-
2012-05-22
تارىخ ئوقوتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدىن قىسقىچە خۇلاسە - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۇزۇلگەن مىللى تىل سېستىمىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقوتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدىن قىسقىچە خۇلاسە
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3-قىتىملىق مىللى تىل سېستىمىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقوتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنى باشلىنىپ 4-ئاينىڭ 12-كۇنى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇۋاپىقىيەتلىك ئىلىپ بىرىلدى. بۇقىتىمقى پائالىيەت ئوقوتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش، ئوقوتۇش تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئىقتىدارىنى سىناش، خەرىتە ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناش دەرسخنا ئوقوتۇش ماھارىتىنى باھالاش ۋە دەرستىن كىيىنكى دەرس ئايانىنى ئوتتۇرغا قويۇش قاتارلىق بەش چوڭ تۇر بويىچە ئىلىپ بىرىلدى.بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە جەمئى تولوق ئوتتۇرا قىسمىدىن 15 نەپەر ماھىر، 8 نەپەر دەرس ئاڭلىغۇچى ئوقوتقۇچى قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ ئومومى ئەھۋالىدىن قارىغاندا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار نىڭ تەييارلىقى پۇختا، ساپاسى بىر قەدەر يۇقۇرى، دەرسخانا ئوقۇتۇش نىشانى ئىنىق، ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى ئىگەللىشى ۋە پوزىتسىيىسى بىر قەدەر ياخشى، ئوقوتۇش مىتودى جانلىق بولوپ، بىر قەدەر ياخشى ئۇنۇم ھاسىل قىلغان .ھەر قايسى ناھيىلەردىن كەلگەن باھالىغۇچى خادىملارنىڭ ئەستايىدىل، ئادىل باھالاپ تاللىشى نەتىجىسىدە بىر تۇركۇم ئوقۇتۇش ماھىرلىرى مەيدانغا كەلدى.باھالىغۇچى خادىملار بەش كۇنلۇك خىزمەت جەريانىدا ئەستايىدىل بولوپ مۇسابىقىنىڭ ئادىل باراۋەر ئىلىپ بىرلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى .
بۇ قىتىمقى پائالىيەت جەريانىدا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۇنۇملۇك ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش، ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتۇشىدىكى بىر قىسىم يىڭى مەزمۇنلار ۋە قىيىن نوقتىلارنى ھەل قىلىش جەھەتتە ياخشى بولغان ئۇسۇل ۋە تەجىربىلەر مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماقالە، دەرس لاھيىسى تۇزۇش، دەرس ئايانىنى ئوتتۇرغا قويۇش، خەرىتە ئىشلىتىش ۋە دەرسخانا ئەمىلىي ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئاز بولمىغان مەسىللەرمۇ ساقلاندى. تۆۋەندە مەن بۇ قىتىمقى پئالىيەتتە مەيدانغا كەلگەن يورۇق نوقتا ۋە ساقلانغان مەسللەر ئۇستىدە كەسىپداشلارغا بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بىرىپ ئۆتىمەن .
يورۇق نوقتىلار
1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئاساسى بىلىملەرگە بولغان تەييارلىقى ئالاھىدە ياخشى بولغان.
2.بۇ قىتىمقى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ سۇپىتى ئالدىنقى ئىككى قىتىملىق پائالىيەتكە قارغاندا ئالاھىدە ياخشى بولوپ زور كۆپ ساندىكى ماھىرلارنىڭ ماقالىلىرىدا يىڭىلىق كۆپ پايدىلىنىش قېممىتى يۇقۇرى، دەرسخانا ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۇرۇدىغان كۆپ قىرلىق تېمىلار تەتىقىق قىلىنغان بولوپ بۇ ئارقىلىق تارىخ ئوقۇتۇشغا قارىتا پايدىلىق ئامىللار قىزىپ چىقىلدى.
3. بۇقىتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان زور كوپچىلىك ماھىرلارنىڭ پائالىيەتكە تۇتقان مۇئامىلىسى ئەستايدىل، تەييارلىق پۇختا بولغان، ياخشى ئىزدەنگەن ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇرى ئۇنۇم ھاسىل قىلغان.
4. كۆپ ساندىكى ماھىرلارنىڭ خەرىتە ۋە رەسىم ئىشلىتىش ئىقتىدارى يۇقۇرى بولوپ ئۇنۋىرسال ماھارەت يېتلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
5. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا زور كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتە ئەتىراپىلىق ئىزدەنگەن بولوپ كونا دەرسنىڭ يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىغان.
6. بارلىق ماھىرلار ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىش جەھەتتە ئىقتىدار ھازىرلىغان .
7. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە يىقىندىن ماسلىشىش ئۇچۇن ھالەتلىك ئوقۇتۇش ۋە كەچۇرمىشلىك ئوقۇتۇش جەھەتتە ئىزدىنىش ئىلىپ بارغان.
8. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار قۇيۇپ قويۇش شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ئىزدەنگەن.
9. بۇقىتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دەرسلىككە بولغان ئىددىيىۋى تەييارلىقى بىر قەدەر ياخىش بولغان.
10. بارلىق ماھىرلار تارىخ دەرسىىڭ ئالاھىدىلىگى بويىچە ئوقوغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىددىيىۋى تەربىيىنى ياىشى ئىلىپ بارغان.
11. ماھىرلارنىڭ رەسىم، خەرىتە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇن-سىن ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىشى بىر قەدەر ياخشى بولغان.
12. ماھىرلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇش ئۇلارنى ئۆزلىكىدىن ئۇگنىشكە تەشكىللىشى بىرقەدەر ياخشى بولدى.
13. ماھىرلار ئۆتكەن 15 سائەتلىك دەرس مەزمۇنى ئىچىدە دەرسلىك مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمى خاتالىق كۆرۇلمىگەن.
ساقلانغان مەسىلە ۋە تەكىلىپ
1.بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەرىتە ۋە رەسىم تونۇش ئىقتىدارى يۇقۇرى ئەمەس. بولوپمۇ يېزىقسىز خەرىتىنى تونۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن
2.ماھىرلار ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ئوقۇتۇش جەريانىدا ساقلانغان بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلارنى تەتقىق قىلىپ نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۇرۇشى يىتەرلىك بولمىغان.
3. زور كۆپ قىسم ئوقۇتقۇچىلاردا يەنىلا كونا ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئەندىزىسدىن ھالقىپ كىتەلمەيدىغان، ئوقۇتقۇچى كۆپ سۆزلەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولىغا سەل قارايدىغان، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچى، تەشكىللىگۇچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئىلگىرى سۇرگۇچلۇك رولى تولوق جارى بولمايدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى .
4. ئاز بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئالدىنقى سائەتلك دەرس مەزمۇنى بىلەن يىڭى دەرس مەزمۇننى بىرلەشتۇرۇش ھەر قايسى بىلىم نوقتلىرىنى تەبئى باغلاش ، نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى زىچ بىرلەشتۇرۇش، پەنلەر ئارسىدىكى ئۇنۋىرسالىققا ئەھمىيەت بىرىش جەھەتتە ئىزدىنىش يەنىلا يىتەرلىك بولمىغان.
5. دەرسخانا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لاھىلەشتە ئوقوغۇچىلار پائالىيىتىنى تەشكىللەش لاھيىسى مۇھاكىمە لاھيىسى ياخشى تۇزۇلمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان.
6. دەرس لاھيىسىدە ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم-قىيىن نوقتىسى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ بىراق دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا مۇھىم قىيىن نوقتىنى گەۋدىلەندۇرمەيدىغان ئوقوغۇچىلارغا ئەسكەرتمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
7. زور كۆپ ساندىكى ئوقوتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارغا ئاساسى بىلمنىلا يەتكۇزۇشكە ئەھمىيەت بىرىپ يىڭىلىق يارتىشقا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرشكە ۋە ئوقوغۇچىلاارنىڭ تەرەققىياتىغان كۆڭول بۆلۇشكە سەل قارىغان.
8. ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدا دەرس لاھىيىسى تۇزۇشتىن بۇرۇن ئوقوغۇچىلارنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسى، ياش ئالاھىدىلىگى، بىلىم ئاساسى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئەستايىدىل ئىگەللىمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
9. كۆپ ساندىكى ئوقوتقۇچىلاردا دەرس ئاىىرىدا دەرستىن قىسقىچە خۇلاسە چىىقىرىشقا ۋاقىت ئاجىراتمايدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
10 ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلماي ھەر قايسى بىلىم نوقتىلىرىغا ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەخسىملىيەلمەسلىك شۇنىڭ بىلەن بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئورۇندالماسلىق ئەھالى ساقلاندى.
11. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا ينڭى دەرس ئىدديسىنڭ ماھىتىنى توغرا چۇشەنمەي ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۇگىنىش ھەمكارلىشىپ ئۇگىنىش، ئىزدىنىپ ئۇگىنىش ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۇگىنش جەھەتتە باش قاتتۇرۇشى يىتەرلىك بولمىغان.
12. ئاز بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا دەرس لاھيىسى تۇزۇشنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرىنى ئىگەللەش جەھەتتە تونىشى ئىنىق بولمىغاچقا دەرس لاھىيىسى سېستىمىلىق تۇزۇلمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
13. زور كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلاردا دەرسلىك ئۆلچەم قارشى تۆۋەن بولغانلىقىتىن ئوقۇتۇش نىشانىنى، دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نوقتىلىرنى بەلگىلەشتە ئۆز خاھىشى بويىچە بەلگىلەيدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
14. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بىلىم نوقتلىرىنى ئوقوغۇچىلارغا يەتكۇزۇشى ئىنتايىن يۇزەكى بولوپ قالدى.ئوقوغۇچىلاردىن سورىغان سۇئاللار ئۇلارنىڭ تەپەككۇرنى قوزغىتالمايدۇ. سۇرئەت قوغلۇشۇپ ئۇنۇم بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ئەھۋال ساقلانغان. مۇھىم نوقتىلارغا ئاجىراتقان ۋاقىت مۇۋاپىق بولمىغان.
15. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستىلىق ئۇقوتۇشتىن ئۇنۇملۇك پايدىلانغان بولسىمۇ بىراق دەرس دىتاللىرىغا ئىشلەتكەن رەسىم، خەرىتلەر سۇپەتسىز، خەت شەكىلى زىيادە كىچىك بولوش ئەھۋاللىرى ساقلاندى.
16.ئوقوغۇچىلارنى كىچىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ ھەمكارلىشىپ ئۇگىنىشكە يىتەكلەش يىتەرسىز بولوپ قالدى.
17. ئوقوغۇچىلارغا ماس كەلگەن مەسلە مۇھىتى ھازىرلاش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇھاكىمىگە تەشكىللەش يىتەرلىك ئەمەس.
18 دەرس ئايانىنى بايان قىلىشتا دەرسنىڭ تەرەققىيات جەرياننى سۆزلەش ۋە دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرى يىتەرلىك بولمىغان.
19.دەرس لاھيىسى بىلەن دەرسخانا ئوقوتۇشى ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى.
20. كۆپۇنچە ئوقۇتقۇچىلار دەرس لاھيىسى تۇزگەندە ئوقوغۇچىلارنىڭ شۇ سائەتلىك دەرستە چۇشۇنەلمىگەن نوقتىلىرىنى سوراپ بىلۋىلىشى ئۇچۇن ۋاقىت ئاجىراتمىغان.