-
2012-04-17
ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2012-يىللىق تۆۋەنگە دەرس تەقدىم قىلىش پائالىيىتىدىن تەسىرات - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تەشكىللىگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق 5 پەننىڭ ئانا تىل ئوقۇتىشى بويىچە ئاساسىي قاتلامغا دەرس تەقدىم قىلىش ۋە كەسپىي جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىش پائالىيىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە مۇۋاپىقىيەتلىك داۋاملىشىپ، 17-چىسلا چۈشتىن كىيىن تۈرلۈك پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت قەشقەر ۋىلايىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەكەن ناھىيسى، قەشقەر شەھرىدىن ئىبارەت ئىككى نوقتىدا تەشكىللەندى. پائالىيەتكە ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرى قاتناشتى. پائالىيەت دەسلەپكى يىرىم كۈندە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ لىكسىيە سۆزلەش، چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشكىچە پەنلەر بويىچە يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەتتىن دوكىلات دەرسى ئۆتۈش، ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر بىر سائەتتىن ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش، دەرستىن كىيىن مۇھاكىمە قىلىش، كەسىپلەر بويىچە يىتەكچىلىك قىلىش شەكلى بويىچە ئىلىپ بىرىلدى.
بۇ قىتىمقى پائالىيەت ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتچى خادىملارنى تەشكىللەپ، شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇلاڭۇۋ ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ دەرس ئىسلاھاتى تەجىرىبىللىرىنى ئۆگىنىپ كەلگەندىن كىيىن، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ تەربىيلەپ چىققاندىن كىيىن تەشكىللىگەن پائالىيەت بولۇپ، ئاساسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناھايىتى قارشى ئىلىشىغا ئىرىشتى. پائالىيەت جەريانىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىدىن ئىسھاق ئىبىراھىم مۇئەللىم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئايشەم مۇئەللىم، قەشقەر شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەمەتجان مۇئەللىم، پەيزىۋات ناھىيلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇراخمان مۇئەللىم، ئاقسۇ ۋىلايەتى ئاۋات ناھاىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن پاتىگۇل مۇئەللىم قاتارلىق ئۇستازلار ئۇزۇن مۇساپىلىق ھىرىپ چارچاشلارغا قارىماي، ھەر قايسى نوقتىدىكى دەرسلەرگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، دەرسلەرنى ياخشى ئۆتۈپ، دەرس ئاڭلىغان ئۇزتازلاردا ياخشى تەسىرلەرنى، چوڭقۇر ئويلىنىشلارنى قالدۇردى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈرەت مۇئەللىم، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىدىن ۋاھىتجان مۇئەللىم، تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆمەرجان مۇئەللىملەرمۇ مۇھاكىمە جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارغا كەسپىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى يىتەكچىلىك قىلدى، ئۇستازلارنىڭ سورىغان گۇمانىي مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى.
گەرچە بۇ قىتىمقى پائالىيەت ۋاقىت جەھەتتە قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارغا ئەمەلىپ نەپ بىرىدىغان بىر قىتىملىق ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ قىتىملىق پائالىيەتتە مەن دەرس تەقدىم قىلىش گۇرپىسىدىكى ئۇستازلارغا ھەمرا بولۇش جەريانىدا بەلگىلىك ھاسىلاتلارغا ئىرىشتىم. ئاددىي بولسىمۇ تەسىراتلىرىمنى يېزىپ ئۇستازلار بىلەن ئورتاقلىشىنى توغرا تاپتىم.
1. ئىسھاق مۇئەللىمنىڭ لىكسىيىسى ناھايىتى ياخشى تەييارلانغان بولۇپ، لىكسىيە جەريانىدا ئۆزىنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە ئۆز بىشىدىن كەچۈرگەن تەجىرىبىللىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلىگەن لىكسىيىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىلھام بەخىش ئەتتى، شۇ سەۋەپتىن، لىكسىيە جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار باشتىن ئاخىرى يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت بىلەن لىكسىيە ئاڭلىدى. قىلچە زىرىكىش كەيپىياتىدە بولمىدى. لىكسىيە ئوقۇتقۇچىلارغا خىلى زور دەرىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى.
2. ئۆتۈلگەن دەرسلەردىمۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە خىلى كۆپ يىڭىلىقلار بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى. بولۇپمۇ 45 مىنۇتلۇق دەرسخانا ئوقۇتۇش ۋاقتىدىن زادى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، ئوقوغۇچىلارنى قول سىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئوقۇتقۇچى ئاز سۆزلەپ، ئوقوغۇچى كۆپرەك پائالىيەت قىلىش، دەرس مەزمۇنىنى ئۆگىنىش لايىھىسى ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈش بۇ قىتمقى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ قىززىق نوقتىسى بولدى.
3. مۇھاكىمە جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئازادە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۇمانىي مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، خىلى كۆپ مەسىلەر ھەل بولدى. مۇھاكىمە جەريانىدا بىر قىسىم ئۇستازلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان يولۇققان بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى مەسىلەن: تەجىرىبىخانا قۇرۇلىشىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، تەجىرىبە ئۈسكىنلىررىنىڭ، دورىلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، تەجىربە ئىشلەشكە ئامال بولمايۋاتقانلىقىنى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تەجىرىبەخانا قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، سىلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر قىسىم ئۇستازلار ئوقۇتۇش تەتقىقات قوشۇنىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشىغا يىتاكچىلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولمايۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنى تولۇقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر قىسىم ئۇستازلار مەكتەپلەردە ئۈنۈمسىز تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئىسلاھاتى روھى بويىچە مىڭىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ قۇيىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى بويىچە ئۆزىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا ياخشى يىتەكچىلىك قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر قىسىم ئۇستازلار ئانا تىلدىكى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنىڭ كەمچىللىكىنى، بار بولغان ماتىرىياللاردا خاتالىقلارنىڭ كۆپلىكىنى، نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ سۈپەتكە ئەھمىيەت بىرىشنى تەلەپ قىلىشتى. بىر قىسىم ئۇستازلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇندىن كىيىن يېڭىچە، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇشىدا دادىل سىناق قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
4. بۇ قىتىمقى پائالىيەت ئۈنۈملىك بولغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلار ئومىيۈزلۈك ھالدا ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرىشىنى، ئاساسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى.
بۇنىڭغا ماس ھالدا مىنىڭچە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ھىس قىلدىم:
1. بۇ پائالىيەتنىڭ ۋاقتى دەل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نىسبەتەن ئالدىراش ۋاقتىغا توغرا كىلىپ قالغانلىقتىن بىر قىسىم مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى پائالىيەتكە تولۇق قاتناشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى. شۇڭا پائالىيەت ۋاقتىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نىسبەتەن ئالدىراش بولمىغان ياخشى ۋاقىتلارنى تاللاش كىرەك.
2. بىر قىسىم دەرسلەردە ئۆزۈمنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئانچە يېڭىلىق يوق، يەنىلا ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۆتۈلدى. شۇڭا تەقدىم قىلىنىدىغان دەرسكە بولغان يىتاكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دەرسلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلشتىكى ئۈنۈمىگە ئالاھىدە دىقققەت قىلىش كىرەك.
3. پائاليەت جەريانىدا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پائالىيەت مەزمۇنىدىن شۇنداق ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرسىمۇ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرە، قەلەممۇ يوق ھالدا خۇددىى ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلەردەك ئوتتۇرىشى مىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. پائالىيتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن كەلگەن بولغاندىكىن پائالىيەتتىن ياخشى خاتىرە قالدۇرۇپ، قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئۆز مەكتۋىدىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلىشى كىرەك ئىدى. شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى پائالىيەتكە ئەۋەتىشىتىن ئاۋال ئۇلارغا تلەپلەرنى ئىنىق ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيلەشتىن كىيىنكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كىرەك.
4. پائالىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن، ئاۋال سىناق نوقتىسى قۇرۇپ، يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شۇ سىناق نوقتىسدا بەلگىلىك ئادەت شەكىللىنىپ، ئۈنۈم كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئاندىن سىناق قىلىپ پىشقان تەجىرىبىلەرنى كىڭەيتىش ئىلىپ بارساق ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. شۇڭا پائالىيەتنى پائالىيەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن تىرىش كىرەكلىكىنى، ۋىلايىتىمىزدە بىرەر نوقتا تاللاپ، بىر قىسىم ئۇسۇللارنى سىناق قىلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈم بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ۋىلايىتىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ تەجىرىبىلەرنى تەقدىم قىلىشنى توغرا تاپتىم. چوقۇم بۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىمەن.
دۇلاڭكۇۋ ئوتتۇرا مەكتىپى، ياڭسى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىدىكى تەجىرىبىللىرىدىن ئالدىنقى يىلى بىر قىسىم تەسىراتلىرىمنى يېزىپ ئىلان قىلىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇيەردە بۇ ھەقتە توختالمىدىم. قىززىقۇچىلارنىڭ شۇ تەسىراتلىرىمنى كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.