• 2013-10-12

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 ياخشى ئادەت - [تەرمىلەر]

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 ياخشى ئادەت

    مائارىپ ئادىتى جەھەتتە: ئەقىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ

    1.ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۆزىگە خاس بىر دۇنيا.

    2.ئۇچۇڭ-يورۇق ئوقۇتقۇچى بولۇڭ.

    3.ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىشكە سەل قارىماڭ.

    4.سەۋىرچان بولۇڭ.

    5.باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىشقا ماھىر بولۇڭ.

    6.كەيپىياتىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشنى بىلىڭ.

    7. باشقىلار بىلەن سىردىشىشنى بىلىش بىر خىل سەنئەت.

    8.ئوقوغۇچىلارنى ماختاشتا پىقسىقلىق قىلماڭ.

    9.باشقىچە پىكىر يولى بىلەن ئوقوغۇچىلارغا ئىلھام بېرىشنى بىلىڭ.

    10.«ئالاھىدە» ئوقوغۇچىلارغا «ئالاھىدە» كۆيىنىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.

    11.ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىز مىھىر-مۇھەببەتكە تولسۇن.

    12.«ئابروي» تەربىيەدىكى يوشۇرۇن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

    13.ئادىللىق، ئوقوغۇچىلارغا بولغان ھۆرمەتلەشتۇر.

    14.ئوقوغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى بولۇڭ.

    15. كەڭ قورساقلىق بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.

    16. مائارىپ تەلەپچان بولۇشقا مۇھتاج.

    17.ئوقوغۇچىلارنى ئۆزئارا بىر-بىردىن ھزۇرلىنىشقا يىتەكلەڭ.

    18.ئوقوغۇچىلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئۇنتىماڭ.

    19.ئاتا-ئانىلار بىلەن دائىم سۆھبەتلىشىڭ.

    20.ھەر كۈنى ئۆزىڭىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى ئادەت قىلىپ.

    ئوقۇتۇش ئادىتى جەھەتتە: جەلىپكار ئوقۇتقۇچى بولۇڭ

    22.يېڭىلىق يارىتىپ خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلىڭ.

    23.خاسلىققا ئىگە دەرس تەييارلاشتا ھىڭ تۇرۇڭ.

    24.دەرستىن ئىلگىرىكى تەييارلىققا سەل قارىماڭ.

    25.بىلمىگەننى سوراشتىن تارتىنماڭ.

    26.ئوقۇتۇشتا غەيرىتلىك بولۇڭ.

    27.ئوقۇتۇشنىڭ نىشانلىق بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.

    28.دەرسخانا ئوقۇتۇش ھالقىللىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈڭ.

    29. دەرسخانىغا بىر ئىككى مىنۇت بۇرۇن بىرىشقا ئادەتلىنىڭ.

    30.دەرسنى قايناق ھىسىيات بىلەن ئۆتۈڭ.

    31.دەرس مۇنبىرىدىن چۈشۈپ، ئوقوغۇچىلار ئارسىغا بىرىڭ.

    32.دەرسخانىغا كۆپرەك ئەمەلىي «مەسىلە» ئېلىپ كىرىش دىققەت قىلىڭ.

    33.دەرسخانىغا خۇش چىراي كىرىشنى ئادەت قىلىڭ

    34.دەرسخانىدا «زومىگەر»لىكتىن ساقلىنىڭ

    35.دەرسخانىنىڭ ئخچام بولىشىنى قوغلىشىڭ.

    36.دەرسخانىدا تىلىڭىز راۋان، چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك بولسۇن.

    37.دەرسخانىدىكى ئىنتىناتسىيەگە سەل قارىماڭ.

    38. چىراي ئىپادىڭىز مول بولسۇن.

    39.يۇمۇرلۇق بولۇش بىر خىل جەلىپكارلىقتۇر.

    40.ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىغا تولغان دەرسخانا مەدەنىيتىنى يارىتىڭ.

    41.ئوقوغۇچىلارنى كۆپرەك پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

    42.دەرس ئاخىرىدا ئوقوغۇچىلارغا «سۇئال» قالدۇرۇشنى ئۇنتىماڭ.

    43. خاتا سۆزلەپ قويغان ئوقوغۇچىلار ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

    44.ئوقوغۇچىلارنى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا تانقىدلەشتىن ساقلىنىڭ.

    45.ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىغا ئىگە ئوقۇتۇش شەكلىنى يارىتىڭ.

    46.دەرس تۈگىمىدى دەپ ئوقوغچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىغا دەخلى قىلماڭ.

    47.تاپشۇرۇق بېرىش ۋە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ خۇلاسىلاشقا دىققەت قىلىڭ.

    48.ئوقوغۇچىلار تاپشۇرۇقتىن شادلىققا ئىرىشەلەيدىغان بولسۇن.

    49.دەرسخانا ئوقۇتۇشىڭىز ئۈستىدە داۋاملىق قايتا ئويلىنىڭ.

    50.ھەر قىتىملىق دەرسىڭىزدە ئازراق يېڭىلىق بولسۇن.

    ئۆگىنىش جەھەتتە: بىر مۇكەممەل ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ

    51.داڭلىق ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىرادىڭىز بولسۇن.

    52.دەرس ئاڭلاشتا ئاڭلىغان دەرستىن «ھوزۇرلىنىش» نى بىلىڭ.

    53.دەرۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشكە دىققەت قىلىڭ.

    54. ئوقۇتۇش ھاياتىڭىزدىن يېزىقچە خاتىر قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.

    55.تور خاتىرىسى يازغۇچىلار سىپىگە قىتىلىشنى ئۇنتۇماڭ.

    56.ئەتىراپىڭىزدىكىلەردىن ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇڭ.

    57.پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىرىنمەڭ.

    58.ئۆزىڭىزنى چۈشۈنىۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئادەتلىنىڭ.

    59.ئوقۇتۇشتا كىچىك ۋە كونكېرت بولغان تىما تەتقىقاتىغا قاتنىشىڭ.

    60.كتاب ئوقۇشتا «تەمىنى ھەقىقى تىتىش» قا دىققەت قىلىڭ.

    61.ئوقۇتۇشتا «ھەسەتخور» بولۇڭ، بۇ سىزنى ئالغا باستۇرىدۇ.

    62.قەلەم خىتى، دوسكا خېتىڭىز چىرايلىق، ئۆلچەملىك بولسۇن.

    63.باشقا پەنلەرنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا ئېرىنمەڭ.

    تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە: قايناق ھىسىياتقا تولغان بولۇڭ.

    64.كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشىڭىزنىڭ ۇھىم بىر قىسمى بولسۇن.

    65.ياخشى پىسخىك كەيپىياتنى ساقلاشقا تىرىشىڭ.

    66.سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ، ئۇ سىز ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق.

    67.تۇرمۇشتا خۇشاللىقنى پەقەت ئۆزىڭىزلا يارىتالايسىز.

    68.ئۆزىڭىزنى تونۇشنى بىلىڭ.

    69.ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز پىسخىك دوختۇرى بولۇڭ.

    70.ئۆزىڭىزنى «تىنىچ» تۇتۇشنى بىلىڭ.

    71.ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ.

    72.باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ.

    73.باشقىلاردىڭى ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا تىرىشىڭ.

    74.باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى بىر خۇشاللىق دەپ بىلىڭ.

    75.ئىشلارنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.

    76.مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولسۇن.

    77.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.

    78.خىزمەت ۋە ئائىلە ئوخشاشلا مۇھىم.

    79.ئۆزىڭىزگە تەۋە مەنىۋىي بۇشلىقىڭىز بولسۇن.

    ھەركەت ئادىتى جەھەتتە: پەزىلەتلىك بولۇڭ.

    80.كۈندىلىك خىزمەتكە ئۇرغۇپ تۇرغان روھ بىلەن ئاتلىنىڭ.

    81.ئۆزىڭىز ئۈستىدە زەڭ قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىۋىلىڭ.

    82.ئۆزىڭىزنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ.

    83.كىنىشتە زامانغا لايىقلىشىڭ.

    84.گەپ-سۆزلىرىڭىز سىلىق ۋە ئورۇنلۇق بولسۇن.

    85.شەيئىلەرنى كۈزۈتۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈڭ.

    87.ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشنى بىلىڭ.

    88.باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىڭ.

    89.ئوقوغۇچىلاردىن تەلەپ قىلغاننى ئاۋال ئۆزىڭىز ئورۇنلاڭ.

    90.كۈلۈمسىرەش ئەڭ گۈزەل تىلدىن ئىبارەت.

    91.ئۆزىڭىزنىڭ تەققى تۇرۇق گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ.

    92.ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى ئىتىراپ قىلىش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.

    93.ئىسىڭىزدە بولسۇن، ۋەدىڭىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىڭ.

    94.باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋىلڭ.

    95.مائارىپ بىر خىل مۇلازىمەتتىن ئىبارەت.

    分享到: