• 2012-05-24

    "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى تۈزۈش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئويلۇنۇش - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى تۈزۈش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئويلۇنۇش

    قارىسام بۇ ماقالە خىلى ئوبدان يېزىلىپتۇ، ئۇ يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان مەكتەپتىكى يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ھەقىقى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تەسىراتقا ئىگە ئوقۇتقۇچىنىڭ يازغان ماقالىسى ئىكەن. تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. ئۇستازلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بىقىشىنى، بىزنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىمىزدىكى دەرسخانىمىزدىمۇ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ئۇقۇتۇش ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن ئىزدىنىش قىلىپ بىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

    پايناپ. 2012-يىلى 5-ئاي . قەشقەر

    بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش باشلانغاندىن كىيىن، مەكتىپىمىز دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ تەجىرىبىللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، "يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى" نى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويدۇق. بۇ ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەكتىپىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلگىرى يېزىپ كىلىۋاتقان ئوقۇتۇش لايىھىسىنىڭ ئورنىنى ئوقوغۇچىلارنى ئۆگىنىشكە قانداق يىتەكلەشنى ئاساس قىلغان "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ئىگىلىدى. "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش، ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىشكە يىتەكلەيدىغان ئۆگىنىش لايھىسى بولۇپ، ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشتىكى لىنىيە خەرىتىسى ۋە كومپاستىن ئىبارەت. "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى تۈزۈش ۋە ئىشلىتىش مەكتىپىمىزنىڭ "يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرسخانا ئىسلاھاتى" نىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش ياكى مەغلۇپ بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش. مەكتەپ  "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى تۈزۈش ۋە ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەھمەيەت بەردى ھەمدە ئۇنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىدىن تارتىپ ھەر قايسى ھالقىللىرىغىچە كونكىرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ماقالامدە مەكتىپىمىزنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ،  "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى تۈزۈش ۋە ئىشلىتىشكە قارىتا ئۆزەمنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. "ئۆگىىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، دەرسخانا ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك تۈرتكىىك رول ئوينىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

    بۇ مەۋسۇم مەكتىپىمىز "يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا" ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئومومىيۈزلىك يولغا قويدى. "يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا" دىگىنىمىز "ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش - ئۆگەنگىنىنى نامايەن قىلىپ تەجىرىبە ئالاماشتۇرۇش - ئۆلچەمگە يىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش" تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى ئازادە، خۇشال-خورام، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈنۈملىك ئۆگىنىشكە يىتەكلەشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئوقۇتۇش شەكلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقوغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوزغۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش، ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىنى نامايەن قىلىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنى ھەقىقى تۈردە دەرسخانىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" دەل مانا مۇشۇ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ھەقىقى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدىغان ۋاستىدىن ئىبارەت.

    1. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نىڭ ئىنىقلىمىسى

    "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" دىگىنىمىز ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىگە، بىلىم تەجىرىبىسىگە ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۆگىنىش لايىھىسىدىن ئىبارەت. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بىرلىكتە تۈزۈپ تامالىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ھەرگىزمۇ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ قايتا كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان تىزىسىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىمنى ئۆزىدە بار بولغان ئىلگىرىكى بىلىم بىلىەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىلىمنى ئۆگىنىشنى مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋاستىسى بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگەنمەكچى بولغان يېڭى بىلىملەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك پىششىقلاپ ئىشلىشىگە ياردەم بىرىپ، ئۆزىدە پۇختا بولغان بىلىم سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. ئۇ يەنە ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ماھىيەت جەھەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بىرىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئۆگىتىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈكتىن ئىبارەت. ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆز بىلىمىنى پەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدىغان مۇھىم ۋاستە بولۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا "ئوقۇشقا يىتەكلەش، ئاڭلاشقا يىتەكلەش، پىكىر يۈرگۈزىشكە يىتەكلەش، ئىشلەشكە يىتەكلەش" تىن ئىبارەت مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش، ئوقوغۇچىلارنى ئالدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ھاسىلاتلىرىنى نامايەن قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش جەرياندىدا مۇۋاپىق بولغان ئۆگىنىش نىشانى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشتەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    2. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى لايىھىلەش

    ئوقۇتقۇچى "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى لايىھىلەشتە، دەرسلىك كىتابنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپى ۋە بىلىمنىڭ سىسىتىمىسىنى چىقىش قىلىپ، دەرسلىك، پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى، ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىم سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، دەرسلىك مەزمۇنىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نوقتىلارنى مۇۋاپىق تارقاقلاشتۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاپ ۋە ئىچىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كچەيتىش مەقسىتىگە يىتىشنى ئاساس قىلىشى لازىم. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى لايىھىلەشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.

    1) ئوقۇتۇش نىشانىنى چۆرىدىگەن ھالدا، دەرسلىك كىتاپنى چوڭقۇر قېزىپ، ئومومى جەھەتتىن دەرسلىك بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە بىلىملەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بىلىملەرنى سىستىمىلاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھەر بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن بىر نۇسقىدىن "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كونتۇرۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۆگىنىش نىشانى ئوقوغۇچىلارغا ئىنىق بىلدۈرۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك.

    2) "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" قوزغۇتۇشچانلىققا ئىگە بولىشى كىرەك. دەرسلىكتىكى ئوقوغۇچىلار چۈشىنىش قىيىنراق بولغان مەزمۇنلارغا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئەسكەرتمە بىرىش، بەلگىلىك مىقداردا تەھلىل سۇئاللىرىنى بىكىتىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يىتەكلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىلىش ئىستىگىنى قوزغۇتۇش كىرەك.

    3) لايىھىلەنگەن مەسىلىلەر قاتلاملىققا، قاراتمىلىققا ئىگە بولىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرالايدىغان بولىشى كىرەك. ئوقوغۇچىلارنى ئۆگىنىش لايىھىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلەرنى چۈشىنەشتە، دەرسلىك كىتابنى ئەستادىل كۆرۈپ چىقمىسا، كۆرۈش بىلەن بىرگە ئەستايىدىل، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمىسە بولمايدىغان ئاڭغا ئىگە قىلىش كىرەك. ئوقوغۇچىلار مۇئەللىم لايىھىلىگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەش ۋە جاۋاب بىرىش جەريانىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۈگىنىلەيدىغان، كىتاپ كۆرۈشنى، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىشنى بىلىدىغان قىلىش لازىم.

    4) ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا قارىتا ئۆگىنىش لايىھىسى ئارقىلىق ئىلھام ۋە خۇشاللىق ھىس قىلدۇرۇپ، ھەممە ئوقوغۇچىنى ئۆگىنىشتىن بەلگىلىك ھاسىلاتقا ئىگە قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە قوزغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كىرەك.

    3. "ئۆگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلىش" لايىسىنى ئىشلىتىش

    1) ئوقوغۇچىلار دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش لايىھىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلەرنى ھەل قىلىشى كىرەك. بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆگىنىش لايىھىسىنى ئالدىن ياخشى تۈزۈپ، دەرس باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىپ، ئوقوغۇچىلارغا ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئوقوغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك مەسىلەر ئارقىلىق ئالدىن ئۆگىنىشكە ئاساس سىلىش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى دەسلەپكى قەدەمدە نىسبەتەن ياخشى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتكە دىققەت قىلىشى كىرەك.

     (1) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك. مەسىلەن ئۆگىنىش لايىھىسىدىكى قايسى مەزمۇنلارنى دەرسلىكنى قىسقاترىپلا كورسە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى، قايسى مەزمۇنلاردا بىلىمنىڭ باغلىنىشىغا دىققەت قىلسا مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى قەدەم باسقۇچ بويىچە ئىگىلىتىش كىرەك.

     (2) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۆگىنىش جەريانىدا بايقىغان گۇمانى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، دەرسخانىغا مەسىلە ئارقىلىق كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك. بۇمۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر جەھەتتىن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە توغرا بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە توغرا بولغان ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى يىتىلسىلا، ئوقوغۇچىلار ئۆمۈرلىك پايدىغا ئىرىشەلەيدۇ. بۇمۇ دەل "يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا ئىسلاھاتى" نى يولغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى نىشانىدىن ئىبارەت.

     (3) ئوقوغۇچىلار كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" دىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مۇھاكىمە قىلىش كىرەك. گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشتا، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئاساسىدا، ئاسانراق مەسىلەرنى بىرەر قىتىم تەكىتلەپلا ئۆتۈپ كىتىش، مۇھىم نوقتىلار، قىيىن نوقتىلارغا قارىتا مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا يىتەكلەپ، ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈش كىرەك. ئوقوغۇچىلار مۇھكىمە جەريانىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ئوقۇتقۇچى ئۆز ۋاقتىدا خۇلاسىلاپ، چۈشەنچە بىرىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ئوقوغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمىسىدە، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنى دەرسلىك كىتاب، ئۆگىنىش لايىھسىدىكى مەسىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇشقا يىتەكلەش، چىچىلاڭغۇ، شەكىلۋاز بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش، دەرسخانىنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولىشىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

     (4) "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" دىكى مەسىلىلەرگە قارىتا مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇش كىرەك. مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش جەيانىدا، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىللىرىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاكىمە جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر يەرگە يىغىنچاقلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا نوقتىلىق چۈشەندۈرۈش كىرەك. بۇ جەرياندا، ئوقوغۇچىلارغا مۇۋاپىق باھا بىرىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

    3. تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

    (1) ئۆگىنىش لايىھىسىنى دەرس باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىش، ئوقوغۇچىلار ئالدىن ئۆگىنىش ئىلىپ بارغاندا، ئايرىم ساندىكى ئوقوغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ  ئۆگىنىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش كىرەك.

    (2) ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا "بەشتە يول قۇيۇش"نى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك. يەنى دەرسلىكنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ چۈشىنىشكە يولقويۇش، بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يول قويۇش، مەسىىلەرنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلىشىغا يول قويۇش، يەكۈننى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى چىقرىشقا يول قويۇش، دەرس سىستىمىسىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى قۇرۇپ چىقىشقا يول قويۇش كىرەك. دەرسخانىنى ھەقىقى تۈردە ئوقوغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىش كىرەك.

    (3) ئوقوغۇچىلاردىن "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" دىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن ئالدىن ئۆگىنىش قىلىشنى تەلەپ قىلىش كىرەك. دەرسخانىدا ئۆگىنىش قانونىيەتلىرىنى خۇلاسىلاش ۋە "ئۆگىنىشتىن كىيىنكى خاتىرە" قاتارلىقلارنى تولدۇرۇشقا دىقققەت قىلىش، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن، "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى رەتلەپ، تەكرار قىلىش ماتىيالى سۈپىتىدە تىپلەش كىرەك.

    (4) "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نى لايىھىلىگەندە ۋە ئىشلەتكەندە، ئوخشىمىغان يىللىق، ئوخشىمىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش لايىھىسىگە بولغان پىكىرىگە دىققەت قىلىپ، لايىھەنى كۈچلىك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە قىلىش كىرەك. ئوخشاش بولمىغان پەنلەرنىڭ "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" نىڭ شۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان قىلىپ لايىھىلىنىشىگەمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

    5. "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسىگە بولغان تونۇش ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش جەھەتتە تۆۋەندىكى خاتالىقلاردىن ساقلىنىش لازىم.

    1) ئوقۇتۇش لايىھىسىنى "ئۆگىنىش لايىھىسى" ئورنىدا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئوقۇتۇش لايىھىسى بىلەن "ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى" ئوتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوقۇتۇش لايىھىسىنى ئاساس قىلىشتەك قاراشنى ئۆزگەرتىشىمىز ، ئوقۇتۇش لايىھىسىنى تۈزۈش ئاساسىدا ئۆگىنىش لايىھىسىنى پىلانلايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

    2) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش لايىھىسنى تۈزگەندە، ئۆگىنىش لايىھىسى دىگەن ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىدىغان مەشىق سۇئاللارىغۇ دەيدىغان قاراشتا بولۇشتىن ساقلىنىش لاازىم.

    3) ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسىنى يولغا قويغاندا، سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىىنىڭ پەرەقلىق بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتماي، ھەممە ئوقوغۇچىنى ئوخشااش ۋاقىتتا تاماملاپ بولۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

    分享到: