• 2011-07-20

    مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى داۋامى - [تەرمىلەر]

    ئالىي مەكتەپ تەتقىقات ئورۇنلىرى، نەشرىيات تارماقلىرىدا كەسپىي خادىملارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىغا ئورۇن يوق. ئۇلار كەسپىي ئىشلاردىمۇ مەمۇرىي خادىملارنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىزدە رەھبەر دېگەندە كەسپىي يېتەكچىلىككە ئائىت تەرەپلەر نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگوغا جىددىي كېرەك بولۇۋاتقىنى دەل مەخسۇس كەسپىي تالانت ئىگىلىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا كاشىلا تۇغدۇرماقتا. بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى، ئىقتىسادىي دۇنياۋىلىشىش بىزدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسىمۇ، دەماللىققا ئامالىمىز يوق. چۈنكى كەسپىي تالانت ئىگىلىرى ۋە سۈپەتلىك جەمئىيەت ئەزالىرى بىردەمدىلا يېتىشىپ چىقمايدۇ.مائارىپ كرىزىسى بىز قۇتۇلالمايۋاتقان زور ئىجتىمائىي خەۋپ بولۇپ، مەزكۇر كرىزىس دەل بىلىم كرىزىسىدە كۆرۈلمەكتە. بىلىمنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم ۋە زىيالىيلار ھەققىدىكى تەبىرلەرمۇ ئۆزگەردى، تۈرمۇ كۆپەيدى. بىلل “كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى” دېگەن ئەسىرىدە بىلىمگە مۇنداق تەبىر بېرىدۇ: “بىلىم شەيئى ياكى ئىدىيىگە سىستېمىلىق شەرھى بېرىش ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلۇق ھۆكۈم ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك خۇلاسە بولۇپ، ئۇ مۇئەييەن ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى، مۇئەييەن سىستېما ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ”. بىلل بىلىمنى كەسپىي بىلىم، سودا بىلىمى، ئەمگەك بىلىملىرى، سىياسىي بىلىم، ئائىلە بىلىملىرى، پەننىي بىلىم، روھىي بىلىم قاتارلىق كونكرېت تۈركۈملەرگە ئايرىپ بىرمۇ بىر ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ. بۇلار بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كەتمىگەندىمۇ بەرىبىر رېئاللىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سىرتقى كۈچنى پەيدا قىلغۇچى بىر جەمئىيەتنىڭ ئەينى دەۋردىكى قىياپىتىنى پەرەز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنلاشمىساق پاكىت بىزنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەنلەر سىرتقى كۈچ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ.ھازىرقى مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى بىلىملەر دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالمىدى. خۇددى “ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق” دېگەندەك، قالاق ئىگىلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان جەمئىيەتتىكى مەكتەپلەر ئۆز دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىختىساسلىقلارنىڭ بۆشۈكى بولالمايدۇ.

     رۇس نەسرچىسى مىخائىل پىرشىۋېن “ئەگەر سۇ بولۇپ، ئۇنىڭدا بېلىقلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، ئەگەر ھاۋا بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن قارلىغاچلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ ھاۋا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن” دېگەنىدى. بىر ئالىي مەكتەپ ياكى بىر ئاكادېمىيىدە مەملىكەتتىكى ئىلىم تارماقلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان، خەلقئارادىكىلەرمۇ تونۇيدىغان سەرخىللار بولمىسا، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟!بىزدىكى بىلىم كرىزىسى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، كارغا كېلىدىغان بىلىمنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىرى، ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان رىقابەت مۇھىتىنىڭ بولماسلىقى. بىزدە كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولغۇدەك جانلىق ئىجتىمائىي مېخانىزم شەكىللىنىپ بولالمىدى. ئەكسىچە، ئاز – تولا ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ئەركىن رىقابەت تەرىپىدىن شاللىنىپ قېلىشتىن ئەمەس، بەلكى ئىمتىھاندىن قورقىدۇ. ئىمتىھان ئۇلار ئۈچۈن نەق ۋەھىمە بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە دىپلومغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئىمتىھان يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ياخشى كوزىر بولۇپ قالدى. نۇرغۇن لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان ئېلىش، تەكشۈرۈش، نوپۇزىنى پەش قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا “خاقانبولماقچى بولىدۇ. مائارىپ باشقا ئىشلار قولىدىن كەلمەيدىغانلارنى ئالمان – تالمان قوينىغا ئالىدىغان، بەرداشلىققا باي سېخىي ماكان بولۇپ قالغاچقا، لاياقەتسىز ئادەملەر ئۇ يەردىن ئاسانلا پاناھلىق تاپىدۇ. ئىمتىيازلىقلارنىڭ ئائىلىۋى باش ئاغرىقى مەكتەپلەر ئارقىلىق شىپا تاپىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىكى تولدۇرغۇسىز زىيانلار ئەلنىڭ سەۋرچان روھىدا غەلىتە لاتقىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.بىزدە بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھەقىقىي باھا بېرىش مەسىلىسى توغرا ھەل قىلىنمىدى.

    ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەردە پۇل تۆلەپ ئوقۇيدۇ يۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تاللاش، ئوقۇتقۇچىلارغا باھا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى سائەت مىقدارى بىلەن ئۆلچەندى. كىمنىڭ دەرس سائىتى كۆپ بولغان بولسا شۇ ئىلغار بولۇپ سايلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى ئىنكاسى نۇرغۇن مەكتەپلەردە ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. بىر ئۇن تارتىش ماشىنىسىنىڭ ئەمگىكىنى ۋاقىت (سائەت) بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدىكى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە مىقدارى تېخنىك خادىملار تەرىپىدىن مېخانىك يوسۇندا بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى ئەقلىي ئەمگەكچى، ئۇ روھ، كەيپىياتقا ئىگە ئادەمنىڭ ئەمگىكى بولغاچقا، ماشىنىنىڭ ئەمگەك مىقدارىنى ئۆلچىگەندەك ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئەقەللىيسى، ئادەم ماشىنا ئەمەس، ئۇ مېخانىك ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئەمگىكىنىڭ سۈپىتى قابىلىيەت، روھىي كەيپىيات، تەجرىبە، جانلىق ئۇسۇل قاتارلىق نۇرغۇن كونكرېت ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا 10 سائەتتە بېرەلمىگەن ئۈنۈمنى يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىرەر سائەتتە بېرەلىشى مۇمكىن. جايىنى تاپقان بىرەر سائەتلىك تەربىيە قارىسىغا بېرىلگەن 10 سائەتلىك تەربىيىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىپلا قالماستىن، يەنە شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ. زېرەك ئوقۇغۇچىلار ھەممە تەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەت ئىچىدە ماھىيەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى بېرىشكە قادىر ئەمەس، يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى بىلدۈرۈپلا قالماي، نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجانغا سېلىۋېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كونكرېت تەرەپلەر ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپىتىدىكى زور ئىچكى پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرسلەرنىڭ قىممىتىنى نوقۇل سائەت بىلەن ئۆلچەش ئەقلىي ئەمگەكنىڭ سۈپەت قانۇنىغا تۈپتىن خىلاپ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرەر فاكۇلتېتىدا ياكى بىرەر ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كوزىر ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرقانچىسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئوخشاش قىممەتتە باھالىنىدۇ. ھەتتا تۆۋەن باھالىنىدۇ.

    مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆگەندىم ۋە تەتقىق قىلدىم. نەتىجىلىرىم ئاز – تولا ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما باش كۆتۈرمەي قىلغان ئەقلىي ئەمگەكلىرىم مېنى ئەقەللىي موھتاجلىقتىن ساقىت قىلالمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ۋىجدان ۋە مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە بولمىسا، بولۇشىغا ياشاش يولىغا مېڭىپ كېتىش نورمال ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەت ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە (ئېغىر ياكى بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە) مەۋجۇتتۇر.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە ئالىملار، تېخنىكلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ دېدۇق، بۇنى جەمئىيەتشۇناس ئالىملارنىڭ بايانلىرى بىلەن دەلىللىدۇق. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتمۇ بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى نامايان قىلماقتا. كىتابخانلار ئۇنداق يۈزلىنىشلەر بىزدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ سوراپ قالسا، مەنمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، مۇقەررەرلىك ئاز – تولا كېچىكسىمۇ ھامان يۈز بېرىدۇ. تەرەققىياتنىڭ سادالىرى ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك گاس ئادەملەرنىمۇ چۆچۈتۈپ تاشلايدۇ.

    -2000 يىل يانۋار     مەنبە : ئابدۇقادىر ماقالىلىرى(شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)

    分享到: