-
2011-12-08
ئىددىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئارتۇقچۇلۇقلار - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىددىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئارتۇقچۇلۇقلار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر
يەكەن ناھىيلىك 5-ئوتتۇرا مەكەپتىن ئاسىمگۇل ھوشۇر
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ۋىلايىتىمىز ئىددىيە – ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان مۇھىم پائالىيەت بولۇپ ، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقىنىڭ ئادىل، ھەققانى، ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ بىۋاستە نازارەتچىلىك قىلىشى بىلەن، باھالىغۇچىلار ئايرىم تەربىيىلەندى، تەربىيىلەش مەزمۇنى پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، مۇسابىقە ئىنتىزامى، باھالىغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ماقالە باھالاش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش، دەرس ئايانىنى باھالاش قاتارلىق باسقۇچلاردا ئالاھىدە دىققەت قىىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار باھالاشتىكى ھەربىر كىچىك ھالقىلار بويىچە تەپسىلى ئېلىپ بېرىلدى ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىپ تونۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
1.ماقالە باھالاش باسقۇچىدىن خۇلاسە:
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان ماقالە باھالاش باسقۇچىدا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ھەربىر ماھىر ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تاييارلىق قىلغان بولۇپ ياخشى بولغان تەرەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1)ماقالە يېزىش، تەييارلاشقا بېرىلگەن ۋاقىت ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى بولغان، ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىلارنى تەييارلاپ باھالىغۇچىلارنى قايىل قىلدى.
2)ماقالىلار ئاساسەن دىگۈدەك مەكتەپ خىزمىتى، ئىدىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان، مەسىلەن : ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە يولللىرى، ھىسسىيات تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈگى، پىسخىك تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈگى ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى، ئىددىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇشىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىۋى، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇللىرى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئال سوراش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش، تەشەببۇسكارلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، دەرسخانا كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، دەرسخانا پائالىيىتىنى لايىھەلەش، ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىشكە تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تايىنىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ئىزدەنگەن ۋە مۇلاھىزە قىلىنغان.
3)كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى يازغان ماقالىنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى، پاكىت ئاساسلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن، دەلىللەشكە ئەھمىيەت بەرگەن، قۇرۇق نەزىرىيەدىن ساقلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
4)يېزىلغان ماقالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىگە يېقىن، قوللىنىش، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىزدەنگەنلىگىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، قانداق يەرنى ئەسكەرتىش،قاندق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇش،قانداق ئىسپاتلاش، قانداق خۇلاسە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلار سېستىمىلىق شەرھىلەنگەن، ماقالىنىڭ تىلى راۋان، چۈشىنىشلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان..
ساقلانغان مەسىلىلەر:
5)قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا ماقالىنىڭ تەلىۋىنى چۈشەنمەسلىك، ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزىرىنىڭ پاكىت ئاساسى تولۇق بولماسلىق، قۇرۇق نەزىرىيەنى ئاساس قىلىۋىلىش ئەھۋالى ساقلانغان
6)ئاز بىر قىسىم ماقالىلاردا ئىملا خاتالىغى، تىنىش بەلگىلەرگە دىققەت قىلماسلىق ئەھۋالى ساقلىنىپ ماقالىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن.
7)قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار زىيادە چوڭ تېمىلارغا، مەسىلىلەرگە باغلىنىپ قېلىپ، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغان، تېمىدىن چەتنەتپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان.
1.نەزىرىيە ئىمتىھانى باسقۇچىدىن خۇلاسە.
نەزىرىيە ئىمتىھانى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيىسىنى سىناش مەقسىدىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،سۇئالنىڭ ۋەزنى مۇۋاپىق، قاپلاش دائىرىسى كەڭرى بولغان، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ئەھۋالىمۇ خېلىلا ياخشى، ئىمتىھان سۇئالى ئىلگىرىكى دەرسلىك ۋە ھازىرقى دەرسلىكنىڭ بىرلەشمىسى ھالىتىدە چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ جاۋاپ بېرىش ئەھۋالى، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان، بولۇپمۇ تاللاش سۇئاللىرىدا خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كەسپى جەھەتتىكى ئىزدىنىشكە، ئۈزلۈكسىز ئۈگىنىشكە ، بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.
ساقلانغان مەسىلە: گەر چە كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھاندا خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا ئېچىۋىتىش تىپىدىكى سۇئاللارغا قارىتا، سۇئال تەلىۋىدىن چەتنەپ كېتىش، سۇئالنى چۈشەنمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەچكە شۇ خىل تىپتىكى سۇئاللارغا بېرىلگەن چاۋاپ تولۇق بولماي نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار ساقلاندى، بولۇپمۇ ئولىمپىك يىغىنىنى باش تېما قىلغان سۇئال ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشنىڭ زۆرۈلۈگىنى چۈشەندۈرۈش سۇئالىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنەرلىك ساقلانغان.
2.دەرسخانا ئوقۇتۇشى باسقۇچىدىن خۇلاسە:
دەرسخانا ئوقۇتۇشى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرىشى، ۋىلايىتىمىز ئىددىيە- ئەخلاق ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان باسقۇچ بولۇپ ،يالغۇز مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىلا ئەمەس، ھەر قايسى جايلاردىن دەرس ئاڭلاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە باشقا مۇسابىقە قاتناشچىلىرىنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ۋىلايىتىمىز دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ سەۋىيىسىنى تولۇق نامايان قىلىپلا قالماي ھەر قايسى جايدىن كەلگەن ماھىرلار ئۆز جايىنىڭ ئەڭ ياخشى دەرسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى نامايان قىلدى، بۇ قېتىمقى مۇسابقىدا ياخشى بولغان تەرەپلەر :
1)بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ كۈچلۈك بولغان نۇتۇق، تىل قابىلىيىتى، ئوبرازلىق تىل سەنئىتى، يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق دەرسخانا تىلى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ ، ھەربىر ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،شۇنداقلا دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈچلۈك بولغان تىل قابىلىيىتى دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەريانىدا تۈرلۈك ئەھۋاللارغا ماسلىشىش، تىز ئىنكاس قايتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئاساس سالدى.
2) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى باسقۇچىدا ياخشى بولغان يەنە بىر تەرەپ، ئوقۇتقۇچىلار قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلچەملىك دەرس لايىھەسى، دەرس ئايانى تەييارلاپلا قالماي، بىر قەدەر سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيىلىك بولغان دەرسلىك يۇمشاق دىتالىنى تەييارلاپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ چىقاردى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىشلەنگەن دەسرلىك دىتاللىرى ئىلەىرىكى مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قوللىنىشچان، ئەمىلىيەتكە يېقىن، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن بولۇپ ،بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىكنىڭ ماھىيىتىدىن دىرەك بېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە داۋامىدا يەنە بىر ياخشى بولغان تەرەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئىزدىنىشى ئىنتاين ياخشى بولغان، كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ رامكىسىدىن دادىللىق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ ،ئىناق، باراۋەر بولغان دەرسخانا مۇھىتى يارىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىنى ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىپ ،ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا ، قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، دەرسخانىنى ائۈگىنەلەيدىغان، دەرسخانىدىن خوشاللىق تاپالايدىغان ، دەرسخانا پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىدىكى دىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ھەقىقى ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى.
ساقلانغان تەرەپلەر:
1.بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا يەنىلا ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا يىتەرلىك بوشلۇق بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلار تاسادىپى سورالغان سۇئاللىرىغا قارىتا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىش ياكى ئوقۇغۇچىلارنى قېلىپقا سولىۋىلىش ئەھۋالى ساقلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بوغىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ قالغان.
2.قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا مەخسەتسىز، نىشانسىز پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بىر- بىرىگە باغلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋال ساقلاندى.
3.ئىملا خاتالىقى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەممە باسقۇچىدا دىگۈدەك بار، مەيلى، ماقالە بولسۇن، دەرسلىك لايىھەسى بولسۇن، ھەتتا ھەممە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدىغان دەرسلىك يۇمشاق دىتالىدا بولسۇن ئومومىيۈزلۈك ساقلانغان.
4.دەرسلىك يۇمشاق دىتالى جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلار خېلى ئىزدەنگەن بولسىمۇ لېكىن بىر نۇقتا يەنى ھەركەتلىك كارتون ياكى سۈرەتلەرنى قىستۇرۇپ قويۇش ئەھۋالى ساقلانغان، مەسىلەن پاقا، كېپىنەك، يۈرەك، يۇلتۇز دىگەندەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدىغان رەسىملەر كىرگۈزۈلگەن، دەرسلىك دىتالىنىڭ رولىـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش.
4- دەرس ئايانى جەھەتتە:
ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئۆتكەن دەرسكە نىسبەتەن پۇختا تەييارلىغى بولغاچقا دەرسلىك ئايانىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ئوقۇتۇش نىشانى تەرەپلەردە ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دەرس ئايانى قويۇش لايھەسى بىرقەدەر ئۆلچەملىك تەييارلانغان.
ساقلانغان مەسىلە: كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن كىيىنكى دەرس ئايانى قىلىشنىڭ تەلىۋىنى چۈشەنمەسلىكتىن دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش ۋە دەسلەپكى لايىھە بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى خۇلاسىلاش تازا يىتەرلىك بولمىدى.