-
2013-10-04
مەۋسۈملۈك پەن ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈشتە بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە تەكلىپ - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
مىللىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مەۋسۈملۈك پەن ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە تەكلىپ.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىغا ئاساسەن، 2013-يىلى كۈز پەسىللىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپىىسى بىلەن بىرلىكتە، يىڭسار، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدۇم. تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك پەن ئوقۇتۇش پىلانىنى يېزىشتا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلىنىڭ بارلىقىنى سەزدىم.ھەم بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. قاراشلىرىم توغرا بولسا قوبۇل قىلغايسىلەر.
1.مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش پىلانىدا ساقلانغان مەسىلەر:
مەۋسۈملۈك پەن ئوقۇتۇش پىلانىنى يېزىشنىڭ ئەھمىيتىگە بولغان تونۇش يىتەرلىك ئەمەس. ھەر مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش باشلىنىش بىلەن، ئوقۇتقۇچىلار ئاۋال ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەن دەرسىنىڭ بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇنى ھەر مەۋسۈمدە يازىدىكەنمىز، تەكرار ئىشكەنغۇ بۇ، ئارتۇقچە ئىش تاپقانلىققۇ بۇ، بۇنىڭ زادى قانچىلىك ئەھمىيتى بار؟ دەپ نارازىلىق پوزۇتسىيەسىدە بولماقتا. مېنىڭچە بۇنداق قاراش ناھايىتى خاتا. يۇقارقىدەك پوزۇتسىيەدە بولۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز خىزمىتىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھورۇنلۇق قىلىش سەۋەبىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش پىلانىنى ياخشى تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ، پىلان تۈزۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەتىراپلىق تەتقىق قىلىش ۋە قايتا ئويلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى تولۇق ئويلۇشۇپ، تەتقىق قىلىغاندىلا، ئۆزىنىڭ شۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش نىشانىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىن كۆزلىگەن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى تولۇق ئويلۇشۇپ، تەتقىق قىلمايدىكەن، پىلان تۈزۈشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە، چارە-ئامال تىپىشقا ماھىر بولمايدىكەن، بۇنداق ئوقۇتقۇچى خىزمەتنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى گەۋدىلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىدىن سۆز ئېچىش تىخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.
نەخ گەپكە كەلسەك، مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش پىلانىنى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇۋاپىق دەپ قاايمەن.
1.ئوقۇغۇچىلار تەھلىلى
2.دەرسلىك تەھلىلى
3.مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش نىشانى
4.مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش مەزمۇندىكى مۇھىم نوقتا ۋە قىيىن نوقتىلار
5.مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش نشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان چارە تەدبىرلەر
6.ئۆگىنىشتە قىيلىنىۋاتقان ئوقوغۇچىلارنى يېتەكلەش پىلانى
7.ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەت پىلانى
8.ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى (ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يەنى ھەر بىر دەرس ياكى باپ، بۆلەكلەردىن ئېلىنغان ئىمتىھان ۋاقتى، ئىمتىھان سۇئاللىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار كىتەرلىك ۋاقىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا يۇقارقى جەھەتلەر تولۇق پىلانلانماسلىق ئەھۋالى مەۋجۇت. ئۇنداقتا يۇقارقى تەرەپلەرنى زادى قانداق يېزىش، نىمىلەرنى يېزىش كىرەك؟ تۆۋەندىكى يازمىلاردىن پايدىلانساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
1. ئوقوغۇچى تەھلىلى:
سىنىپتىكى ئوقوغۇچى سانى، ئوغۇل ۋە قىز ئوقوغۇچلارنىڭ نىسبىتى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندىكى نەتىجىسىنىڭ قىسقىچە تەھلىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسلۇبى ۋە ئۆگىنىش ئادىتى تەھلىلى قاتارلىقلارنى يېزىش كىرەك. بۇ سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوقوغۇچىلار تەھلىلىگە ئوخشىمايدۇ، پەن ئوقۇتۇش پىلانىدىكى ئوقوغۇچى تەھلىلىدە ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم، تەجىرىبە ئاساسى ئەھۋالى يەنى ئەلاچىلار نىسبىتى، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، ئوقوغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلشى ئىقتىدارى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئۆگىنىش پوزۇتسىيەسى، ئۆگىنىش ئادىتى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەر تەھلىل قىلىنىدۇ.
2. دەرسلىك تەھلىلى
دەرسلىك تەھلىلىنى ياخشى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدا مېنىڭچە مۇشۇ مەۋسۈملۈك دەرسلىكنىڭ لايىھىلىنش ئاھۋالى؛ ئاساسلىق مەزمۇنلار، مەزكۈر دەرسلىكنىڭ ئالدىنقى ۋە كىيىنكى دەرسلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى؛ مۇشۇ دەرسلىكتىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار ۋە شۇ مەزمۇنلار ئىچىدىكى مۇھىم، قىيىن ۋە ھالقىلىق نوقتىلار؛ مەزكۈر دەرسلىك ئارقىلىق ئوقوغۇچىلاردا يىتىلدۈرمەكچى بولغان ئىقتىدار ۋە دەرسلىككە سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە ۋە ئۇسۇل؛ دەرسلىككە سىڭدۈرۈلگەن ئەخلاق تەربىيەسى، گۈزەللىك تەربىيەسى ۋە غەيرى ئەقلى تەربىيە ئامىلى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىپ يېزىش لازىم.
3.ئوقۇتۇش نىشانى ۋە تەلەپ
ئوقۇتۇش نىشانى ۋە تەلەپ، ئۆگىنىشتە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى. ئىدىيەۋى تەربىيەدە يەتمەكچى بولغان ننىشان تەلەپلەر؛ بىلىم ئوقۇتۇشى، ئاساسلىق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشتە يەتمەكچى بولغان نىشان. مەسىلەن بىلىم، ئىقتىداردىن ئىبارەت «قوش ئاساس» تا يەتمەكچى بولغان نىشان ۋە تەلەپلەر قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاننى كونكېرت تۈزۈش كىرەك. ئالدىن دەرس ئۆلچىمىنى ياخشى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى نىشان يەنى ھەر قايسى بىلىم نوقتىلىرىدىكى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا دىقەت قىلىش كىرەك.
4. نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان چارە-تەدبىرلەر
بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار كونكېرت، ئەمەلىي، يولغا قويغىلى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بولىشى كىرەك. قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئادەتتە بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قانداق ياخشىلاش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قانداق يىتەكچىلىك قىلىش، ئىلغار ئوقۇتۇش ۋاستىللىرىدىن قانداق پايدىلىنىش يەنى دەرس بايلىقلىرىنى قانداق ئېچىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىندىئۇدال پەرقىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئارقىدا قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق يىتەكلەش، سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇشۇ پەن دەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزقىشىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى قانداق قوزغاش، ئوقوغۇچىلاردا قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە پوزۇتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ خۇلاسىلاش، ئوقوغچىلارغا فۇداۋ (كونسۇلتاتسىيە) قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق قىلماقچى؟ قوللانماقچى بولغان تەدبىرلەرنى يېزىشقا بولىدۇ. دەرس ئۆلچىمىدىكى نىشان ۋە تەلەپلەرنى ياخشى تەتقىق قىلىپ ئاندىن بىكىتىشكە دىققەت قىلىش كىرەك.
5.ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىللىرى، ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش پىلانى، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيتى پىلانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، شۇنداقلا دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىش كىرەك.
6. ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى
ئوقۇتۇشنىڭ دەرس سائىتى تەقسىماتى ۋە سۈرئىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر مەۋسۈملۈك دەرس ئۆتۈش ۋاقتى، تەكرار ۋە ئىمتىھان ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ئويلىشىپ جەدىۋەللەشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ھەپتە، دەرس ئۆتىدىغان چىسلا، دەرس سائىتى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئەسكەرتىش قاتارلىق سىتۇنلارغا ئايرىپ يېزىلسا بولىدۇ.
پەن ئوقۇتۇشىنىڭ مەۋسۈملۈك پىلانىنى تۈزگەندە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.
1. ئالدىنقى مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش ئەھۋالى تەھلىلىنى كۈچەيتىش، بۇ مەۋسۈلۈك تەھلىلنىڭ ئالدىنقى مەۋسۈم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈك بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.
ئوقۇتۇش باغلىنىشچانلىقى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئالدىنقى مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولۇق ئەسلەپ، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەھلىل قىلىپ، ئالدىنقى مەۋسۈمۈك ئوقۇتۇشتىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىرىبىلەرنى خۇلاسىلىشى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋە سەۋەبىنى تىپىپ چىقىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھازىرقى بىلىم ئاساسى ۋە سەۋىيەسىگە ئوبىكتىپ يۈزلىنىپ، يېڭى مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىلمىي بىكىتىش ئۈچۈن رىئال پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارنى توپلىشى كىرەك.
2.مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى ۋە پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى، ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى، پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات پىلانى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك پەن ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشتە يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيتىنى ئىگىلىشى، مەكتەپ ۋە پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىىنىڭ باش نىشانىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، قانداق تەدبىر ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيتىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كىرەك. ھەم ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پىلانىغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىشى، كونكېرتلاشتۇرشى كىرەك. ئۆزۈمنىڭ خاسلىقىمنى گەۋدىلەندۈرىمەن دەپ، ئۆز بىشىمچىلىك قىلىپ باش نىششاندىن ئادىشىپ قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
3. پىلاندا قولانماقچى بولغان چارە-تەدبىرلەر ئەمەلىي ئۈنۈم بىرىدىغان، قوللىنىشقا بولىدىغان يەنى مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولىشى كىرەككى، شۇئار خاراكتىرلىق سۆز ئىبارىلەرنى مۈمكىن قەدەر ئىشلەتمەسلىك كىرەك.
4.قوللانماقچى بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان، يېڭى دەرس ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولىشى، يېڭى دەرسلىك مەزمۇنىنى كونىچە ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈشتىن قەتئىي ساقلىنىش كىرەك.
5.پىلان تۈزگەندە دەرسلىك مەزمۇنىنى ئاساس قىلىش، دەرسلىك ۋە دەرس ئۆلچىىدىن چەتنەپ كىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن دەرسلىك كىتابنى تولۇق كۆرۈپ تەتقىق قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ۋە كىتاپلارنى كۆرىشى، بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەتىراپلىق تونۇشقا ئىگە بولىشى كىرەك. ئۆز مىڭىسىدە بىر مەۋسۈملۈك ھەتتا بىر ئوقۇش بۆلىكى يەنى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى، ھەرقاسى يىللىقلاردىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى، بولۇپمۇ بىر مەۋسۈملۇق ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قارىتا ئۆز مىڭىسىدە بىلىملەر قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرشى، بىلىم نوقتىللىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىگىلىشى، مۇھىم، قىيىن نوقتىلارنى قىزىپ چىقىشى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش تەپەككۈر يوللىرىنى بىكىتىشى، بىلىم نوقتىللىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق بىكىتىشى كىرەك.