• 2012-05-08

    ""دەريا ئېقىنى يەر تۇزىلىشنىڭ يېتىلىشى" نىڭ دەرس ئايانى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    دەرس تېمىسى:  3§. "دەريا ئېقىنى يەر تۇزىلىشنىڭ يېتىلىشى" نىڭ دەرس ئايانى

    (بىرىنچى دەرس سائىتى)

    قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇرسۇنگۈل قادىر

    ئوقۇتۇش ئوبيېكتى: دەرس ئۆتكەن سىنىپ 1-يىللىق 2-سىنىپ بولۇپ، خاراكتىرى مىللى تىل يېزىقنى ئاساس قىلغان سىنىپ، بۇ سىنىپتا جەمئىي46نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوغۇل ئوقوغۇچى18نەپەر ، قىز ئوقوغۇچى28 نەپەر، خۇغراپىيە دەرسىنى قىزىقىپ ئۆگنىدىغانلار 30 نەپەر بولۇپ ئۆگۈنىش كەيپىياتى بىر قەدەر يۇقىرى. 

    دەرسلىك: مەن ئۆتكەن بۇ دەرس تولۇق 1-يىللىقلار ئۈچۈن زۆرۇر دەرىسلىك1- قىسىم كىتاپتىكى   4- باپ 3- پارگىراپ دەريا ئېقىنى يەر تۈزۇلىشىنىڭ يېتىلىشى دىگەن تېما بولۇپ ،بۇ تېمىنىڭ 3- پارگىراپ بولۇشىدىكى سەۋەپ بۇ باپنىڭ 1- پارگىراپى يەر يۇزىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ھاسىل قىلغۇچى كۈچ بولۇپ ، يەر يۇزىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ھاسىل قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ  ئىككى تۇرلۇك بولىدىغانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنغان. 2- پارگىراپىدا تاغلىق ئۇلگە مىسال قىلىنىپ ، ئىچكى كۇچلەر رولىنىڭ يەر يۈزى شەكىل ھالىتىنى ھاسىل قىلش رولى چۇشەندۇرۇلگەن. 3- پارگىراپىدا دەريا ئېقىنى يەر تۈزىلىشى  ئۇلگە مىسال قىلىنىپ ، تاشقى كۇچلەر رولىنىڭ يەر يۈزى شەكىل ھالىتىنى ھاسىل قىلش رولى چۇشەندۇرۇلگەن. بۇ دەرس ئىككى دەرس سائىتى بولۇپ  بىرىنچى دەرس سائىتىدە ئۇقۇغۇچىلارغا دەريا ئېقىنى  يالانما يەر تۇزىلىشى تەسىرىدە قايسى خىل يەر قىياپەتلىرىنى شەكىللەندۇرىدىغانلىقىنى ، دەريا ئېقىنى دۆۋىلەنمە  يەر تۇزىلىشى تەسىرىدە قايسى ئورۇندا، قايسى خىل يەر قىياپەتلىرىنى شەكىللەندۇرىدىغانلىقىنى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىش مەقسەت قىلغان ،

    1.    بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى : دەريا ئېقىنى  يالانما  يەر تۇزىلىشنىڭ شەكىللىنشىنى شۇنداقلا V شەكىللىك جىلغا، Uشەكىللىك ۋادىنىڭ دەريا ئېقىنىنىڭ جىلغىنىڭ شەكىللىنش سەۋەبىنى بېلىش

    2. دەريا ئېقىنى دۆۋىلەنمە  يەر تۇزىلىشنىڭ شەكىللىنشىنى چۇشىنىش

    كەلكۇن چۇكۇندىسى تۇزلەڭلىگى،پويما تۇزلەڭلىك، دېلتا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ قايسى جايلاردا شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلىش

    2.   جەريان ۋە ئۇسۇل:  بۇدەرسنى  مودىل بىلەن  تەجرىبە ئىشلەش ئاساسىدا ئۇقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش ئارقىلىق  ئۇقۇغۇچىلارغا دەريا ئېقىنى يالانما  يەر تۇزىلىشى، دەريا ئېقىنى دۆۋىلەنمە     يەر تۇزۈلۈشنى چۇشەندۈرۈش

    3.ھىسيات ، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارشى:

     ئۇقۇغۇچىلارنى خەرىتە ماتېرىيالاردىن ئۇچۇرغا ئېرىشىپ  جۇغراپىيلىك شەيئىلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايقاپ ، جۇغراپىيە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرش

    4.مۇھىم نۇقتا:

     1. Vشەكىللىك جىلغا، Uشەكىللىك ۋادىنىڭ دەريا ئېقىنىنىڭ قايسى بۆلىگىدە شەكىللنىدىغانلىقىنى بىلىش

    2. دەريا ئېقىنى دۆۋىلەنمە يەر تۇزىلىشنىڭ شەكىللىنشى ،كەلكۇن چۇكۇندىسى تۇزلەڭلىكى ، پويما تۇزلەڭلىك ، دېلتا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ قايسى جايلاردا شەكىللىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش.

    5.قىيىن نۇقتا:

    V   شەكىللىك جىلغا، Uشەكىللىك ۋادىنىڭ شەكىللىنش سەۋەبىنى بىلىش

    كەلكۇن چۇكىندىسى تۇزلەڭلىگى ، پويما تۇزلەڭلىك ، دېلتا تۇزلەڭلىكلەرنىڭ ا شەكىللىنىش سەۋەبىنى بىلىش

    6. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، رەسىملەرنى تەھلىلى قىلىش ، قىسقىچە خۇلاسىلەش، تەجرىبە ئىشلەش

    7.ئۆگىنىش ئۇسۇلى: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىيال ۋە دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ  ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىش ئادىتى تەدىرىجىي يېتىلىدۇ.

    8.ئوقۇتۇش قورالى: كۆپ ۋاسىتلىك ئوقۇتۇش دىتالى. مودىل، دەرسلىك كىتاپ ،قۇم ، قەغەز ، دوسكا

    9.ئوقۇتۇش جەريانى : يوقلىما قىلىش ،سىناق ئېلىش، يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش، يېڭى دەرىس مەزمۇنىنى يەتكۇزۇش، خۇلاسىلەش ، مۇستەھكەملەش مەشقى ئىشلەش ، تاپشۇرۇق بېرىش قاتارلىق 7 باسقۇچتىن تەشكىل تاپقان.ھەم دوسكا لاھىيەسىدىن مۇۋاپىق تۇزۇپ، مۇھىم نۇقتىلار رۇشەن گەۋدىلەنگەن. ئاخىرىدا دەرىستىن كىيىن قىسقىچە تەھلىل يېزىش پىلانلانغان.

    ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئارتوقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى

    ئارتوقچىلىقى:  دەرىسخانا ئوقۇتۇش جەريانىنى لاھىيلەش ئۆزگىچە بولدى، يىڭى دەرىسكە باشلاپ كېرىش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلاردا تاشقى كۈچلەرنىڭ رولىدىن شەكىللەنگەن، يەر قىياپەتلىرى توغرىسىدىكى چۇشەنچىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر بىر قەدەم باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قايتورۇش ئىنتايىن ياخشى بولدى. دوسكىدا مۇھىم نۇقتىلار روشەن گەۋدىلەندى.

    ئەمەلى تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگەنگەن نەزىرىيىۋى بىلىملىرىنى ئەمەلىي بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرىشىغا پايدىسى بولدى.

    كۆرۈلگەن مەسىلە: گەپ سۆزدە ئانچە -مۇنچە دۇدۇقلاپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلدى. كۈپ ئوقۇغىچىلاردىن سوراپ مەسىلىلەنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلىيەلمەي قالدىم، قۇمنى تارقىتىشقا سەل كۆپ ۋاقىت كىتىپ قالدى.

    ئىلگىرىكى لاھىيەدە ئەسلى يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىشتە ، دەريا ئېقىنى يەر تۈزۈلىشىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا بىر قەدەر كەڭ تارقالغانلىقىنى ،شۇڭا دەرىسلىكتە تاشقى كۈچلەرنىڭ رولىدىن شەكىللەنگەن يەر قىياپىتىگە ئۇلگە قىلىنىغانلىقىنى چۇشەندۇرمەكچى ئىدىم .لېكىن دەرىسخانىدا بۇ توغرىلىق توختالماپتىمەن. بۇ جەھەتتە ئىلگىركى لاھىيە بىلەن دەرىس جەريانى ئوتتۇرىسىدا پەرىق كىلىپ چىقتى. يەنە بىرى پويما تۇزلەڭلىكىنى چۇشەندۈرگەندە بۇ ھەقتە تەبىر بەرمەپتىمەن. بۇندىن كېيىن دەرىسنى ئوقوغۇچىلار ئەھۋالىغا ماسلاشتورۇشقا تىرشىپ ھەر خىل يىڭى ئوقوتۇش ئوسۇللىرىنى لاھىيلەش يۈنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىمەن ،نوتۇق قابىلىيتىمنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرشىمەن.

    بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر دەرىسنى ئوتكەندە مۇمكىن بار،ئوقۇغۇچىلارنى كەڭرى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلارنى بىر نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۇپ ، قۇم دۆۋىسىنى ئىگىزرەك قىلىپ ،  ئۇستىدىن سۇ قۇيۇپ ، دەريا ئېقىنى يەر تۇزىلىشىنىڭ قانداق يىتىلىدىغانلىقىنى ئەمەلىي كۇزەتسەك ئۇنىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكە دەپ ئويلىدىم.

    ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەنلىكنى بايقىشى ئېنتايىن قېيىن كەسىپداشلارنىڭ ئەينەكلىك رولۇڭلار بىلەن مەندە كۈرۈلگەن سەۋەنلىكلەرگە ياخشى  تەكلىپ- پىكىر بىرىشڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

    分享到: