-
2015-02-02
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش لايىھىسىنى قانداق تۈزۈش كىرەك؟ - [تەربىيلەش]
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش لايىھىسىنى قانداق تۈزۈش كىرەك؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئوقوغۇچىلارنى باھالاشتىكى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.
1. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتى سىستىمىلىق خىزمەت، شۇڭا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ياخشى ئىشلەش كىرەك. باھالاش ئۆلچىمى ۋە يولغا قۇيۇش تەپسىلى پىرىنسىپىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىش كىرەك. ئۇ يېڭى دەرسنىڭ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ باھالاش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك. باھالاش ئۆلچىمىنىڭ ھەر بىر ماددىسىدىكى تەلەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە تولۇق چىتىلىشى كىرەك.
2. ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقوغۇچىلارنى، ئاتا-ئانىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك.
3. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتىگە بولغان يىتەكچىلىك، باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كىرەك.
4. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتىگە بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كىرەك.
5. باھالاش خىزمىتىنى ھەقىقى، ئىنچىكە ئىشلەش كىرەك
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش لايىھىسىنىڭ ئاساسى رامكىسى
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش.
2. يىتەكچى ئىدىيە
3. باھالاش پىرىنسىپى ( ئىلھام بىرىش، يىتەكلەش پىرىنسىپى، ماس تەرەقىكىي كىلىش پىرىنسىپى، ئەمەلىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش پىرىنسىپى دىگەندەك)
4. تەشكىلىي ئاپپارات
1)رەبەرلىك قىلىش گۇررۇپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى: باھالاش خىزمىتىگە ئومومىيۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.
2) دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى 3) سىنىپ ئىچىدىكى باھالاش گۇرۇپپىسى( سىنىپ مۇدىرى، مۇناسىۋەتلىك پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، بىر قىسىم ئوقوغۇچىلار ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپىدۇ) 4) مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال سااسىنى باھالاش گۇرۇپپىسى( ئىلمىي بۆلۈم، ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى)
5. باھالاش مەزمۇنى
6. باھالاش تەرتىۋى
7. باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى