• 2013-10-08

    «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى» دېگەن دەرسنىڭ مىسالى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    «تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت»نىڭ ئىچىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى» دېگەن دەرسنىڭ مىسالى

    3-يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىمدىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش تېمىسى «تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت»نىڭ ئىچىدىكى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى» دېگەن دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھەسى

    【ئۆگىنىش نىشانى】

    1. خەلق ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايرام ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىلىۋېلىش، مۇھىم بايراملار (باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاڭزوڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى) ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىۋېلىش، ئەل ئارىسىدىكى رەڭدار بايرام فولىكلورىدىن پەخىرلىنىش.

    2. ئۆزىگە كېرەكلىك ماتېرىيالنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرەلەيدىغان، يىغالايدىغان، ئوقۇيالايدىغان، شۇنداقلا ماتېرىيالنى رەتلەپ، تەھلىل قىلالايدىغان، باشقىلار بىلەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاغزاكى ۋە يېزىقچە شەكىلدە ئالماشتۇرالايدىغان بولۇش.

    3. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراش ئادىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە  ئۆگىنىۋېلىش، گۇرۇپپىدا ھەمكارلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بولۇش.

    【مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا تەھلىلى】

    1. 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قېتىم ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشكە دۇچ كېلىدۇ. گۇرۇپپىدا قانداق ھەمكارلىشىپ پىلانلىق ۋە باسقۇچلۇق ھالدا ۋەزىپىنى تاماملاشتا، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى ۋە ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ.

    2. كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەردىكى بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يىغىش ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ قىيىن نۇقتىسى.

    3. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا قانداق ھېس قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان ۋە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان پۇرسەتنى تېپىش، بۇ جەرياندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، پائالىيەتنىڭ ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىگە مۇھتاج.

    4. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەش، ھەمكارلىشىش، ھەممە ئادەم قاتنىشىش، بىر-بىرىنى باھالاش ۋە ياردەم بېرىش.

    تەكلىپ: بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئۇچرايدىغان پايدىلىق مەنبەلەرنى قېزىپ چىقىش، مەكتەپ كۇتۇبخانىسى، تاراتقۇلۇق سىنىپ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى باشقا پەنلەر بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ ئاساس مائارىپ بايلىق تورى قاتارلىق مەنبەلەردىن پائال پايدىلىنىپ ماتېرىياللارنى ئىزدەش؛ ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلار بىلەن يۈرەكلىك ئالاقە قىلىشقا يېتەكلەش، ھەمكارلىقنى پائال ئىزدىنىپ، بۇ جەرياندا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.

    【پائالىيەت لايىھەسى】

    پائالىيەت تەرتىپى:

    باش تېمىنى تاللاش، گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پىلان تۈزۈش گۇرۇپپا پائالىيىتى، ماتېرىيالنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش ماتېرىيالنى رەتلەپ نەتىجىنى كۆرگەزمە قىلىشقا تەييارلىنىش سىنىپتا نەتىجىنى ئالماشتۇرۇش، باھالاش خۇلاسىسىنى كۆرسىتىش

    بىرىنچى پائالىيەت: باش تېمىنى تاللاش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىلان تۈزۈش

    باسقۇچلۇق نىشان:

    1. گۇرۇپپىنى بىرلىك قىلىپ مەملىكىتىمىزدە قايسى ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ بارلىقى، ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە قايسى بايراملارنى تاللايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىمىز.

    2. «تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىچىدىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا قايسى پائالىيەتنى قانداق ئۇسۇلدا قانات يايدۇرۇش، پائالىيەتنىڭ قەدەم- باسقۇچلىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىلىدىغان ئوخشاش بولمىغان شەكىللەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالىمىز. ئاددىي پائالىيەت پىلانى تۈزىمىز.

    3. مۇلاھىزە ئارقىلىق ھەربىر ساۋاقداشنى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تولۇق قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.

    پائالىيەتنىڭ ئاساسىي شەكلى: سىنىپتا ۋە گۇرۇپپىلاردا مۇلاھىزە قىلىش

    پائالىيەت جەريانى:

    بىرىنچى، پاراڭلىشىش ئارقىلىق پائالىيەتكە باشلاپ كىرىش، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش

    1. تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: بەشىنچى گۇرۇپپا تېكىستنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەملىكىتىمىز تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن موللىقى، ۋايىغا يەتكەن ئەنئەنىۋى خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق سەنئىتى، كامالەتكە يەتكەن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىناكارلىقى، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بىلىۋالىمىز. «ياقا-يۇرتتا سەرسان سەن ھامان، بايراملاردا سېغىنىش يامان» دېگەن مىسرالارنى ئەسلىتىمىز.  ھەر قېتىم بايرام ئۆتكۈزگەندە، ئىنتايىن قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىنى ھېس قىلىمىز.

    2. ئەنئەنىۋى بايراملارنى بىر-بىرلەپ ساناش: ئوقۇغۇچىلار، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ قايسى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى بىلىسىلەر؟ ( ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە سانايدۇ، ئوقۇتقۇچى مەۋسۇم بويىچە ئەنئەنىۋى بايراملارنى تىزىشقا ياردەملىشىدۇ)

    ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ باشقا بايراملاردىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەنئەنىۋى بايراملار ھەمىشە مەۋسۇم ۋە پەسىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سىلەر بۇ ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى بىلەمسىلەر؟ گۇرۇپپىدا ھەمكارلىشىپ، كالېنداردىن بۇ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ ۋاقتىنى تېپىپ چىقىڭلار. (ئوقۇغۇچىلار كالېندارنى ۋاراقلايدۇ، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ ۋاقتىنى ئالماشتۇرىدۇ).

    ئىككىنچى، بىرلىشىپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئەنئەنىۋى بايراملارنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىۋېلىش

    ئويلىنىش ۋە تەتقىقات ئوبيىكتى: ئوقۇغۇچىلار، بۇ ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ ئىچىدە قايسىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىسىلەر؟ قايسى بايراملارغا ئەڭ قىزىقىسىلەر؟ گۇرۇپپىنى بىرلىك قىلىپ بىر بايرامنى تاللىۋېلىپ ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش قىلايلى. ئاندىن ھەربىر گۇرۇپپا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە دوكلات قىلىدۇ. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان بايراملاردىكى ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىلىۋالىدۇ.

    ئۈچىنچى، گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پائالىيەتنىڭ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

    ئوقۇغۇچىلار تەتقىقات قىزغىنلىقىغا ئاساسەن ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدەپ، گۇرۇپپا تەشكىللەيدۇ.

    دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىقات نىشانىغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلەش: ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكىلەر ئاۋۋال گۇرۇپپا دائىرىسىدە كىچىك باشلاردىن بوران چىقىرىش ئويۇنى ئوينايدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ گۇرۇپپاڭلارنىڭ تەتقىق قىلىشقا تەييارلىغان ئەنئەنىۋى بايراملارنى كۆرىدۇ. قانداق مەنزىرە ۋە قانداق شەيئىينى خىيالىڭىزغا كەلتۈردىڭىز؟ ئاۋۋال گۇرۇپپىدا پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، ئاندىن ھەربىر گۇرۇپپا بىردىن ۋەكىل چىقىرىپ سۆزلەپ باقسۇن. بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن بەزى ئەنئەنىۋى بايراملارغا ئالاقىدار سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلىنىمىز.

    تۆتىنچى، گۇرۇپپىدا مۇلاھىزە قىلىش، مەزمۇننى ۋە نەتىجىنىڭ شەكلىنى مۇقىملاشتۇرۇش

    1. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىش: ھەربىر ئەنئەنىۋى بايراملار ئىنتايىن رەڭدار، ئۇنىڭدا ئىزدىنىدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلار بار. مەسىلەن: بۇ بايرامنىڭ قانداق رىۋايىتى بار؟ بىزنىڭ بۇ جايدا بۇ بايرامنىڭ قايسى خىل ئۆرپ-ئادەتلىرى بار؟ ھەربىر گۇرۇپپا مۇشۇ بايرامنى چۆرىدىگەن ئاساستا قايسى ئىزدىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇسىلەر؟ گۇرۇپپىدا مۇلاھىزە قىلىڭلار. گۇرۇپپا باشلىقى قىسقىچە خاتىرىلىۋالسۇن. (گۇرۇپپىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋە ئاددىي خاتىرىلەيدۇ).

    2. كوللېكتىپ ئالماشتۇرۇش: ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ قايسى ئەنئەنىۋى بايرامنى تەتقىق قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ پائالىيەتنى قانداق راۋاجلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقىمىز.

    ئالدىن قىياس قىلىش: كىچىك گېزىت، ھەرخىل سۈرەتلىك كۆرگەزمە، ھېكايە كۆرگەزمىسى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تامتەسۋىرلىك نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىقلار. (ئەگەر ئوقۇغۇچىلار قانداق پائالىيەت قىلىشنى ئېنىق بىلمىسە، ئوقۇتقۇچى بەزى پائالىيەت تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ)

    سۈرەت كۆرگەزمىسى، بايرامغا ئالاقىدار شېئىر دېكلاماتسىيەسى، تامتەسۋىرلىك نۇتۇق، ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنى توپلاش، بايراملىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، بايرام ئادەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش قاتارلىقلار.

    ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكى: قانداق پائالىيەت قىلىشنى ئويلاشقىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قانداق ئىش تەقسىم قىلىش، كىم قانداق ۋەزىپىگە مەسئۇل بولۇش دېگەنلەرنىمۇ ئويلىغىلى بولىدۇ.

    3. ماتېرىيالنى قانداق يىغىش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش: مەيلى گېزىت چىقىرىش ياكى ھېكايىلەرنى ئىزدەش، سۈرەتلەرنى ئىزدەش بولسۇن، كۆپ مىقداردا ماتېرىياللارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. بىز قايسى خىل يوللار ئارقىلىق ماتېرىيال ئىزدەيمىز. ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىدۇ ۋە ئالدىن قىياس قىلىدۇ: ئاتا-ئانىسىغا، ئوقۇتقۇچىلىرىغا مۇراجەت قىلىدۇ. كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردىن ئىزدەيدۇ، زىيارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. توردىن ماقالە ۋە سۈرەتلەرنى ئىزدەيدۇ. (ئوقۇتقۇچى بەزى ياخشى مەنبەلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەسىلەن، «دۆلەتنىڭ ئاساس مائارىپ بايلىق تورى» دېگەندەك)

    بەشىنچى، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلىش، پائالىيەتنىڭ پىلانىنى تۈزۈش

    پائالىيەت داۋامىدا ۋاقىتنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قەدەممۇ-قەدەم ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال ئاددى پائالىيەت پىلانى تۈزۈۋېلىشىمىز كېرەك. مۇئەللىم بۇ يەردە بىر پارچە پائالىيەت جەدۋىلىنى تەييارلاپتۇ، بىرلىكتە ئۆگىنەيلى.

    پائالىيەت پىلانىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ، پىلان جەدۋىلى تۈزۈشنى بىرلىكتە ئۆگىنىمىز.

    ھەرقايسى گۇرۇپپىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئوخشاش بولمىغان مۇندەرىجە لايىھەلەپ، ئوخشاش بولمىغان پىلان جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بېزەيدۇ. بۇ پىلان جەدۋەللىرى بەلكىم كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىشى مۇمكىن.

    ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئىش تەقسىملىۋېلىپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ھەمدە پىلان تۈزىدۇ. ئوقۇتقۇچى يېتەكلەيدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

    ئۆگىنىدىغان ماتېرىيال مەنبەسى:

    ئىككىنچى پائالىيەت: گۇرۇپپا پائالىيىتى، كەڭ كۆلەمدە ماتېرىيال يىغىش

    باسقۇچلۇق نىشان:

    1. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىلانلىق، مەقسەتلىك، قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى كەڭ كۆلەمدە يىغىش.

    2. توردا ئۆگىنىش، ماتېرىيال رەتلەش، ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەت تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىزدىنىش پائالىيىتىنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ، بۇنىڭدىن بىلىم ئېلىپ بۇ پائالىيەتنى تولۇق باشتىن كەچۈرۈش.

    3. پائالىيەتنىڭ نەتىجىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈش، گۇرۇپپا ئەزالىرى تولۇق ھەمكارلىشىش، ئىش تەقسىملىۋېلىپ ماسلىشىش، ھەممە ئادەم قاتنىشىش.

    پائالىيەتنىڭ ئاساسىي شەكلى: گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت قىلىش، پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچى يېتەكچلىك قىلىش

    پائالىيەتنىڭ جەريانى:

    بىرىنچى، ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش

    مەسىلەن: باھار بايرىمى گۇرۇپپىسى چوڭلارنى يوقلاپ، جەنۇب ۋە شىمالنىڭ بايراملىق ئاساسلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىۋالىدۇ. جۇڭگوچە تۈگۈنچەكلەر ۋە بايراملىق سۈرەتلەرنى كۆرىدۇ ۋە ئىزدەيدۇ. باھار ھەققىدە مەسنەۋى يېزىپ چاپلايدۇ.

    چوكانتال بايرىمى گۇرۇپپىسى چوكانتال بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى رىۋايەت ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا «چوكانتال بايرىمى ھەققىدە» ناملىق بىر پارچە گېزىت ئىشلەيدۇ.

    تاڭزوڭزا چاغىنى گۇرۇپپىسى تاڭزوڭزا چاغىنى ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە ھېكايىلەرنى سۆزلەيدۇ. كىچىك تىپتىكى سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ تاڭزوڭزا چاغىنىدىكى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش: خۇش پۇراق خالتا تىكىش ۋە تۈگرە تۈگۈش.

    تاۋۇز چاغىنى گۇرۇپپىسى تاۋۇز چاغىنىغا ئالاقىدار شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىدۇ. تاۋۇز چاغىنىغا ئالاقىدار كوچا تەكشۈرۈشى قىلىدۇ.    ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن پائالىيەتلەرنى تاللاپ قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنى يىغىپ،  نەتىجىنى دوكلات قىلىدۇ.

    ئىككىنچى، ھەرقايسى گۇرۇپپىلار پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە قاراتمىلىق مەسلىھەتلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچى يېتەكلەيدۇ.

    1. مەكتەپنىڭ كۇتۇبخانىسى، ئېلېكتىرۇنلۇق قىرائەتخانا قاتارلىق مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يىغسا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى تور بېكەت تەۋسىيە قىلىدۇ، مەشغۇلات ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ماتېرىيال چۈشۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ.

    2. ھەرقايسى گۇرۇپپىلارغا ئايرىم يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

    3. شارائىت يار بەرسە يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ، قول سېلىپ ئىشلەيدىغان قىزىقارلىق ۋە پايدىلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەر، مەسىلەن، زوڭزا تۈگۈش، پۇراقلىق خالتا تىكىش، تۈگرە تۈگۈش، باھارلىق مەسنەۋى يېزىش ئارقىلىق پائالىيەتكە قىزغىن قاتناشسا بولىدۇ. (بۇنىڭدا بىخەتەرلىككە ۋە ۋاقىتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا دىققەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ).

    4. پائالىيەت جەريانىدا خاتىرە يېزىشقا ئەھمىيەت بېرىش (يېزىقچە ياكى سۈرەتلىك) خۇلاسىلەشكە پايدىلىق.

    ئۈچىنچى پائالىيەت: ماتېرىيالنى رەتلەش، نەتىجىنى كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىش

    باسقۇچلۇق نىشان:

    1. ھەرقايسى گۇرۇپپىلار ماتېرىيال توپلايدۇ ۋە رەتلەيدۇ. ماتېرىيالنى قانداق چىقىرىۋېتىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە بەھرىمەن بولۇشنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

    2. پائالىيەت جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.

    3. شەكىللەنگەن نەتىجىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلايمىز، قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرىمىز.

    پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق شەكلى: گۇرۇپپا پائالىيىتى، پائالىيەت داۋامىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكى

    پائالىيەتنىڭ جەريانى:

    بىرىنچى، ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەت تەرتىپىنى چۈشىنىش

    ھەرقايسى گۇرۇپپىلار قايسى باسقۇچقا كەلگەنلىكى ھەمدە قايسى پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە پىلانلىرىنى سېلىشتۇرىدۇ.

    يېتەكچىلىك: قانداق نەتىجىنى كۆرسىتىشتىنى ئاۋۋال ئويلىشىۋالغاندا، ماتېرىيالنى قاراتمىلىق ئىزدىگىلى بولىدۇ.

    ئىككىنچى، پائالىيەتتە دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە چارىنى كېڭىشىۋېلىش

    قارىغاندا كۆپچىلىك پىلان بويىچە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل قىپتۇ. ناھايىتى ياخشى! پائالىيەتتە قىيىنچىلىقلار بولدىمۇ-يوق؟ بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق يېڭىمىز؟ ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ پائالىيەت داۋامىدا ئۇچرىغان مەسىلىلىرىنى بىر قۇر رەتلەيدۇ. بۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:

    1. توپلىغان ماتېرىيال بەك كۆپ ھەم بەك قالايمىقان بولۇپ، قانداق تاللاشنى بىلەلمىگەن.

    2. تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئىشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىق قىلىنمىغان. پائالىيەت ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىلمىغان.

    3. بەزى ماتېرىياللار ئەسقاتمايدۇ دەپ قارالغان، لېكىن بۇ باشقا گۇرۇپپىدىكى ئەزالارغا ناھايىتى پايدىلىق. كۆپچىلىك ياخشى ئالاقىلىشالمىغان، نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ كەتكەن.

    4. تەكشۈرگەندە، زىيارەت قىلغاندا ئۆزىگە ئىشىنىش كەمچىل، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سورىمىغان.

    ئوقۇغۇچىلار، قېنى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق قىلىدىغان قانداق ياخشى تەكلىپىڭلار بار؟

    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئويلىغان چارىلەرنى خاتىرىلەشكە ۋە رەتلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ:

    1. نەتىجىنى كۆرسىتىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ماتېرىيال تاللاش.

    2. ئوقۇتقۇچى ياكى چوڭلاردىن ياردەم سوراش.

    3. تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىش.

    4. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش، ماتېرىيالدىن تەڭ پايدىلىنىش.

    خۇلاسە ۋە ئىلھاملاندۇرۇش: ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشنى يولغا قويغاندا ھەمىشە ھەرخىل مەسىلىلەرگە يولۇقىمىز. ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، كۆپرەك ئويلىنىڭلار، كۆپرەك سوراڭلار، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلار، ھەمراھلىرىڭلار، ئاتا-ئاناڭلاردىن ياردەم سوراڭلار. كۆپچىلىككە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلاي: چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ.

    ئۈچىنچى، ھەرقايسى گۇرۇپپىلار پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدۇ، توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، نەتىجىنى كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىغا دىققەت قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك خاراكتىردىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    توردىن ماتېرىيال ئىزدەش گۇرۇپپىسىغا قانداق ئىزدىگۈچنى قانداق ئىشلىتىش، ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى قانداق كىرگۈزۈش، يېزىقچە ۋە سۈرەتلىك ماتېرىياللارنى قانداق ئىزدەشنى ئۆگىتىدۇ.

    بەزى مەخسۇس تور بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېرىيال ئىزدەشكە يېتەكلەيدۇ، مەسىلەن، «دۆلەتنىڭ ئاساس مائارىپ بايلىقى تورى» دېگەندەك.

    ماتېرىيالنى قانداق چۈشۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ ساقلاش، ئوخشاش بولمىغان ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇش، سۈرەتلىك، يېزىقچە ماتېرىياللار ۋە باشقا ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ساقلاشنى ئۆگىتىدۇ.

    گېزىت چىقىرىدىغان گۇرۇپپىلارغا ماتېرىيالنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بەتكە تىزىشنى ئۆگىتىدۇ.

    كۆپ مىقداردىكى يېزىقچە ماتېرىيالدىن ئاددىي ئۇچۇرنى تاللاش ياكى ماتېرىياللارنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ئىپادىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    تۆتىنچى پائالىيەت: سىنىپ بويىچە ئالماشتۇرۇش، باھالاش خۇلاسىسىنى كۆرسىتىش

    باسقۇچلۇق نىشان:

    1. ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەت نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ، پائالىيەتنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بايرام مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى ھېس قىلىش.

    分享到: