• 2015-02-04

    ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى - [تەربىيلەش]

    ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى

    باھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسى

    (مۇھاكىمە نۇسقىسى)

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش بولسا ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، شۇنداقلا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش سىستىمىسىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى. ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومومىيۈزلۈك ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

    ساپا مائئارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش سىستىمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق، ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزىمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ روھىغا ئاساسەن، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزكۈر لاھىيە تۈزۈپ چىقىلدى.

    بىرىنچى، يىتەكچى ئىدىيە ۋە ئاساسلىق پىرىنسىپ

    ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى: مەجبۇرىيەت باسقۇچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش سىستىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگىنىش پوزۇتسىيەسى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئاساسى مەزمۇن قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىنى دەلىل ئىسپات قىلىپ، مەكتەپ باھالاشنىڭ ئاساسى گەۋدىسى قىلىنىپ، تۈزۈملەر قۇرۇلىشىنى كاپالەت قىلىپ، كۆپ خىللاشقان باھالاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، دەرس ئىسلاھاتى ۋە ساپا مائارىپىنىڭ تىخىمۇ ياخشى يولغا قويۇلىشى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

    ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشتە تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كىرەك.

    1.يىتەكچى خاراكتىرلىق پىرىنسىپى. باھالاشنىڭ تەربىيەلەش ۋە يىتەكلەش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، باھالاشنىڭ مەزمۇنى، ئۆلچىمى، ئۇسۇلى، تۈزۈم قاتارلىقلارنى ساپا مائارىپىىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش؛ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى بايقاشقا پايدىلىق بولۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە قارىشىنى ۋە ئوقۇتۇش ھەركىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇش؛ مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇش؛ ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش كىرەك.

    2.تەرەققىيات خاراكتىرلىق پىرىنسىپى. ئوقوغۇچىلارغا تەرەققىيات نەزىرى بىلەن قاراش، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈش، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن تەرەققىيات مۈمكىنچىلىكىنى بايقاش، نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئوقوغۇچىلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرىشنىڭ جەريانىغا قاراش كىرەك. كۈندىلىك باھالاش، ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى، ئوقوغۇچىلارنىڭ پەنلەردىكى سىناق نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يىزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن، ئادەتتىكى سىناق، تاپشۇرۇق، دەرسخانىدىكى ئىپادىسى، كۈندىلىك ھەركىتىنى كۆزىتىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باھالاش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    3.يولغا قويغىلى بولۇش پىرىنسىپى. باھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى، تۈزۈپ، باھالاش ئۇسۇلىنى جانلىق، ئەپلىك قىلىش، شەكىللۋازلىقتىن ساقلىنىش لازىم.

    4.ئوبىكتىپ بولۇش پىرىنسىپى. باھالاش ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي بولىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئوبىكتىپ، ئادىل بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    5.ئىلھام بىرىش پىرىنسىپى. باھالاش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكىنى تۈگىتىپ، باھالاشنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كىرەك.

    6.ئىلمىي بولۇش پىرىنسىپى. باھالاشتا مائارىپنىڭ قانونىيتىگە ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي تەرەققىيات قانونىيتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىلمىي بولغان باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئىلمىي باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقى، ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، ئوقوغۇچىلاردىكى پەرىققە ۋە تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلاۈش، باھالاشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كىڭەيتىش كىرەك.

    7.ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش پىرىنسىپى. باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا باھالىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھا بېرىشىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.

    ئىككىنچى، باھالاش مەزمۇنلىرى

    باھالاش مەزمۇنى ئاساسلىقى ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانى ۋە پەنلەردىكى ئوقۇش نەتىجىسىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    1.ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانى

    ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانى بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ ئاساسلىق دەلىل ئىسپىتى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئەخلاق پەزىلەت، پۇقرالىق ساپاسى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق، ھەركەت ۋە ساغلاملىق، ئىستىتىك ۋە ئىپادىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    2.پەنلەردىكى ئوقۇش نەتىجىسى تەرەققىيات نىشانى

    بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا ھەر قايسى پەنلەرنىڭ دەرس ئۆلاچىمىدە بىكىتىلگەن ئۆگىنىش نىشانى ۋە ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدا ئوقوغۇچىلار يىتىشكە تىگىشلىك نىشان بولۇپ، ئۇ بىلىم ئىقتىدار، ئۇسۇل ۋە جەريان، ھىسىيات، پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق 3 جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزقىشى، ئۆگىنىش پوزۇتسىيەسى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش ئادىتى، مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى مۇھىم نوقتا قىلىپ باھالاشقا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ، ئوقوغۇچىلارنىڭ گۇمانتارلىق روھىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشىگە دىققەت قىلىنىدۇ.

    ئۈچىنچى، باھالاش ئۇسۇلى

    باھالاش ئۇسۇلى

    باھالاش دائىمىي خاراكتىرلىق باھالاش، باسقۇچ خاراكتىرلىق باھالاش، ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باھالاشتا دائىمىي خاراكتىرلىق باھالاش باسقۇچ خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ ئاساسى، باسقۇچ خاراكتىرلىق باھالاش ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ ئاساسى» بولۇشتەك مەشغۇلات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىرەك.

    1. دائىمىي خاراكتىرلىق

    ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى كۈندىلىك ئوقۇتۇش خخزمەتلىرى جەريانىدا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزۈتۈشكە دىققەت قىلىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشى، ئۆز ۋاقتىدا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ۋاقتىدا خاتىرە قالدۇرۇش ھەم ئالاقىدار ماتىرىياللارنى توپلاشقا دىققەت قىلىشى كىرەك.

    1)ئۆز ۋاقتىدا باھالاش. ئوقۇتقۇچىلار كۈندىلىك تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى جەرىيانىدا كۆپ خىل، ئچىۋىتىلگەن باھالاش ئۇسۇلىنى (مەسىلەن، ئېغىزچە باھا، نەتىجخنى بالاش، زىيارەت قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئوقوغۇچىنىڭ ھەركىتىنى كۆزۈتۈش، سۇئال جاۋابلىق تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ .ىنكاس قايتۇرۇش، مۇھىتلىق سىناش قاتارلىقلار) ئارقىلىق، ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، يىتەرسىزلىكى، يوشۇرۇن تەرەققىيات ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئۆز ۋاقتىدا باھا بېرىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش كىرەك.

    2) ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋى. ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ماتىرىيالارنى (ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاتا-ئنىسىنىڭ باھاسى، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىسى، پەنلەردىكى باسقۇچ خاراكتىرلىق ئوش نەتىجىسى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئىسىل ئەسەرلىرى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىنى خاتىرلىگۈچىلەر ۋە باشقۇرغۇچىلار ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى. ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىۋىنى ئىشلەشتە باشتىن ئاخىرى سەمىمى ئىشەنچىلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ئىشلەشكە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ، ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاتا ئانىلىرى قاتنىشىشى، خاتىرلەنگەن ئەھۋاللار تىپىك، ئوبىكتىپ، ھەقىقىي بولىشى، كۆرگەزمە قىلىشقا قولاي بولىشى كىرەك.

    3) ئىمتىھان نەتىجىسى. ئىمتىھان بىر خىل ئۈنۈملۈك باھالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئىمتىھاننىڭ مەخسىدى، خاراكتىرى، مەزمۇنى ۋە ئوبىيىكتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئىمىتھان ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. ئەنئەنىۋى يېزىقچە ئىمتىھان ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە ئېغىزچە ئىمتىھان، ئاڭلاپ چۈشىنىش سىنىقى، نەتىجىلەرنى نامايەن قىلىش، تەجىرىبە مەشغۇلاتى قاتارلىقلارنىمۇ يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى قىتىم ئىمتىھان بېرىشىگە يول قويۇش لازىم. يېزىقچە ئىمتىھاندا ئوچۇق ئىمتىھان، يىپىق ئىمتىھان شەكىللىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

    4) ئەمەلىي نەتىجە ۋە ئىپادىسى. نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، كىچىك ئىجادىيەت، قول ھۈنەر ياسىمىچىلىقى، كىچىك مۇسابىقە، مەدەنىي تەنتەربىيە، ئەدەبىيات سەنئەت قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنىلىقىنى يىتىلدۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    2.باسقۇچ خاراكتىرلىق باھالاش

    1)مەكتەپلەر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش گۇرۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىشى، گۇرۇپپا ئەزالىرى كەڭ ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بولىشى لازىم. باھالاش گۇرۇپپىسى مەزكۈر مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلى پىرىنسىپىنى ۋە باھالاشنىڭ كونكىرىت تەرتىۋىنى تۈزۈش، باھالاشقا مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى بىسىپ تارقىتىش، خۇلاسىلاش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسىنى يۇقۇرىغا يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى سىنىپلارنىڭ باھالاش خىزمىتىنى ئېلىپ بىرىشقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. باھالاش جەھەتتىكى نارازى پىكىر تەلەپلەرنى ئاڭلاش، بىر تەرەپ قىلىش، باھالاش خىزمىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار يىغىنى، سىنىپ يىغىنى، ئاتا-ئانىلار يىغىنى، ئاتا-ئانىلار مەكتىپى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ باھالاش ئۆلاچىمى ۋە تەرتىپىنى تولۇق چۈشىنىشى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈۈپ، باھالاش خىھمىتىنىڭ نۇرمال قانات يايدۇرۇلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كىرەك.

    2) ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتىنى سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ قانات يايدۇرۇش كىرەك. ھەر قايسى سىنىپتا باھالاش گۇرۇپىسىنى قۇرۇش، گۇرۇپپا ئەزالىرى سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللىنىشى، گۇرۇپپا ئەزالىرى 5 كىشىدىن كەم بولماسلىقى كىرەك. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ سىنىپقا دەرس بەرگەن ۋاقتى بىر يىلدىن كەم بولماسلىقى، سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى نىسبەتەن پىششىق بىلىدىغان بولىشى، مەسئۇلىيەتچان، سەمىمى ئىشەنچىلىك بولىشى كىرەك. سىنىپنى بىرلىك قىلغان باھالاش گۇرۇپىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن مەكتەپ تەكشۈرۈپ مۇقۇملاشتۇرۇپ ئىلان قىلىشى، ھەمدە سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارغا ئۇىتۇرۇش كىرەك.

    3) باھالاش گۇرۇپپىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىپادىسىنى ئاساس قىلىپ، ھەر مەۋسۇم ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ چىقىشى، تۈرلۈك تپلىغان ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، كوللىكتىپ مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر ئوقوغۇچىغا ئوبىكتىپ ۋە ئادىل باھا بېرىشى، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى نەتىجخلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان ھسان سىپىر ۋە باشقا شەكىلدىكى ھەركەت ئىپادىلىرىنى يىغىپ ئانالىز قىلىش ۋە خۇلاسە قىلىشقا ماھىر بولىشى، ھەمدە توپلىغان ماتىرىياللار ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تەسۋىرلەشنى بىلىشى كىرەك.

    باھالاش نەتىجىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش قەغىزىگە خاتىرىلىنىشى كىرەك.

    3.ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىك باھالاش

    1) ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنى مەكتەپنىڭ باھالاش گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەزكۈر مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى تاماملاش كىرەك. باھالاشتا باسقۇچ خااكتىرلىق باھالاش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ دەرىجىگە ئايرىپ نۇمۇر قۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر قايسى باسقۇچ خاراكتىرلىق باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىسىنى ھىساپلاپ چىقىپ ئەڭ ئاخرىقى باھانى بىكىتىش كىرەك. نەتىجخنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا سىلىپ، بىر دەرىجە يۇقۇرى مەكتەپكە يوللاپ بىرىشى كىرەك.

    2) نۇمۇرنى ھىساپلاش ئۇسۇلى: باھالاش جەرينىدا ھەر قايسى چوڭ تۈرلەردە تولۇق نۇمۇرنى 10 نومۇر ياكى 100 نومۇرلۇق تۈزۈم قوللىنىپ، دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش كىرەك. يەنى 8-10 گىچەA دەرىجە، 6-8 گىچە  B دەرىجە، 6 دىن تۆۋەنلەرنىC دەرىجە دەپ بىكىتسە بولىدۇ.

    3) مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ باھالاش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشى، باھالىغۇچىلارنى تەربىيەلىشى، باھالاش خىزمىتىنىڭ جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىشى، باھالىغۇچىلارنى تەربىيەلىشى، باھالاش جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىشى، ئەرز-شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى، باھالاش خىزمىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.

    分享到: