• 2013-10-08

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى تونۇشتۇرۇش - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى تونۇشتۇرۇش

    1. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

    دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، دەرس ئىسلاھاتىدا يولغا قويغان ئورتاق تەدبىر شۇكى، بىر پۈتۈنلۈك ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇش شەكلىنى ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مەملىكىتىمىزدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىكى ئىككى مۇھىم نۇقتا مۇقىملاشتۇرۇلدى. يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرس ئىسلاھاتىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقى، پائالىيەتچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىغا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىش تەكىتلەندى. «ماتېماتىكا دەرس ئۆلچىمى (2011-يىللىق نەشرى)»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، سۆزلەش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ئويلىنىشقا، ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىشكە ھەم ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي ماتېماتىكىلىق بىلىملەر ۋە ئىقتىدارنى چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىگىلىتىپ، ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ھېس قىلدۇرۇپ ۋە قوللىنىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي ماتېماتىكىلىق پائالىيەت تەجرىبىسىگە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك». يۇقىرىقى ئارقا كۆرۈنۈش تەھلىلىگە بىرلەشتۈرگەندە، ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى بىرخىل مۇھىم ئۆگىنىش شەكلى ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

    2. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ئوقۇمىنى چۈشىنىۋېلىش

    ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى كەڭ ۋە تار مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. كەڭ مەنىدىكىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىن ئېيتساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرى (تەقلىدىي ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى) نى قوللىنىپ، ئاكتىپىلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەپ، بىلىمنى قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزدىنىش ئىنگىلىزچەinpuiry  دېگەن سۆز بولۇپ،بۇ لاتىنچە «...نىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن «ئىزدىنىش» (quaerere) دېگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن كەلگەن. «ئوكىسفورد لۇغىتى»دە «ئىزدىنىش»كە «بىلىم ياكى ئۇچۇرنى ئىزدەش، بولۇپمۇ ھەقىقەتنى ئىزدەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت؛ ئۇ يەنە ئىزدەش، تەتقىقات،  ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتىدۇر؛ شۇنداقلا سوئال سوراش ۋە گۇمانلىنىش پائالىيىتىدۇر» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. «خەنزۇ تىلى چوڭ لۇغىتى»دە «تەتقىقات، جاۋابنى تىرىشىپ ئىزدەش، شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. «ئوكيانۇس»تا «چوڭقۇر تەھسىل قىلىش، تەكرار تەتقىق قىلىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. «ئىزدىنىش» (探究) نى خەنزۇچە خەت مەنىسى بويىچە چۈشەنسەك، جەرياننى، نەتىجە (جاۋاب)نى تەكىتلەيدۇ.

    3. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇنىڭغا قارىتا مەيلى تەجرىبىنى ئاساس قىلغان دەرسلىك ئۆلچىمى بولسۇن ياكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىك ئۆلچىمىدە بولسۇن، بۇ ئۇقۇم ئېنىق شەرھىلەنگەن. يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىك ئۆلچىمىدە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى جانلىق، ئاكتىپ ۋە خاسلىققا باي جەريان بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مۇستەقىل ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىرنەچچە مۇھىم ئۆگىنىش شەكلى كۆرسىتىلگەن. قايسى خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، «ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزىتىش، تەجرىبە، قىياس، ھېسابلاش، خۇلاسە ۋە دەلىللەش قاتارلىق پائالىيەت جەريانلىرىغا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىلىشى كېرەك».

    فىرۇدېنتالنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى قايتا ئىجاد قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى ئوقۇغۇچىلار بىلىمنى بايقىشى ياكى ئىجاد قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ خىل تەكرار ئىجادىي خىزمەتكە يېتەكلەشتۇر». پوليانىڭمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار شەرھىلىرى بار: «بىلىم ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايقىشىدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇ خىل بايقاشتا ئۇلار ئەڭ چوڭقۇر چۈشىنىۋالىدۇ، شۇنداقلا ئىچكى قانۇنىيەت ۋە باغلىنىشنى ئەڭ ئاسان ئىگىلىۋالىدۇ». بۇ شەرھىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش نۇقتىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسىغا بىرلەشتۈرگەندە، مۇنداق يەكۈنلەشكە بولىدۇ: ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ قىممىتى ئۆگىنىۋېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىشلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت.

    4. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ  خاراكتېرى

    (1) مەيلى ياش ئالاھىدىلىكى ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسىدا ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي ئىزدىنىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈلمەيدۇ. بىز بۇنى پەقەت ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش دەپلا ئېيتالايمىز.

    2) باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسىدا ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان.

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ئىزدىنىش پائالىيىتى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنى مۇستەقىل بايقاش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىشى ۋە ھەمكارلىشىپ مۇلاھىزە قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، شۇنداقلا بىلىم تەجرىبىسى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى دەرسلىك ماتېرىيالنى ئىزدىنىش مەزمۇنى قىلىدۇ. ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىكى پسىخىكىلىق قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىلىق پائالىيەت پۇرسىتى بىلەن تولۇق تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار كۆزىتىش، مەشغۇلات قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، قىياس قىلىش، خۇلاسىلەش، تەھلىل قىلىش ۋە رەتلەش قاتارلىق شەكىللەردە شەخس، گۇرۇپپىلار ۋە كوللېكتىپ پائالىيەت ئارقىلىق بىلىمنى بايقايدۇ، ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى چۈشىنىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ، ماتېماتىكا بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

    مىسال: 302-بۆلەك، 4-يىللىق 2-قىسىمدىكى «ئۈچ دانە كىچىك تاياقچە بىلەن ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ؟» ناملىق تېما

    مىسالنى چۈشەندۈرۈش: بۇ مىسالنىڭ بىلىم نۇقتىسى جەھەتتىن ئاساسلىق ھەل قىلىدىغىنى ئۈچبۇلۇڭدىكى ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. بىلىم ئىگىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش جەريانىدا دائىم ئۆلچەش ۋە كۆزىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجىسى بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ، ئۆگىنىشنىڭ جەريانىغا سەل قارىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچبۇلۇڭدىكى ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تونۇشى پەقەت تۇرغۇن نەتىجە ھالىتىدىلا توختاپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشى كەم بولىدۇ. بۇ مىسالدا ئوقۇتقۇچى ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش شەكلىدىن پايدىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى بايقاش جەريانىغا تېخىمۇ تولۇق قاتنىشىشى تەكىتلىنىدۇ. بۇ بىر خىل پاسسىپ ئۆگىنىشنى ئاكتىپ ئۆگىنىشكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

    (3) بۇ خىل ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تايىنىش نۇقتىسى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى بايقىتىش، ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تەرەققىيات جەريانىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھېس قىلدۇرۇش، ماتېماتىكا بىلەن تۇرمۇشىمىزنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

    مىسال: 302-بۆلەك، 2-يىللىقلار 1-قىسىم «ماتېماتىكا دەرسلىك كىتابنىڭ ئۇزۇنلۇقى قانچىلىك؟» ناملىق تېما

    مىسالنى چۈشەندۈرۈش: ئۇزۇنلۇق ھەققىدىكى تونۇش ۋە بۇ ھەقتىكى بىلىمنى ئىشلىتىش ئانچە تەس ئەمەس. لېكىن، ئوقۇتۇشنىڭ نىشانى پەقەت بىلىمنى ئىگىلىتىشتىلا توختاپ قالسا يېتەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن. ئۇزۇنلۇق بىرلىكىنى ئۆگىنىشتە ئۆلچەشنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى لايىھەلىگەن ئىزدىنىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دەرسلىك كىتابنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەش ئەمەس، بەلكى بىلىمنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت.

    5. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مول نەزەرىيىۋى ئاساسى بار. ئالدى بىلەن بالىلار پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئۆگىنىش ھەۋىسى كۈچلۈك. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار. ئىزدىنىش دەل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇ خىل پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلگەن. تونۇش پسىخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەسلىدىكى تەجرىبە ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى قاتتىق تەكىتلىنىدۇ. بۇمۇ ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش مۇھىتىنى لايىھەلەش ۋە زۆرۈر تەكرار ئۈچۈن بەزى نەزەرىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىگەن. قۇرۇلما نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق دېموكراتىك، ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ھەممىسى ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئۇندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېياللىققا بولغان تونۇشى، تاشقى دۇنيا ھەققىدىكى سىناپ بېقىش، ئىزدىنىشتىن كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئۇندىن قالسا، ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىش پائال ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئاكتىپ ئىزدىنىشىدىن ئىبارەت.

    6. باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى

    باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدە ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەقىللىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، ئىجادچانلىقى، ئوچۇق خاراكتېرى ۋە ئۇنىۋېرساللىقتىن ئىبارەت. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئوقۇتۇش لايىھەسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالىدىن ئىبارەت.

    مۇستەقىللىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئىزدىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتچانلىقى ئىزدىنىش جەريانىدا ۋاسىتىلىق تەجرىبىگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىۋاسىتە تەجرىبىگە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئەمەلىي ئۆلچەش، تەجرىبە قاتارلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتلار، شۇنداقلا ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قوللىنىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجادىيلىق ئىزدىنىش جەريانىدا پەرقلەرنى تېپىشقا، شۇنداقلا تەنقىدكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئوچۇق بولۇش دېگىنىمىز ئىزدىنىش جەريانىدا ئوچۇق بولۇش، ئىزدىنىشنىڭ تاكتىكىسى ئوچۇق بولۇش، مەسىلە ئوتتۇرا قويۇش ۋە جاۋاب بېرىش ئوچۇق بولۇشتىن ئىبارەت. ئۇنىۋېرساللىق دېگىنىمىز ئىزدىنىش جەريانىدا كۆپ خىل نۇقتىدىن ۋە كۆپ قاتلامدىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ماتېماتىكىلىق بىلىمنى ئىشلىتىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى پەنلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ھالقىپ بىرلىشىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

    چۈشەندۈرۈش: يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم نەزەرىيەۋى ئاساسىي بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم بۇنى ئۆگىنىپ، تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى لازىم. بۇ بۆلەكتىكى تەربىيەلەشكە قارىتا لېكسىيە ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ ياكى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت ۋە خۇلاسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانساقمۇ بولىدۇ. تەربىيەچى ئوقۇتقۇچى بەزى مەسىلىلەرنى لايىھەلەپ، ئۇنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇلاھىزە تېمىسى قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىدىكى ئىزدىنىش ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىزدىنىشمۇ؟ ئىزدىنىشلىك ئۆگىنىشتە ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ۋاقىت بېرىش كېرەك، سىزنىڭچە بۇنداق قىلىش ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلسىمۇ بولىدۇ.

    分享到: