارىلاش.

    بەشىنچى، باھالاش نەتىجىسى

    1.باھالاش نەتىجىسىنىڭ نامايەن قىلىنىشى

    (1) دەرىجە بويىچە باھالاش

    ھەر قايسى باھالاش تۈرلىرىدە A,B,C,D تۆت دەرىجە باھا بېرىلىدۇ يەنى A (ئەلا)، B (ياخشى)، C (لاياقەتلىك)، D (لاياقەتسىز) دەپ قارىلىدۇ. ھەر قايسى كىچىك تۈرلەردىكى ئەلا بولۇپ باھالانغانلارنىڭ سانى ئومومىي ئوقوغۇچىلار سانىنىڭ %20 دىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. (ئەگەر يىللىقلار بويىچە مۇنەۋۋەر سىنىپ كوللىكتىپى بولۇپ باھالانغان سىنىپ بولسا، بۇ سىنىپتىكى ئەلا بولۇپ باھالىنىدىغان ئوقوغۇچىلار سانىنى بەلگىلىك نىسبەتتە كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ). لاياقەتسىس دەپ باھا بېرىشتە ئىھتىياتچان بولۇش، لايقەتسىز بولۇپ باھالىنىدىغانلارننى %5 ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىش ياكى لايقەتسىز دەپ باھالىماسلىق، تەربىيەنى ئاساس قىلىش كىرەك.

    (2)سۈپەت خاراكتىرلىق باھا سۆزى

    ئۇنىۋېرسال باھالاش مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى، خاسلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يىتەرسىز تەرەپلىرىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمۈدلەر قوشۇلغان ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتىرلىق باھا سۆزىنى يېزىش كىرەك.

    2.باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى

    (1) ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش مەزمۇنلىرى، باھالاش ئۇسۇللىرى ۋە تەرتىۋىنى ئوقوغۇچىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا ئىنىق ئۇقتۇرۇش كىرەك. باھالاش نەتىجىسىنى ئوقوغۇچىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا يېزىقچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كىرەك. ئەگەر باھالاش نەتىجخسىگە قارىتا ئەرز شىكايەتلەر بولسا، مەكتەپنىڭ باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ، زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشى كىرەك.

    (2) مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى باھالاش نەتىجىسىنىڭ راست، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا، باھالاشتا ساقتىلىق ۋە خاتالىقلارنىڭ بولماسلىقىغا نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كىرەك.

    (3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا بىرىلگەن باھا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىلغار باھالاش قاتارلىقلاردا مۇھىم پايدىلانما قىلىنىدۇ. دەلىل ئىسپات سۈپىدە ئارخىپتا ياخشى ساقلىنىشى لازىم.

    ئالتىنچى، كاپالەتلىك قىلىش مىخاينىزىمى

    1.باھالاش حىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى (مەسئۇلىيىتى)

    (1) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىدا قۇرۇلغان تەشكىلىي ئاپپارات (مەسئۇلىيىتى)

    (2) مەكتەپتە قۇرۇلغان تەشكىلىي ئاپپارات (مەسئۇلىيىتى)

    (3)سىنىپنى بىرلىك قىلىپ قۇرۇلغان باھالاش گۇرۇپپىسى (مەسئۇلىيىتى)

    2.مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

    (1) ئاشكارىلاش تۈزۈمى   (2) ئەر شىكايەت قىلىش تۈزۈمى (3) نازارەتچىلىك قىلىش تۈزۈمى (4)سەمىي بولۇش تۈزۈمى

    分享到: