-
2011-08-17
ئابىستىراكېت ئوقوغۇچى بولمايدۇ، ھەم بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس - [تەسىرات]
نىمە ئۈچۈن بىرىنچى يىللىقتىلا بىر قىسىم سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغان، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولۇپ قالىدىغان ئوقوغۇچىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ ئىككىنچى، ئۈچىنچى يىللىقلاردا بەزىدە يەنە سەپتىن چۈشۈپ قىلىپ، قۇتقازغىلى بولمايدىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوقوتقۇچى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىپ كارى بولومايدىغان ئوقوغۇچىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ مەكتەپ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ساھە ـــ ئەقلى ئەمگەك ساھەسىدە، بالىلارغا بولغان پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنىڭ كەمچىل بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت.
بىز بىر ئوخشىتىش قىلىپ باقايلى، بارلىق يېڭىدىن مەكتەپكە ئوقوشقا كىرگەن بارلىق بالىلارنى بىر خىل جىسمانىي ئەمگەك ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا بۇيرىساق، مەسىلەن چىلەكتە سۇ توشۇتساق، بىر بالا بەش چىلەك سۇ توشۇپ ھالىدىن كتىپ قىلىشى، يەنە بىر بالا 20 چىلەك سۇ توشىيالىشى مۈمكىن. ئەگەر سىز تىنى ئاجىز بىر بالىنى چوقۇم 20 چىلەك سۇ توشۇيسەن دەپ تۇرىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ بالا ھالىدىن كىتىپ، ئەتىسى ھىچ ئىش قىلالماسلىقى ھەتتا ياتاقتا يىتىپ قىلىپ مەكتەپكىمۇ كىلەلمەسلىكى مۈمكىن. بالىلارنىڭ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ يۇقۇرىدىكىگە ئوخشايدۇ، بەزى ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىدىراك قىلىشى، چۈشىنىشى، ئەستە تۇتىشى تىز بولۇپ، خاتىرىسىدە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن ھەم مۇستەھكەم بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشى تامامەن يۇقۇردىكىسى بىلەن قارىمۇ – قارىشى بولىشى مۈمكىن، يەنى دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىدىراك قىلىشى، چۈشىنىشى، ئەستە ساقلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، خاتىرىسىدە ساقلىنىش ۋاقتى قىسقا ھەم پۇختا بولماسلىقى مۈمكىن. ئەمما (بۇ دائىم ئۇچىرايدىغان ئىش) ئاخىرىدا بۇ بالا ئۆگۈنىش ۋە ئەقلى تەرەققىيات جەھەتتە ھىلىقى دەسلەپتىكى نىسبەتەن ياخشى بالىدىن ئىشىپ كىتىپ زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشىشى مۈمكىن. ئوقوتۇش ۋە مائارىپنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرىنى مىخاينىكىلىق ھالدا تەدبىقلىغىلى بولىدىغان ئۇنداق ئابىستىراكىت ئوقوغۇچىلار مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا ھەرقانداق ئوقوغۇچىغا ماس كىلىۋىرىدىغان ئۆگۈنىشتە مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشتۈرەلەيدىغان ئالدىن ھەل قىلىش شەرتىنىڭ بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئۆگۈنىشتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۇقۇمى ئەسلىدىنلا بىر نىسبى نەرسە. بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا«100 نۇمۇر» مۇۋاپىقىيەتنىڭ بەلگىسى بولسا، يەنە بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن «60 نۇمۇر» كارامەت نەتىجە بولىشى مۈمكىن. ئوقوتقۇچى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىلالىغىنىنى، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىكىتىشكە ماھىر بولىشى كىرەك. مان بۇ تەلىم-تەربىيە ماھارىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئامىل.
ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى قوغداش ۋە يىتىلدۈرۈش، ئوقوتقۇچىنىڭ مەزكۈر ئوقوغۇچىنىڭ ئۆگۈنىشتىكى شەخسى نەتىجىسىگە بولغان قارىشى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئوقوغۇچىلرادىن ئوقوغۇچى قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كىرەك. ھەر قانداق پەننىڭ ئوقوتۇش پىروگراممىسى ھەر بىر جانلىق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك سەۋىيە ۋە دائىرىدىكى بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ مۇشۇ بىلىم سەۋىيىسى ۋە دائىرىسىگە يىتىشتە بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى بالىلار بىرىنچى يىللىقتىلا مۇستەقىل ئوقويۇلايدىغان ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەسىلىلەرنى يىشەلەيدىغان بولىدۇ، لىكىن يەنە بىر قىسىم بالىلار ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئاخىرى ياكى ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئاندىن شۇنداق قىلالىشى مۈمكىن. ئوقۇتقۇچى قانداق يوللار ئارقىلىق، قانداق توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كۆچۈرۈش ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنى ئوقوتۇش پىروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋىيىگە يىقىنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە قانداق قىلغاندا ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئەقلى ئەمگىكىدە ئوقوتۇش پىروگراممىسىنىڭ تەلىۋىنى كونكرېت ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىكىتىشكە ماھىر بولىشى كىرەك.
ئوقوتۇش ۋە مائارىپ ماھارىتى ۋە سەنئىتى دەل ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئىقتىدار مۈمكىنچىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقوغۇچىنى ئەقلى ئەمگەك مۇۋاپىقىيىتىدىن ھوزۇر ئالالايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ دىگەنلىك، ئۆگۈنىش جەريانىدا، مەيلى ئەقلى ئەمگەكنىڭ مەزمۇنى (تاپشۇرۇقنىڭ خاراكتىرى) بولسۇن، ياكى ئەقلى ئەمگەككە كىتەرلىك ۋاقىت بولسۇن، ھەممە جەھەتتە ئوقوغۇچىلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش كىرەك. تەجىرىبىلىك ئوقوتقۇچىلار بىر سائەتلىك دەرستە مەلەۇم بىر ئوقوغۇچىغا 2-3 ھەتتا 4 مەسىلىدىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرسا، يەنە بىر ئوقوغۇچىغا پەقەت بىرلا مەسىلىدىن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ مەلۇم بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن قىيىنراق مەسىلىدىن تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، يەنە بىر ئوقوغۇچىغا نىسبەتەن ئاددىيراق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؛ مەلۇم ئوقوغۇچىغا تىل جەھەتتىكى ئىجادىي تاپشۇرۇق (مەسىلەن، يىزىقچىلىق تاپشۇرۇقى) ئورۇنلاشتۇرسا، يەنە بىر ئوقوغۇچىغا ئەدەبىيات – سەنئەت جەھەتتىكى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
بۇنداق بولغاندا ھەر بىر ئوقوغۇچى تەرەققىي قىلىدۇ، يەنى بىر قىسىم ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى تىزراق بولسا، يەنە بىر قىسىم ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستىرەق بولىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئۆز تاپشۇرۇقىغا بىرىلگەن باھانى كۆرگەندىن كىيىن، بىرىلگەن باھادىن ئۆزىنىڭ ئەمگىگى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆگۈنىشتىن مەنىۋى قانائەت ۋە خۇشاللىققا ئىگە بولالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوقوتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر –بىرىگە كۆيۈنىشى بىلەن بىر – بىرىگە بولغان ئىشىنىشى ئۆز ئارا بىرىكىدۇ-دە، ئوقوغۇچىلار ئوقوتقۇچىسىنى نوقول ھالدىكى قاتتىق نازارەت قىلغۇچى دەپ قارىمايدۇ ھەمدە نۇمۇر قويۇپ باھالاشنىمۇ بىر خىل ئەدەپلەش دەپ قارىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقوتقۇچىسىغا سەمىمىي ھالدا مەن راستىنلا بەزى جايلارنى توغرا ئىشلىمەپتىمەن، بەزى جايلارنى ئىشلىيەلمىدىم- دىيەلەيدۇ. ئوقوغۇچىلار راستچىل بولۇپ، يۇقۇرى نۇمۇر ئىلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇقنى باشقىلاردىن كۆچۈرۈپ ئىشلىمەيدۇ ياكى ئىمتىھاندا ساختىپەزلىك قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىززەت – ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئۆگۈنىشتە مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشىش ـــــ ئوقوغۇچىلارنىڭ قەلبىدە «ياخشى ئادەم بولۇش» ئىستىگىنى پەيدا قىلىدىغان ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئوقوتقۇچى بۇ خىل ئۇچقۇننى ئاسىرىشى، تىخىمۇ ئۇلغايتىشى كىرەك.
مىنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى، ئۇ خىلى مۇنەۋۋەر ماتېماتىكا ئوقوتقۇچىسى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەرس تەييارلاش ئەھۋالىنى سۆزلەپ مۇنداق دىدى: «مەن ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ دەرستە نىمە ئىشلارنى قىلىشىنى ئەتىراپلىق ئويلىنىمەن. تاپشۇرۇق لايىھىلىگەندىمۇ ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۈچۈن شۇ تاپشۇرۇقتىن مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشكەنلىكىنى ھىس قىلالايدىغان تاپشۇرۇق لايىھىلەپ چىققىمەن، ئوقوغۇچى ئەگەر بىلىم ئىلىش يولىدا ئازراقمۇ ئالغا باسالمىسا، بۇنداق دەرس ئوقوغۇچى ئۈچۈن بىكاردىن – بىكار ئاۋارە بولغانلىق بولىدۇ. ئۈنۈمسىز ئەمگەك ئوقوتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەر ھىساپلىنىدۇ»
بىز پوبلىش ئوتتۇرا مەكتىۋىدىكى ئالىسىن ۋە لىساكنىڭ ماتىماتىكا دەرىسىنى كورۈپ باقايلى. قوللىنىشچان مەسىلىلەرنى ئىشلىگەن ۋاقىتتا (سۇئاللارنى يىشىش دەرس ۋاقتىنىڭ %90 نى تەشكىل قىلىدۇ)، ئۇلار دەرس بەرگەن سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلار بىر قانچە گۇرۇپىغا بۆلىنەتتى. بىرىنجى ەۇرۇپتىكى ئوقوغۇچىلار بولسا ئۆگۈنىشتە ئەڭ ياخشى ئوقوغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ھەرقانداق قوللىنىشچان مەسىلىلەرنى يىشەلەيتى ھەتتا ئۇلار ئىچىدە بىر-ئىككەيلەن مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغىچىلا ئىغىزچە جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولالايتى، ئۇلار ئۈچۈن قەغەز يۈزىدە ئىشلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئوقوتقۇچى شەرتنى ئەمدىلا ئوقوپ بولىشىغا ئۇلار قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇنداق ئوقوغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئوقوتقۇچى ئوقوتۇش پىروگراممىسىدا بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن باشقا «ئوقوتۇش پىروگراممىسىدىن ھالقىغان» مەسىلىلەرنى