• 2011-08-02

    ساپا ئۇقۇمى - [تەربىيلەش]

    ساپا ئۇقۇمى

    ساپا مائارىپىنى توغرا چۈشىنىشتە ئالدى بىلەن نىمىنىڭ ساپا ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشىنىش لازىم. ساپا دىگەن بۇ ئۇقۇم ئەسلىدە فىزىئولوگىيە، پىسخولوگىيە ئۇقۇمى بولۇپ، ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ تۇغما ئانتومىيەلىك فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى، سەزگۈ ئەزالىرىنى ۋە نىرۋا سىسىتىمىسى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتەتتى. پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ساپانىڭ مەزمۇنىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولدى. ئۇ تۇغما بولۇش، يەككە كاتوگۇرىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان بولدى. مەسىلەن مىللەتنىڭ ساپاسى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى قاتارلىقلار. نۆۋەتتە ساپا دىگەن بۇ ئۇقۇم جەھەتتە گەرچە كۆپ خىل چۈشەندۈرۈش بولسىمۇ، لىكىن ئومومەن تۆۋەندىكى بەزى ئورتاق نوقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بىىنچى، ساپا ئادەمنىڭ تەبىئىي ئىرسىيىتى بىلەن جەمئىيەت، تارىخ، مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مەھسۇلى. تۇغما ۋە كىيىنكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ئامىلنىڭ ئورگانىڭ بىرلەشمىسى. ئادەمنىڭ تەرەققىياتىدا تۇغما ئامىل شەرت ۋە ئاساس، كىيىنكى ئامىل تېخىمۇ مۇھىم.

    ئىككىنچى، ساپا ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇھىت، مائارىپ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ ئادەمنىڭ ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، يارىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    ئۈچىنچى، ساپا مەلۇم مۇقىملىققا ئىگە بولۇپ، ئادەمنىڭ بىر قەدەر مۇقىم بولغان ۋە ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە رول ئويناپ تۇرىدىغان ئاساسى خاراكتىرى ۋە پەزىلىتىدۇر.

    ساپا كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللاردىن تەركىپ تاپقان بىر پۈتۈن سىستىما. بۇ سىسىتىما قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئامىللاردىن فىزىئولوگىيىلىك ساپا، پىسخىك ساپا ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق ساپالار بولۇپ، ھەر بىر قاتلام يەنە كۆپخىل ئوخشىمىغان كونكرېت مەزمۇنلارغا ئىگە.

    ساپانىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى

    فىزىئوپلوگىيىلىك ساپا بەدەننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تۇغما بولىدۇ.

    پىسخىك ساپا: 1. ئەقلى ئىقتىدار ئامىلى ( سەزگۈ، ئىدىراك، خاتىرە، تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ تۇغما ئامىل بىلەن كىيىنكى ئامىللارنىڭ بىرلىشىشى)، 2. غەيرى ئىقتىدار ئامىلى (ئىھتىياج، مۇددىئا، قىزىقىش، ھىسىيات، ئىرادە، خاراكتىر خۇسۇسىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىيىنكى ئامىللاردۇر.)

    ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ساپاسى: 1. مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ساپاسى(ئىلىم پەن، مەدسەنىيەت بىلىملىرى بىلەن ماھارەتلىرى، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئىتىقاد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    2. ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى( سىياسى تونۇش، كۆز قاراش، ئىتقاد ۋە غايە، ئىدىيىۋى تونۇش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قاراش، ئەخلاق پەزىلەت، ئەخلاق ھەركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    3. ئېستېتىك ساپا (ئېستېتىك قاراش، ئېستېتىك ئاڭ، گۈزەللىك تۇيغۇسى، ئېستېتىك قىزىقىش، گۈزەللىك يارىتىش، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار)

    4. ئەمگەك ساپاسى ( ئەمگەك قارىشى، ئەمگەك پەزىلىتى، ئەمگەك بىلىمى ۋە ماھارىتى قاتارلىقلار)

    1. ساپا مائارىپى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مائارىپ غايىسى.

    2. ساپا مائارىپى ئوچۇق مائارىپ.

    3. ساپا مائارىپى ھەر بىر ئوقوغۇچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ.

    4. ساپا مائارىپى ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىر قەدەر تولۇق، ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    5. ساپا مائارىپى ھەربىر ئوقوغۇچىنى ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    6. ساپا مائارىپىنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش مائارىپى.

    7. ساپا مائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى نىشانى يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش.

    ئابدۇغەنى ھەبىبۇللار تەييارلىدى.

    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28كۈنى، قەشقەر

    分享到: