-
2012-03-12
5-يىىلىق 2- مەۋسۇم پاراللىلپىپىد بىلەن تونۇشۇشنىڭ دەرس ئايانى - [دەرس دىتاللىرى]
5-يىىلىق 2- مەۋسۇم ماتېماتىكا دەرسى
پاراللىلپىپىد بىلەن تونۇشۇشنىڭ دەرس ئايانى
بىرىنچى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئۈستىدە تەھلىل:
« پاراللىلپىپىد بىلەن تونۇشۇش» 5-يىللىق 2- قىسىم كىتاپنىڭ 13-15 بتىگە جايلاشقان مەزمۇن بولۇپ، ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ تەكشىلىكتىكى شەكىللەر بىلەن تونۇشۇپ، پاراللىلپىپىد توغرىسىدا دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولغان ئاساستا ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئۇ پاراللىلپىپىدنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ھەجىمىنى تىپىشنى ئۈگۈنىشكە ئاساس سالىدۇ، شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللەر بىلەن تونۇشۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇ مەزمۇنى ياخشى ئۆگۈنىش ئوقوغۇچىلارنىڭ بۇندىن كىيىن بوشلۇقتىكى شەكىللەرنى تىخىمۇ ياخشى ئۆگۈنىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوشلۇق قارىشىنى يىتىلدۈرۈشتە ئىتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىككىنچى، ئوقوغۇچى تەھلىلى:
5-يىللىق ئوقوغۇچىللىرى بەلگىلىك ئىزدىنىش ۋە گۇرۇپىلار بويىچە ئۆگۈنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بوشلۇق تەسسەۋۇر ئىقتىدارى تىخى تولۇق يىتىلمىگەن بولىدۇ. بۇ پارىگراپتا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىنى بۆسۈش ئىغىزى قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىش ئىڭىنى تىخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ماتىماتىكىلىق تەپەككۈر ئارقىلىق دۇنيانى تونۇشنى ئۆگنىۋىلىشقا يىتەكلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۆگۈنىش نىشانى:
1. بىلىم ئىقتىدار نىشانى: كۆزىتىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلار پاراللىلپىپىدنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەپ، پاراللىلپىپىدنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئىگىزلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى:
ئوقۇتۇش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ كورسەتمىلىك ئوقوتۇش ئىلىپ بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش.
3. ھىسىيات پوزۇتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى:
ئىزدىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.
تۆتىنچى، ئوقوتۇشنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىسى
مۇھىم نوقتا: پاراللىلپىپىدنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەش.
قىيىن نۇقتا: ئوقوغۇچىلارنىڭ بوشلۇق قارىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈش.
بەشىنچى، ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەييارلاش
پاراللىلپىپىدنىڭ مودىلى، پاراللىلپىپىدنىڭ رامكىسى
ئالتىنچى، ئوقۇتۇش جەريانى
1. مۇھىت يارىتىپ، دەرس تىمىسىنى يۇرۇتۇپ بىرىش.
تەكشىلىكتىكى شەكىللەر ئارقىلىق بوشلۇقتىكى شەكىللەرگە ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشى بىر قەدەم يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرسكە باشلاپ كىرىشتىن ئاۋال، ئوقوغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆگۈنىپ بولغان تەكشىلىكتىكى شەكىللەرنى ئەسلەتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، بىر قانچە پاراللىلپىپىد، كۇپنىڭ مودىلىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بوشلۇقتىكى شەكىللەر ئۇقۇمىنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرس تىمىسى يورۇتۇپ بىرىلىدۇ. (دوسكىغا دەرستىمىسى يېزىلىدۇ: دەرس تىمىسى: پاراللىلپىپىد بىلەن تونۇشۇش)
بۇنداق لاىيىھىلەشتىكى مەقسەت: بۇنداق بولغاندا ئوقوغۇچىلارنىڭ تەكشىلىكتىكى شەكىللەر توغرىسىدىكى تونۇشىنى پەيدىن-پەي بوشلۇقتىكى شەكىللەرگە يىتەكلەپ كىرگىلى بولىدۇ.
2. ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىپ ئۆگۈنىش، ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش.
(1) ئومومىيۈزلۈك كۆزۈتۈش ئارقىلىق، پاراللىلپىپىدنىڭ يۈزى، قىرى، چوقىللىرى بىلەن تونۇشۇش.
(دوسكىغا يۈزى دەپ يېزىلىدۇ)
(2) ئوقوغۇچىلار پاراللىلپىپىدنىڭ ئىككى يۈزى كىسىشكەن يەرلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ بىقىپ، كىسىشكەن يەرلەرنىڭ ناھايىتى قىرلىق ئىكەنلىكىنى بىر كىسىكتىىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئىككى يۈزنىڭ كىسىشكەن يىرىنى قىر دەپ ئاتايمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (دوسكىغا قىر دەپ يېزىلىدۇ)
(3) ئوقوغۇچىلار پاراللىلپىپىدنىڭ ئۈچ قىرىنىڭ تۇتاشقان يىرىنى ئۆز قولى بىەلن تۇتۇپ كۆرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ناھىيىتى ئۇچلۇق ئىكەنلىكىنى، قولغا سانچىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۈچ قىرنىڭ تۇتاشقان يىرىنى چوققا دەپ ئاتايمىز - دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (دوسكىغا چوقىسى دەپ يېزىلىدۇ)
(4) ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان كۇپنى ئىلىپ، ئۇنىڭ يۈزى، قىرى، چوقىسى قاتارلىقلارنى كۆرسۈتىپ بېرىدۇ.
3. پاراللىلپىپىد، كۇپنىڭ كونكېرت ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش
بۇ ھالقىدا ئوقوغۇچىلار مۇستەقىل ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ. مەشغۇلات قىلىش، ئىشلىتىپ كۆرۈش، تۇتۇپ بىقىش، ئۆلچەپ بىقىش، ساناپ بىقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەسىراتلارنى دوكىلات قىلىش ئارقىلىق، پاراللىلپىپىد ۋە كۇپنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۇنداق لاھىيىلەشتىكى ئاساسىم: ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقوغۇچىلارغا تولۇق پائالىيەت قىلىش پۇرسىتى بىرىپ، ئۇلارنى قول سىلىپ ئىشلەش جەريانىدا بايقاشقا، مۇھاكىمە جەريانىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا، ھەمكارلىشىش جەريانىدا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىدىن بەھرىمان بولۇشقا يىتەكلەشتىن ئىبارەت.
4. پاراللىلپىپىدنىڭ ئۇزۇنلىقى، كەڭلىكى، ئىگىزلىكى بىلەن تونۇشۇش
ئالدى بىلەن پاراللىلپىپىدنىڭ رامكىسىنى ئوقوغۇچىلارغا كۆرسىتىپ، ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىدۇ، ئاندىن كىچىك گۇرپىلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۇرپىلارنىڭ ھاسىلاتلىرىنى دوكىلات قىلىدۇ.
بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسىم: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىپ، ئۆگۈنىشنىڭ تەسەببۇسكارلىقىنى ئوقوغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرى تولۇق قوزغۇتۇلىدۇ.
5. پاراللىلپىپىد، كۇپنىڭ بوسلۇقتىكى شەكلى بىلەن تونۇشۇش
ئوقوغۇچىلار ئاۋال ئالدىن تەييارلىۋالغان پاراللىلپىپىد ۋە كۇپنىڭ مودىللىرىنى شىرە ئۈستىگە قويۇپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن كۆزىتىدۇ ھەمدە ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە تەرەپنى كۆرگىلى بولىدۇ ؟ دىگەن سۇئاللارغا جاۋاب تاپىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزى قول سىلىپ پاراللىلپىپىد ياكى كۇپنىڭ بوشلۇقتىكلى شەكلىنى سىزىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ. كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلىرىنى ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق كورسىتىپ بىرىدۇ.
بۇنداق لايىھىلەشتىكى ئاساسىم:
بىۋاستە ئوبىيىكتىپ ئوبرازلىق بولۇشنى بۆسۈش ئىغىزى قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھىسسىي بىلىش جەريانى كۈچەيتىپ، يۇقۇرىقى شەكىللەرنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ مىڭىسىدىكى ئوبرازىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا بوشلۇق قارىشىنى ئۈنۈملۈك تۇرغۇزۇپ، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىيىن نوقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.
يەتتىنچى، ئۆگەنگەن بىلىملەرنى كىڭەيتىپ پايدىلىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش
1. ئاساسلىق مەشىق:
1) ( ) دانە يۈزى، 8 چوقىسى، 12 قىرى بولغان بوشلۇقتىكى شەكىل پاراللىل پىپىد بولىدۇ.
2) پاراللىلپىپىدنىڭ 6 يۈزىنىڭ ھەممىسى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ.( )
3) بىر چوقىدا كىسىشكەن ئۈچ قىر ئايرىم-ئايرىم ھالدائۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئىگىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ.( )
2. رەسىمگە قاراپ تەسۇۋۋۇر قىلىش
ئاۋال پاراللىلپىپىدنىڭ بىر يۈرۈش ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئىگىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەلەپكە ئاساسەن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
3. مۇسابىقىلىشىش
سىز بىر ئالتە تەرەپلىكنى بىر كىسىپلا پاراللىلپىپىدقا ئايلاندۇرالامسىز؟
بۇنداق قىلىشىمدىكى ئاساسىم: بۇ مەشىق سۇئالى ئارقىلىق دەرسنىڭ مۇھىم نوقتىسى، قىيىن نوقتىسىنى مەشىقلەندۈرگىلى، ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ بوشلۇق قارىشىنى، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
سەككىزىنچى، خۇلاسىلاش ۋە باھا بىرىش
بۇ سائەتلىك دەرستە بىز قايسى مەزمۇنلارنى ئۆگەندۇق؟
بۇ دەرستە سىز نىمىلەرنى ئۆگىنىۋالدىڭىز؟
توققۇزىنچى، دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلۇنۇش:
历史上的今天:
ئۈچىنچى يىللىق ئىنگىلىز تىلى 8 2012-03-12ئۈچىنچى يىللىق ئىنگىلىز تىلى 7 2012-03-12ئۈچىنچى يىللىق ئىنگىلىز تىلى 6 2012-03-12ئۈچىنچى يىللىق ئىنگىلىز تىلى 5 2012-03-12ئۈچىنچى يىللىق ئىنگىلىز تىلى 4 2012-03-12