-
2011-08-02
دۇلاڭكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەجىرىبىسى ئۆگىنىش تەسىراتىم داۋامى - [تەربىيلەش]
بۇ مۇنبەر ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ئورتاق قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن.
(1) ئوقۇغۇچى قارىشى
ئوقوغۇچى ئۇ بىر جانلىق ئادەم، بەلگىلىك ئىدىيىگە، ھىسىياتقا ئىگە ئادەم، ئۇلار بىلىم قاچىلايدىغان قاچا ئەمەس. ئوقوغۇچىلارمۇ ئوقوتقۇچىلارغا ئوخشاشلا ئىجاد قىلالايدۇ، كۈزىتىەلەيدۇ، ئىپادىلىيەلەيدۇ، خۇلاسىلىيالايدۇ. ھەر بىر ئوقوغۇچىدا يوشۇرۇن ئىقتىدار بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزىگە خاس بەلگىلىك ئىچكى دۇنيا بولىدۇ. ئوقوغۇچىلاردا چوڭلارغا ئوخشىمايدىغان مەسىلىلارنى كۈزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئوقوغۇچىلار تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ھەممە ئىشنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئورنىدا قىلىپ بىرىشكە ئىسلىۋالماي، ئوقوغۇچىلارنى بىلىم ئىلىشكە، تەپەكۈر قىلىشقا، يەكۈنلەشكە، ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھىس قىلىشقا يىتەكلەش لازىم.
(2) ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ ئۆزگۈرىشى
قاچىلاش، قۇيۇپ قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىجىرا قىلدۇرۇش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىش. ئوقۇتقۇچى يولغا قويغۇچى، ئوقوغۇچى قوبۇل قىلغۇچى، ئوقۇتقۇچى بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك، سۈرئەت پىلانى، بىرلىككە كەلگەن مەشىق سۇئاللىرى، ئۆلچەملىك جاۋابلار ئارقىلىق ھەممە ئوقۇغۇچىنى بىر خىل تەلەپتە ئىمتىھان بىرىشنىلا بىلىدىغان، يۇقۇرى نۇمۇر ئالىدىغان ماشىنا ئادەم قىلىپ تەربىيلەش بولمستىن، بەلكى ئۆگىنىش ھوقوقىنى ئوقوغۇچىغا قايتۇرۇپ بىرىشكە ئۆزگەرتىش.
يەنە بىر جەھەتتىن، قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللا بازىرى شەكلىگە ئۆزگەرتىش. ئوقوغۇچى ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىڭى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچى قانچىلىك سۆزلىسە ئوقوغۇچى شۇنچىلىك ئۆگىنىش، ھەتتا جاۋاب ئىچىدە بىرەر نوقتا، بىرەر چىكىت، پەش چۈشۈپ قالسىمۇ جاۋابنى خاتا دەپ قاراش قاتارلىق قاراشلار ئۆزگەرتىلگەن. تاللا بازىرى شەكلىدە بولسا، ئوقوغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىگە، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىلىپ، ئۆگىنىش قىلىشنى بىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلىش، سىلىشتۇرالايدىغان، باھا بىرەلەيدىغان، مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىلىپ بېرىلىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرش قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
(3) نۇقۇل بىلىم ئىگىلەشنى ئەقلى ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشكە ئۆزگەرتىش
ھازىرقى زامان كىشىلەردىن بىلىمنى ئىلگىرىكى تەجىرىبىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئەمەس بەلكى، ئۆگەنگەن تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىشىنى، ئۈگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ھىس قىلىپ بىلىم ئۆگىنىشنى، يېڭى ئىقتىدارلارنى يىتىلدۈرشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئوقوغۇچىلارنىڭ كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى بىلەن بىرگە مەكتەپ قوراسى ئىچىگە، تەبىئەتكە، ساۋاقداشلىرىغا، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، رەڭدار دۇنيادىن ئوزۇق ئىلىشغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى، تۇرمۇشنى، يۇرتىنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىشى، ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، ئىقىم مەسىللىرىگە دىققەت قىلىپ، قىززىق نوقتا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كەلگۈسىگە، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پائال ئىزدىنىپ، ئۈگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا، جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇشقا يىتەكلىنىدۇ.
(4) ئوقوغۇچىلارنى ياخشى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارنى ئاساسى گەۋدە ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلاردىن زوقلىنىش، ئۇلارغا كۆيىنىش، ئۇلار بىلەن سىردىشىشى كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانى تەرەققىيات قانونىيىتىگە، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى، مائارىپ قانونىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ پەرىقلىق بولىشىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشى، بولۇپمۇ سىنىپتىكى «ئاجىز» ئوقوغۇچىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كىرەك.
ھازىر بىز «كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەش» دەۋتىمىز، لىكىن ئۇلار بۇنى «ئادەم تەربىيلەپ كىتاب ئوقۇتۇش» دەپ ئۆزگەرتكەن.بۇ يەردە دەۋاتقان ئادەم تەربىيلەش كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى ئوقوغۇچىلارنى خۇددىي ئۆز ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ياخشى كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ھەركەتتە، ھەربىر ئۇششاق ھالقىلاردا ئوقوغۇچىلارغا كۆينىۋاتقانلىقىمىزنى، ھەر بىر ئىشتا ئۇلارنى ئويلايدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كىرەك.
(5) ئوقوغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بىرىش
دۇنيا پەن مائارىپ سەھىيە تەشكىلاتى «ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىش» تا كۆرسىتىلىشچە: مائارىپ ئازاد قىلىش دىمەكتۇر.....، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى تولۇق ئازاد قىلىنىپ، ئىجادكارلىق روھى ۋە ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئومومىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
(6) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىش
ھەر سائەتلىك دەرستە بىلىم ئىقتىدار، جەريان ئۇسۇل، ھىسىيات پوزۇتسىيە ۋە قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش كىرەك.
دەرسخانا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشى، جەمئىيەتكە، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى، كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن، دەرۋىر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىشى كىرەك. دەرسلىكتىن ھالقىپ چىقىپ، تەبىئەتكە، جەمئىيەتكە يۈزلىنىش كىرەك. ئوقوغۇچىلار تۇرمۇشنى تونىشى، تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى، تۇرمۇشنى ھىس قىلىشى، ياشاشنى بىلىشى، ياخشىنى مەدھىيلەپ، ياماندىن نەپرەتلىنىشنى بىلىشى كىرەك.
3. باھالاشتىكى ئىسلاھات
1) دەرسخانىنى باھالاش
مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ «ئۆگىنىشنى ياقتۇرماسلىق، ئۆگىنەلمەسلىك» تەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، كەسپىي ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان.
دەرس ئۆتۈش جەھەتتە
دەرسخانا كەيپىياتى جەھەتتە ئوقۇتقۇچى ئىللىق چىراي بىلەن دەرس ئۆتۈش، ئوقوغۇچى دەرسكە ئۇرغۇپ تۇرغان روھ بىلەن ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش، دەرسخانىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئىنتىلىش.
پائالىيەت قانات يايدۇرۇش
ئوقوغۇچىلارنىڭ مىڭە ئىشلىتىش، قول، ئىغىز، قۇلاقنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. ئوقوغۇچىلارنىڭ پائالىيەت مىقدارى: ئوقوغۇچىلارنىڭ بىر سائەتلىك دەرستىكى پائالىيەت ۋاقتى 35 مىنۇتتىن تۆۋەن بولماسلىق (ئەلا)، 30 مىنۇتتىن يۇقۇرى بولۇش (ياخشى) 29 مىنۇتتىن تۆۋەن بولۇش (ئادەتتىكىچە).
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي ماھارىتى: دوسكا باشقۇرىشى رەتلىك بولۇپ، بىر سائەتلىك دەرسنى دوسكىغا يىغىنچاقلىيالىغان بولۇش. دوسكا لايىھىسى كۆركەم، رەتلىك بولۇش. ئۆلچەملىق ئەدەبىي تىلدا سۆزلىگەن بولۇش.
دەرس تەييارلاشقا قويىلىدىغان تەلەپ
پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىكى ئوقۇتۇش لايىھىسىىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەسلىك، دەرسخانىدا قوللىنىدىغان تەدبىرلەرنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پائالىيەت مەزمۇنلىرى مول بولۇش، ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتتىن ئۆتكۈزۈشىنى گەۋدىلەندۈرۈش.
كەسپى ئۆگىنىش جەھەتتە
ھەر ھەپتىلىك نەزىرىيە ئۆگىنىشتىن بىر قىتىملىق خاتىرە يېزىش، كۆچۈرمسلىك، دەرسخانا ئوقۇتۇش تەسىراتىنى يېزىش، تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش.
2000-يىلى سىنىپلارغا قول كۆتۈرشتە ئاكتىپ بولۇش، ئاۋازى ياڭراق بولۇش، مۇزاكىرىدە قىزغىن بولۇش، سۇئاللارغا تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاب بىرىش، مەسىلىلەرنى ئوخشاشمىغان نوقتىدىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش دىگەندەك سۆزلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئاسقان.
2002-يىلى دەرسخانىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەرنى قويغان. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئورتاق تىلدا سۆزلىشىش. دەرسخانا كەيپىياتى جانلىق، ئىناق بولۇش، ئوقوغۇچىلار سۇئال سوراشقا، سۆزلەشكە، دوسكىغا چىقىشقا، تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش؛ ئوقۇش، سۆزلەش، يېزىش، مۇھاكىمە قىلىش دەرستە باشتىن ئاياققىچە سىڭدۈرىلىش. ئىقتىدار يتىلدۈرشكە ئەھمىيەت بىرىش، ئوقوغۇچىلار پائالىيتىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇش، پائالىيەتنىڭ زىچلىقى چوڭ بولۇش، ھەممە ئادەمگە قاتنىشىش پۇرسىتى بولۇش. دەرسخانىنىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇش، نىشانغا يېتىش يۇقۇرى بولۇش.
2004-يىلى دەرسنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارىتا مۇنداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1. ئالدىن ئۆگىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نىشانىنى بىكىتىش.
2. ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تەقسىملەش ( ئىككى مىنۇت).
3. ۋەزىپىنى تاماملاش، ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش (6 مىنۇت)
4. ھەممە ئۆزىنى نامايەن قىلىش، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش. (18 مىنۇت)
5. مۇستەھكەملەش، تولۇق ئىگىلەش (8 مىنۇت)، ئۆلچەمگە يىتىش سىنىقى، تەكشۈرۈپ ئۆتكىزىۋىلىش ( 6 مىنۇت).
2005-يىلى دەرس ئىسلاھاتىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ھىسىيات ئالماشتۇرشىغا ئەھمىيەت بېرىش، بىلىم ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىش، ئوقوغۇچىلاردا يېڭى تۇيغۇلارنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بىرىش.
2. دەرسخانىدا كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا ياردەم بىرىپ يىتەكلەشنى يولغا قوۇش:
1) رەھبەرلىك بەنزىدىكىلەر كۆرەك دەرسى ئۆتۈش. 2) پەنلەردىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ئوچۇق دەرس ئۆتۈش. 3) ئادەتتتىكى ئوقۇتقۇچىلار نىشانغا يىتىش دەرسى ئۆتۈش. 4) ئاجىز ئوقۇتقۇچىلار ئۆتكەلدىن ئۆتۈش دەرسى ئۆتۈش. 5) ھەر قايسى پەنلەردىكى كۇزۇر دەرس ئۆتۈش. 6) يىتەرسىزلىكلىرىنى تۈزەتكەن ئوقۇتقۇچى قايتا دەرس ئۆتۈش. 7) دەرس ئاڭلاشتا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەپتىسىگە 3 سائەت دەرس ئاڭلاش، سىنىپ مۇدىرلىرى ھەپتىسىگە 5 سائەت دەرس ئاڭلاش، رەھبەر ھەپتىسىگە 7 سائەتتىن يۇقۇرى دەرس ئاڭلاش.
ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تىزدىن ئۆلچەمگە يىتىۋىلىشى ئۈچۈن، مەكتەپ بىرىنجى قىتىم سۆھبەتلىشىش، ئىككىنچى قىتىم ئاگاھلادۇرۇش، ئۈچۈنچى قىتىم توختىتىپ قويۇش تەدبىرىنى يولغا قويغان. بىرىنجى قىتىم سۆھبەتلىشىشتە ئۆلچەمگە يىتەلمىگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دەرسخانىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى رولى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى، دەرسخانا تەرتىپى، دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى پىلانى قاتارلىق جەھەتلەردە سۆھبەتلىشىش، ئىككىنجى قىتىم ئاگاھلاندۇرۇش دىگەندە، سۆھبەتلەشكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۆلچەمگە يىتەلمىگەن ئوقۇتقۇچىلار پەن ئوقۇتقۇش گۇرۇپپىسىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈش، توختىتىپ قويۇش دىگەندە، يەنىلە ئۆلچەمگە يىتەلمىگەنلەرنىڭ دەرسىنى بىر ھەپتە توختىتىپ قويۇش، مەخسۇس دەرسخانا ماھارىتى بويىچە تەربىيلىنىش، دەرس ئاڭلاش، دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدا نەزىرىيە ئۆگىنىش، كەسىپتىكى ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئۆلكىلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىكىلەر بۇ مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى يىغىنچاقلاپ«ئۈچ ئۈچ ئالتا» مۇستەقىل ئۆگىنىش ئەندىزىسى دەپ باھالايدۇ. بىرىنچى ئۈچ: دەرسخانىدا ئۆزلىكىدىن مۇستەقىل ئۆگىنىشتىكى ئۈچ ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇلار سىترولۇق، كۆپ ھەجىملىك، تىز رىتىملىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
سىتىرولۇق دىگىنىمىز: نىشان ۋەزىپە ئۈچ ئۆلچەملىك سىتىرولۇق بولۇش، ۋەزىپە كىشى بىشىغا، گۇرىپىلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساس گەۋدە بولۇش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىش.
كۆپ ھەجىملىك بولۇش دىگىنىمىز: دەرسلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كىڭەيتىش، يەكۈنلەپ چىقىش، يۇقۇرى كۆتىرىش، دەرسخانا پائالىيىتى كۆپ خىل بولۇش، ھەممە ئوقوغۇچى قاتنىشىپ ھىس قىلىش.
تىز رىتىملىق بولۇش دىگىنىمىز: بىر سائەت دەرس ۋاقتى ئىچىدە، نىشان ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقوغۇچى، ئوقوغۇچى بىلەن ئوقوغۇچى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئالدىن پىلانلىغان نىشانغا يىتىش.
ئىككىنچى ئۈچ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىكى ئۈچ بۆلەكنى يەنى ئالدىن ئۆگىنىش، نامايان قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت.
كىيىنكى ئالتە دەرسخانىدا نامايان قىلىشنىڭ ئالتە ھالقىسىنى يەنى ئالدىن ئۆگىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، گۇرۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشىش، ئۆزىنى نامايان قىلىپ يۇقۇرى كۆتىرىش، مۇستەھكەملەش، ئۆلچەمگە يىتىش سىنىقىدىن ئىبارەت.
ئۈچ چوڭ بۆلەك: ئالدىن ئۆگىنىش، نامايان قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش.
ئالدىن ئۆگىنىش: ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ دەرستىكى قىيىن، مۇھىم نوقتىلارنى شەكىللەندۈرۈش ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە نىشانغا يتىش.
نامايان قىلىش: ئالدىن ئۆگىنىش بۆلىكىدە ئۆگەنگەن نەتىجىلەرنى نامايەن قىلىش، ئۆگەنگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىش ۋە يۇقۇرى كۆتۈرۈش.
ئىنكاس قايتۇرۇش دىگىنىمىز: قايتا ئويلىنىش ۋە خۇلاسىلاش، ئالدىن بىكىتىلگەن ئۆگىنىش نىشانىغا ئاساسەن سناش ئىلىپ بىرىش، «ئاجىز» ئوقوغۇچىلارنى گەۋدىلەندۈرش، ئوقوغۇچىلار سۆزلەش، ئورۇنلاش، يېزىش؛ ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىغا ئۆگىتىش، ئوقوغۇچى ئوقوغۇچىنى مەشىقلەندۈرۈش.
دەرسخانىدا نامايەن قىلىشتىكى ئالتە ھالقا: ئالدىن ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ گۇرۇپىلارغا بۆلىنىپ ھەمكارلىشىش، نامايەن قىلىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مۇستەھكەملەش، ئۆلەمگە يىتىش سىنىقىدىن ئىبارەت.
ئالدىن ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش: ئوقوغۇچىلار ئۆزلىكىدىن ئالدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
گۇرۇپىلارغا بۆلىنىپ ھەمكارلىشىش: ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ھەر قايسى گۇرپىلارغا تەقسىملەش، ھەر بىر گۇرۇپ ئادەتتە بىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنلىسا بولىدۇ. كىچىك گۇرۇپىلار مەزمۇنغا ئاساسەن مۇھاكىمە قىلىش ئەھۋالىنى، ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش، تەھلىل قىلىش.
مۇستەھكەملەش: ھەر قايسى گۇرۇپىلار ئۆگىنىش ئەھۋالىنى نامايەن قىلىش، ئۆز گۇرۇپىسىدا نامايەن قىلالمىغان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى مەشىق قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش.
ئۆلچەمگە يىتىش سىنىقى: ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان سۇئالى، باغاقچە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىگىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش.
ئابدۇغەنى ھەبىبۇللا تەييارلىدى. 2011-يىلى 7- ئاينىڭ 20-كۈنى