-
2011-08-02
يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا - [تەسىرات]
يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا
1. دەرسخانىنىڭ نىشانى: تۆۋەن ئۈنۈملىك ھالەت← ئۈنۈملىك دەرسخانا ئۈستىدە ئىزدىنىش← دەرسخانىنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 45 مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنى بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق. ئوقوغۇچىلارنى ۋاقىت + تەر دىن ئىبارەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئەندىزىسى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش كىرىك. ۋاقىتنى ئوقوغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىش، ئۇيقۇ، سەزگۈ، قىزىقىش، تەرەققىياتنى ئوقوغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىش كىرەك.
2. بىلىم ئۆگىنىش ← ئۆگىنىش ئىقتىدارى← ئۆمۈرلۈك تەققىي قىلىش. دەرسخانىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دەرسخانى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلىدىغان، بىلىم ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرىلىدىغان، ئىجادكارلىق روھى يىتىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇش كىرەك.
3. ئەمەلىيەتتە يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىرى دەل ئوقوغۇچىلاردا «ئۆگىنىش ئىقتىدارى» نى يىتىلدۈرۈش ئىبارەت. ئەگەر دەرسخانا بىلىم يەتكۈزۈشنىلا ئاساس قىلسا ئوقۇتۇش ئاسانلا قاچىلاپ قويۇش، بىلىمنى ئۆلۈك يادىلاش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. ئوقوغۇچىلار بىلىمنىڭ قۇلىغا، ئوقوتقۇچىلار بىلىمنىڭ قاراڭغۇ بازارچىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. پەقەت ئۆگىنىشنى ئوقوغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسخانىنىڭ خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقوغۇچىلاردا ئۆزەمنىڭ دەرىسخانامغا ئۆزەم ئىگە بولىمەن دەيدىغان ئاڭنى شەكىللەندۈرەلىسەكلا، ئوقوغۇچىلار بىلىمنى ئۆزى ئۆز بىشىدىن كەچۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكىزەلىسىلا، ئۇ چاغدا دەرسخانا تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دىگەندە، ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادىيلىق قاتارلىقلارنى دەرسخانىدا باشتىن ئاخرى گەۋدىلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرسخانىنىڭ ئالاھىدىلىكى: تەشەببۇسكارلىق، جانلىقلىق ۋە شەكىللەندۈرۈش. تەشەببۇسكارلىق ئۆگىنىش ھالىتى بولۇپ، تەشەببۇسكار بولغاندا يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. ئۈنۈمگە ئىرىشىپ، ئىقتىدار يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ. جانلىقلىق دەرسخانىدىكى ھىسىيات پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشىنى قوغلىشىش بولۇپ، ئۆگىنىشتىن خۇشاللىققا ئىرىشىش ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆگىنىشنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شەكىللەندۈرۈش دىگىنىمىزدە دەرسخانىدىكى تۈرلۈك «قۈملە بەلگىسى»، «ئۈندەش بەلگىسى» لەرنى «سوراق بەلگىسى» گە ئايلاندۇرۇشنى، ئوقوغۇچىلاردا ئوخشاشمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولىشىنى، دەرسخانىنىڭ قىممىتىنى « ئالدىن تەسسەۋۇر قىلمىغان» نەخ مەيداندا شەكىلەندۈرۈش نى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى بارلىق «ئالدىن پەرەز» دەرسخانىدىكى نەخ مەيدان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ھەرگەىزمۇ دەرسخانا «ئالدىن پەرەز» ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قالماسلىقى كىرەك.
4. بىلىم تاللا بازىرى، ھەياتلىقتىكى شادلىق
تاللا بازىرى: ئوقوغۇچى ۋە ئۆگىنىشكە، تاللاش ھوقۇقەغا، مۇستەقىللىققە بولغان ھۆرمەت قىلىش.
شادلىق: بىلىم ھاياتلىققا يۈزلىنىش، دەرسخانا ئوقوغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سەھنىگە ئايلىنىش.
5. دەرس ئىسلاھاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى: ئىككىلىسىنىڭ تومۇرى بىر. ساپا مائارىپى، سدەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت. يېڭى دەرسنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى: مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھسەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگخنىش. يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى گۇرىپىلار بويىچە ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئۆگىنىش، گۇرۇپىلار بويىچە ئۆگىنىش.
ھازىرقى مائارىپتا بىزدە ئەڭ كەم بولىۋاتقىنى قاراش، نەزىرىيە بولماستىن، دەل ئەكىسچە ئۇسۇل ۋە مەشغۇلات ئارقىلىق شۇ نەزىرىيە ۋە قاراشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇنى دەرسخانا ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش. شۇڭا بىزنىڭ تەقىقاتىمىز دەرسخانىغا يۆتكىلىشى، قاراش ۋە نەزىرىيەلەر ئەمەلىيەتتە يىلتىز تارتىشى، چىچەكلەپ مىۋە بىرىشى كىرەك.
6. ئەندىزە (ئۇسۇل)
بەش قەدەملىك ئۈچنى تەكشۈرۈش:
بىرىنچى قەدەمدە: ئۆگىنىش لايىسىنى ئۆزللىكىدىن ئۆگىنىش، ئۆگىنىشتىكى قىيىن تەرەپلەرنى تىپىپ چىقىش. ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرىنچى تەكشۈرىشى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئەھۋالىنى، ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش.
ئىككىنچى قەدەم: بىرىچى قەدەمدە بايقالغان قىينچىلىقلارنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، گۇرۇپىلار بويىچە ئۆگىنىش.
ئۈچىنچى قەدەم: كىچىك گۇرۇپىلارنى بىرلىك قىلىپ، گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆگەنگىنىنى «نامايەن» قىلىش؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككىنچى تەكشۈرىشى ئوقوغۇچىلارنىڭ نامايان قىلىش جەريانىدىكى ئاشكارلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش.
تۆتىنجى قەدەم: ئوقۇتقۇچى ئۈچىنچى قەدەمدە ئقۇغۇچىلارنىڭ نامايە قىلىش جەريانىدا ئاشكارلانغان مەسىلىلەرنى چوڭ گۇرۇپلار بويىچە ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇش.
بەشىنچى قەدەم: ئوقوغۇچىلار خۇلاسىلاش، ئۆگىنىش لايىسىنى رەتلەش، خاتالىقلارنى تۈزەتكەن خاتىرىلەرنى رەتلەش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈچۈنچى تەكشۈرۈشى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سىناپ تەكشۈرۈش.
7. يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدا «تۆتنى باھالاش، بىرنى كونتۇرۇل قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك
تۆتنى باھالاش:
1. ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشتە ئۆگىنىش لايىھىسىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، %50 ئەتىراپىدىكى مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلەرگە بەلگە قويۇش.
2. دەرسخانىدىكى ئچكە قاراش: ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش دەرسىجىسى، ھەمكارلىشى دەرىجىسى، ئىزدىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلار.
3. كىچىك گۇرۇلىدىكى ئۈچنى باھالاش: پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى، كىڭەيتىش دەرىجىسى، شەكىللەندۈرۈش ئەھۋالى.
4. ئۈچنى نامايەن قىلىش: ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلەرنى تاللاش، نامايەن قىلىش جەريانىدىكى پىكىرلىشىش، ھاسىل قىلغان قىممەت قارىشى.
5. بىرنى كونتۇرۇل قىلىش: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش جەريانى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىك قىلىش جەريانى.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ قاتناشقان ئادەم سانىغا قاراش كىرەك، بىر سائەتتە دەرسكە پىكىر قاتاشتۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم قىتىم سانى 120 قىتىمدىن كەم بولماسلىق.
2. ئوقوغۇچىلارنىڭ قانىشىش سۈپىتى قانداق؟ سۈپەت ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ھىسىيات پوزۇتسىيە ، قىممەت قارىشى، دوسكىغا ۋە دەپتەرگە يېزىشى قاتارلىقلاردا بىلىم خاراكتىرلىق خاتالىقلار بارمۇ يوق؟ دىگەندە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۆگىنش لايىھىسى ياكى ئالدىن ئۆگىنىش ئۆگىنىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش. بۇ يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈچ تەكشۈرىشىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى مۇسىۇ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، دەرسكە باشلاپ كىرىشنى، دەرس ھالقىللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ.
نامايەن قىلىش ( ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىش) ئۆگىنىشتىكى ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغايدىغان ئالتۇن ئاچقۇ. بۇنىڭ قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نامايەن قىلىش ( ئۆگەنگەنلىرىنى بايان قىلىش) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەڭ بىۋاستە ئاشكارىلاش بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى قورالى. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ ئاساسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەنبەسىدىن ئىبارەت. ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم تاللا بازىرى ۋە ھاياتلىقتىكى شادلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش دەرس ئىسلاتى دىگەنلىك، يەنى دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارنى ھەركەتلەندۈرۈش، دەرسخانىنى قانلاندۇرۇش، دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.
2. ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى، ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى، باھالاش ئۇسۇلىنى، تەرەققىي قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش.
3. يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ئوقۇتقۇچىنىڭ سپاسى: كىشىلىك غۇرۇى، مىجەزى، كەسىپلىشىشى.
4. ئوقۇتقۇچىنىڭ «سۆزلىشى» ئوقوغۇچىلارنىڭ «ئۆگىنىش» ئۈچۈن دىگەننى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش. ئوقۇتۇش ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇتماسلىق ئۆگىنىش ھوقوقىغا كاپالاتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئىسىلىۋالماي قويىۋەتكەن» ئوقوغۇچىلار ئاندىن يولنى ئۆزى ماڭالىشى مۈمكىن.
5. ئۇسۇل (ئەندىزە) ئىشلەپچىقىرىش كۈچى: ئۆگىنىشن ئۆگىتىشكە تايىنىۋىلىشتىن ئازاد قىلىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ «مەسئۇلىيىتى» ۋە بىسىمىدىن ئازاد قىلىش.
6. كەسىپلىشىش ۋە ئوقۇتۇش سەنئىتى ئۇسۇلغا ماسلىشىش: «ئۆگىنىش» بىلەن «ئۇسۇل» (ئەندىزە) ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش.
7. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش كىرەككى ئوقۇتقۇچى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوقوغۇچىلارنى قوزغىتىش ئەمەس بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. ئوقوغۇچىلار قانداق ئۆگەنسە ئاندىن ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ دىگەننى تەتقىق قىلىش كىرەك.
8. يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدىكى «ئۈچ بۆلەك، بىر گەۋدە»
مۇكەممەل دەرسخانا «45 مىنۇت ياكى 50 مىنۇت ۋاقىت» نى دەرستىن بۇرۇن، دەرس ئىچى، دەرستىن كىيىندىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە ئۇزارتىپ، ئۇلارنى بىر گەۋدە قىلىشتىن ئىبارەت.
دەرستىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈچنى تەييارلىشى: ئۆگىنىشكە يىتەكچىلىك قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈش ـــــــ ئۆگىنىش نىشانىنى تەييارلاش، ئوقوغۇچىلارنى تەييارلاش، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تەييارلاش.
دەرس جەريانىدا ئوقۇتقۇچى « ئىككى تەرەپنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتىرىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش» كىرەك. يەنى: ئالدىن ئۆگىنىش بىلەن ئاخىرىقى ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى چىڭ تۇتۇش، ئوتتۇرىسىدىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش دىگىنىمىز «دەرسخانىنىنى يىپىق ھالەتتىن ئىچىۋىتىلگەن ھالەتكە ئۆزگەرتىپ، دەرسخانىنى جانلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت.
ئوقوغۇچىلار دەرس ئاخىرىدا «ئۆزىنى تەكشۈرۈش»: خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش خاتىرىسىنى رەتلەش، ئۆگىنىش لايىھىسىنى رەتلەش، دەرس ۋەكىلى، گۇرۇپپا باشلىق قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش.
9. يۇقۇرى ئۈنۈملۇك دەرسخانىنىڭ پىرىنسىپى
1) قاتلاملىق پىرىنسىپى: قاتلامغا بۆلاۈپ ؟ۆگىنىش، قاتلامغا بۆلۈپ ئۆلچەمگە يىتىش، قاتلامغا بۆلۈپ مەشىق قىلىش.
2) تاللاش پىرىنسىپى: «تاللا بازىرى» نى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مۇستەقىللىق، تاللاش، ئىجادىيلىق.
3) بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش پىرىنسىپى: دەرسلىككە بىرلەشتۈرش، بىلىمنىڭ ئالدى كەينى، ئوڭ سول بىلەن بىرلەشتۈرش، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش.
4) نامايەن قىلىش ( پىكىر بايان قىلىش) پىرىنسىپى: پىكىر بايان قىلىش ئارقىلىق ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ھەل قىلىىىش.
5. قايتۇرما ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق تەڭشەش پىرىنسىپى: مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، شۇ سائەتلىك دەرستە ھەل قىلىش تەدبىرىنى بىكىتىش.
ئابدۇغەنى ھەبىبۇللا تەييارلىدى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر