-
2012-04-26
جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى. - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە داۋاملاشقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى بۇگۈن تۈرلۈك باھالاش تۈرلىرىدىكى مەزمۇنلارنى تاماملاپ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى. بۇ قىتىمقى پائالىيەت قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ زور قوللىشىغا ئىرىشتى. مەكتەپتىكى رەھبەرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ پائالىيەتنى قوللىغىنىغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمىز.
بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 13 نەپەر ماھىر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن 15 ماھىر قاتناشتى. پائالىيەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپىسى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئورۇندا ئىلىپ بىرىلدى. پائالىيەت ماھىرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى سىناش، خەرىتىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى سىناش، ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسىدىن دىىسىرتاتسىيە ياقىلاش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش، دەرس ئايان قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئىلىپ بىرىلىپ، ئاخىرىدا ماھىرلارنىڭ ئۇنىۋىرسال نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش ماھىرى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 1- دەرىجە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا 2-دەرىجە قاتارلىق 3 دەرىجە بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باھالاندى. دەرس ئۆتكەن ماھىرلارنىڭ دەرسىنى ھەر قاسى ناھىيىدىن كەلگەن 80 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ئاڭلىدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قىتىملىق ھەم ماھىرلارنى باھالاش ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ۋىلاتىمىزدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەجىرىبىسىنى ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، يەكۈنلەپ ۋە كىڭەيتىپ، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش خىزمىتىدىكى بىر مۇھىم ئىش. ئۇ ۋىلايىتىمىزدىكى مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت ۋىلايىتىمىزدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرس ئىسلاتىغا ئومۇمىيۈزلۈك قەدەم قويغاندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىز مائارىپىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش، مائارىپنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش ھەركتىنى قىلىپلاشتۇرۇشنى مۇھىم نوقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» تىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، «ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ بازىسىنى مەكتەپلەرگە يۆتكەش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ رولىنى ئۆزگەرتىش» تىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقات تۈزۈم قۇرۇلىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىۋاتقان، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، كەڭ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، مەكتەپلىرىمىزدە مول مەزمۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشۋاتقان، ھەم بىر تۈركۈم پەن ئوقۇتۇش ماھىرلىرى بارلىققا كىلىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى ياخشى تەجىرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، دەرس ئىسلاھاتى خىزمىتى تىخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ، ساپا مائارىپى ساغالام ۋە سىجىل تەرەققىياتقا ئىرىشۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە ئىلىپ بىرىلغان ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولدى.
جۇغراپىيە پىنى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان، بىلىم، ئىقتىدار، ئىدىيە پەزىلەت، ھىسىيات قاتارلىق تەربىيەلەرنى بىر گەۋدە قىلغان ھالدا، ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىختىساسلىقلارنى يىتىشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاساسلىق پەن.
جۇغراپىيە ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى؛ پارتىيىنى، سوتسىيالىزىمنى، يۇرتنى سۆيۈش تەربىيىسى، گۈزەل يۇرت قۇرۇش تەربىيىسى، تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش تەربىيىسى، تەبىئەتنى سۆيۈش تەربىيىسى قاتارلىق تەربىيەلەرنى ئىلىپ بىرىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە، نوپوس، بايلىق، مۇھىت مەسىلىسى كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىيات پەرقى زورۇيۇپ بىرىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە ئىختىسادنىڭ يەرشارىلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋىرنىڭ باش تىمىسى بولۇپ تۇرماقتا. مەملىكىتىمىزدە سىجىل تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى تەڭشەپ، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ، رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىش لازىم. يۇقارقى ئەھۋاللار جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا قارىتا ناھايىتى يۇقۇرى ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەرشارى خاراكتىرلىق مەسىلىلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بىرىپ، دەۋىر تەرەققىياتىغا ماس كىلىدىغان جۇغراپىيە دەرسىنى يولغا قويۇش نۆۋەتتىكى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە.
ھازىرقى زامان پۇقرالاردىن نوپۇس، بايلىق، مۇھىت قاتارلىقلارنى ئىلمىي تونۇپ، سىجىل تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەدەنىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇشنى تەەپ قىلماقتا. جۇغراپىيە پىنىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىغا يۇقۇرى تەلەپلەرنى قويىۋاتىدۇ. ساپا مائارىپىنى ئومومىيۈزلىك يولغا قويۇشتا، جۇغراپىيە پىنى ئوقۇتۇشىدا قاراشنى يېڭىلاپ، مەۋقەنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققى قىلىشى ۋە ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا قارىتىش لازىم.
بۇ قىتىمقى ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيتىمىزنىڭ مەخسىدىمۇ دەل ۋىلايىتىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆز ئارا تەجىرىبە ئەلماشتۇرۇپ ئۆگىنىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئۇستازلارنى بىر قىتىملىق «دەرس ئارقىلىق تەتقىاتنى قانات يايدۇرۇش، دەرس ئارقىلىق تەربىيلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت يېڭى تىپتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
پائا؛لىيەت جەريانىدا ماھىرلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇپ، ھىرىپ-چارچاشتىن قورۇقماي، تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىپ، دەرس ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغىمۇ ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىمىز.
پائالىيەتتىن كۆرىنەشلەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ