• 2012-04-27

    جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىن خۇلاسسە - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىن خۇلاسسە

    بۇ قىتمقى ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرس ئوقۇتقۇچىللىرىدىنن 15 نەپەر ماھىر قاتناشقان بولۇپ ،مۇسابىقە  ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇش،ئۇنۋېرسال كەسپىي بىلىمىنى سىناش،خەرىتە تونۇش ۋە خەرىتە تولدۇرۇش ماھارىتىنى سىناش ،دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھارىتى  ،دەرستىن كىيىنكى دەرس ئايانىنى سۆزلەش قاتارلىق  بىر قاتار باسقۇچلار  بويىنچە ئىلىپ بىرىلىپ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى .بۇ قىتمقى مۇسابىقە پائالىيىتى جۇغراپىيە دەرس ئوقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈن ئۆز-ئار ئۈگىنىدىغان ،،ئۆز-ئار تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەتلەنى يارتىپ بەردى .

    ماھىرلار ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ياىشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ،لىكىن قىسمەن خاتلىقلاردىن مۇستەسنا بولالمىدى .

    تۆۋەندە مەن باھالىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن خۇلاسسىلەنگەن ئەھۋاللارنى كوپچىلىككە يەتكۈزىمەن:

    ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتە:

    1. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاللىغان ماقالىسىنىڭ تىمىسى يارقىن،يىڭىلىق يارتىشچانلىققا ئىگە بولۇپ ، نوۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە.

    2. ماقلىلارنىڭ ئىددىيىۋىلىكى  ،قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ دەۋېر تەلىپىگە ماس كىلدۇ .نوۋەتتىكى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدن پايدىلنىشنىڭ مۇھىملىقى ،رولى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .

    3. بىر نەچچە يىللىق جۇغراپىيە دەرس ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىدىكى ئىلغار تەجرىبىلەر ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى  ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن

    4. ماقالىلاردىكى سىياسى كۆز قاراش ئىنىق،ماتىريالىزىملىق ئىددىيە-كۆز قارشلار ،ۋەتنپەرلىكنى يادرو قىلغان دەۋېر روھى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    5. ماھىرلارنىڭ ماقالە ئوقۇش جەھەتتىكى روھى ھالىتى جۇشقۇن، تىلى راۋان ئىپادىلەش كۈچى جانلىق بولدى .

    يۇقارقىدەك ئاتۇقچىلىلار ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىللەرمۇ ساقلاندى، كەسپداشلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن پايدىلنىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان تەرەپلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

    1. بەزى ماقالىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى سەل ئاجىز ،ئەمەلىي مىساللار يوق بولۇپ قالغان.

     2. بەزى ماقالىلاردا تىمىدىن چەتنەپ كىتىش،يادرولۇق تەرەپلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى بار.

    3. يىزىق بىلەن ئىپادىلەش جەھەتتە ئىملا خاتالىقى،بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ بايقالدى .

    كەسپداشلارنىڭ سەمىمى تىلەكلىرىمىزنى قوبۇل قىلپ بۇندىن كىيىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

    ئۇنۋېرسال ماھارىتىنى سىناش جەھەتتە :

    (ئىنتىھان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرى،خەرىتە تونۇش ،خەرىتە تولدۇرۇش )

    1. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى خىلى يۇقۇرى بولۇپ بۇ قىتمقى سەۋىيە سىناش ئىنتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى% 80 ئەتراپىدا بولدى .قىين مەسىللەر دەپ قارىلىدىغان ۋاقىت پەرقىنى ھىساپلاش،تەڭ ئىگىزلىك خەرىتىسىدىكى يەرشەكىللىىرنى تونۇش قاتارلىقلارنى خىلى  ئەتراپلىق چۈشەندۇرۈپ بىرەلىدى.

    2.خەرىتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇش،رەڭ بەلگۈلەرگە قاراپ كۈزۈتۈش تەھلىل ئىلىپ بىرىشى ياخشى بولدى. ئىقلىم تىلىرى بىلەن ئىقلىم ئالاھىدلىكى، تەبىئى لاندشافىتى نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىم، سىخىمىلارنى تونۇشى ياىشى بولدى.

    3.خەرىتىدىن يەر-جايناملىرىنى تىپىش، خوشنا دۆلەتلەر، پايتەختنى كۆرسىتىش قاتارلىق تىز تىپىش ماھارىتىمۇ يۇقۇرى بولدى.

    يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقلار ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىللەرمۇ ساقلاندى :

    1.ئۇۋېرسال ساپاسىن سىناش ئىنتىھانىدا 3 نەپەر خادىم لاياقەتسىز بولدى .بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنپ بىقىشىغا قويدۇق .

    2.تەرەپ كۆرسەتكۈچى بار خەرىتىلەردىكى يۆلۈنۈشكە دىققەت قىلماي ئاسان خاتلىشىپ ئەھۋاللىرى.

    3.نۆۋەتتىكى ئىقىم مەسىللىرى،خەلىقئار ۋەزىيەت بىلملىرىگە، مۇھىت مەسىللىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلەك ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى، مەسىلەن: شىمالىي قۇتۇپ ئىيىقىنىڭ ياشاش ماكانىنىڭ تارىيىشى، تىز تاماقخانىلاردا بىر قىتىملا ئىشلىتىلىدىغان چوكا ئىشلىتىش مەسىللىرىگە توغرا باھا بىرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى.

    4.خەرىتە تولدۇرغاندا، خەتنىڭ يۆلنىشى بىلەن دەريا، تاغ-تىزمىللىرىنىڭ يۆلنىشىگە دىققەت قىلماسلىق ئەھۋاللىرى.

    5.تەبىئىي شاراىت بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋتىنى ئاددىلا چۈشۈنۈش، مەسلەن: گەنسۇ، نىڭشالاردىكى رەڭلىك مىتال سانائىتى، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ئەتراپىق جاۋاپ بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى.

    دەرسىخانا ئوقۇتۇشى جەھەتتە :

    1.دەرسخانا ئوقۇتۇش لاھىيەسى ئەتراپلىق تۈزۈلگەن، ئۈچ ئۆلچەملىك نىشان دەرس ئۆلچىمنىڭ تەلىۋى بويىنچە كونكىرىتنى بىكىتىلگەن. ئەخلاقىي تەربىيىگە تولۇق ئەھمىيەت بىرىلگەن.

    2.ئوقۇتۇش نىڭ مۇھىم-قىيىن نۇختىللىرى، مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۇرۈش، قىيىن نۇختىسىنى يىشىپ چۈشەندۈرۈش جەھەتتىكى  ئوقۇتۇش-ئۈگۈنۈش ئۇسۇل-چارىلەرىللىرى ئەتراپىق لاھىلەنگەن.

    3.ئوقۇتۇش دىتاللىرى  ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈلگەن بولۇپ، يىزىق، سۈرەت ئاۋازنىڭ بىرىكتۈرىلىشى ھەقىقى ئىشقا ئاشقان، يولداشلارنىڭ ئىلكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئىلىۋىلىپ پايدىنىشىغا ئەرزىيدۇ .

    4.ئوقۇتۇش ماھارىتى جەھەتتە  كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار خىلى ياخشى ماھارەتلەرنى ئىگىللىگەن بولۇپ، كۆرسىتىش، سىلىشتۇرۇش، كۈزۈتۈش، تەشكىللەش، ھەمكارلاشتۇرۇش، پائالىيەت تەشكىللەش جەھەتلەردە ئۈگۈنىۋالغۇدەك ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

    5.ئوقۇتۇش پوزىتسىيسى ئىلمىي، كۆيۈنىشچان، باھاسى توغرا رىغبەتلەندۈرۈشچانلىق يۇقرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى دەرسلەردە ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى.

    6.ئوقۇتۇش جەريانىدا يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش جەھەتتە ھەر بىر ماھىردا ئۆزگۈچىلىك نامايەن قىلىندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىچانلىق يۇقۇرى، قىزغىن كەيپىيات ھەربىر دەرستە نامايەن بولۇپ تۇردى.

    7.ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لاھىيەلىشى مۇۋاپىق بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىشىقىشىغا ھەقىقى ماس كەلگەن بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشانغا يىتىش نىسبىتى يۇقۇرى بولدى.

    يۇقارقىلار ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك يىتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى:

    8.ئوقۇتۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرنى ۋاقىت تەىسىماتى بويىنچە ئايرىماسلىق، قىمەن دەرسلەرنىڭ نىشانى  تولۇق ئورۇنلىنپ بولالماسلىق ئەھۋاللىرى.

    9.دوسكىدىن پايدىلنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ،رەتسز باشقۇرۇش،دوسكا لاھىيەسنى ئەمىلىلەشتۈرمەسلىك  ئىملاسى خاتا بولۇش ئەھۋاللىرى.

    10.تاپشۇرۇق بىرىش، دەرسنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇئەييەن لاھىيە بولماسلىق، ئۈنملۈك تاپشۇرۇق نىسبىرى ئاز بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.

    11.قىسمىەن دەرسلەردە خاتا سۆزلەش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرلدى ،غەربى ئاسىيادا ئۈچ خىل دىن دەپ بۇددا دىنى قوشۇۋالدىغان، شىمالىي شىنجاڭنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆليىغىنى 600-800 گىچە دىيش، مەلىكىتىمىزدىكى 4 تەبىئي رايۇنى تەبىئى مۇھىتى ئىقتىسادى تەرققىياتىغا قاراپ ئايرىش دىيىش، ھىندونوزىيىنى نوپۇسنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە دۇنيادا 3- ئورۇندا تۇرىدىۇ دىيىشتەك  ۋاقتىدا تۈزۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار.

    دەرس ئايانىنى سۆزلەز جەھەتتە :

    1.دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش ياخشى بولغان، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش جەريانىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ماھىرلار ئۆزى بايقاپ، بۇندىن كىينىكى دەرسدە قانداق قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە ياخشى ئويلانغان.

    2.دەرسلىك دىتالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىدىكى ئىزدىنىش ھەمكارلىشىش، سىلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتۇشىدىكى  ئەھمىيىيتىگە نىسبەتن ھەقىقى تونۇش شەكىللەنگەن.

    يۇقارقىدەك ياخىشى تەرپلەردىن باشقا قىسمەن مەسىللەرمۇ ساقلاندى:

    1.دەرس ئايانىنى سۆزلىگەندە  دەرسلىكنىڭ ئورۇنلىشىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسسى بىلىمىنى نەزەرگە ئالماسلىق ئەھۋاللىرى.

    2.ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش، ئورتاق نىشانغا يىتىشتىكى  ئۇنۋېرسال مەشقنىڭ مۇھىملىقنى، قول كۆتۈرگەن بىر قانچە ئوقۇغۇچى ئارقىلىقلا تامامالىسا بولمايدىغانلىقنى، مەشق سۇئالىنى ئىشلەشكە مەلۇم ۋاقت ئاجرىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇش يىتەرسىز بولدى.

    3.دەرسنى باشلاشنى سۆزلەيدۇيۇ-قانداق خىرلاشتۇرۇشنى سۆزلىمەيدىغان ئەھۋاللار.

    2012-يىل 4-ئاي 26- كۈنى

    قەلەم تەۋرەتكۈچى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش گۇرۇپپا باشلىقى تۇراجان.

    پائالىيەتتىن كۆرىنەشلەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ

    http://hi.baidu.com/paynaparslan/album/%B5%DA%C8%FD%BD%EC%D6%D0%D1%A7%B5%D8%C0%ED%BD%CC%D1%A7%C4%DC%CA%D6%C6%C0%D1%A1%BB%EE%B6%AF

     

     

     

     

    分享到: