• 2011-07-20

    ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىللەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    ئىلىمىز مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ، جۇملىدىن رايۇنىمىز مائارىپ  ئىسلاھاتنىڭ  كۈنسىرى چۇڭقۇرلىششغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشدە كىشنى خۇشال قىلىدىغان بەزى نەتىجىلار قولغا كېىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىشىنىڭ ئەندىشىگە سالىدىغان بەزى مەسىللەرمۇ كېلىپ چىقىپ مائارىپ تەرەقىياتنىڭ نەتىجىلىك بولىشىغا باللارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىۋاتىدۇ.

     يالغۇز ياكى ئىككى پەرزەنتلىك ئائىللەردە چوڭ بولۋاتقان باللار ئاتا- ئانىسىنىڭ توغرا بولمىغان زىيادە غەمخۇرلىقى ، جەمئىيەتتە ئىقتىساسلىقلار رىقابىتىنىڭ ئۆزلىكسىز كۈچىيشى بىلەن ئۆزى دۇچ كەلگەن تۇرلۇك مەسىللىلەرگە قارتا مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش پوزىتسىيسى بىلەن ئەمەس بەلكى مەسلىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيسىدە بولۇپ مەكتەپ ۋە جەمئىيەت، ئائىلىسى ئۈچۈن تۇرلۇك ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ جەمئىيەتنىڭ روھى بېسىمىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرۋاتىدۇ. مەسلەن: مەكتەپتىن قېچىش، ئائىلىگە ۋاقتىدا قايىتماسلىق، ئۆيدىن قېچىپ كېتىش يولى بىلەن ئاتا- ئانىسىنى قورقۇتۇپ قويۇش، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا مەستانا بولۇپ قىلىش، كەيىپ – ساپاغا بېرىلىش ، ئوششاق - چۈشەك يىمەكلىكلەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش، روھى كەيپىياتى توراقسىز بولۇش، ئۆزىنى باشقۇرالماسلىق، نىرۋىسى كاردىن چىقىش ...

    نېمە ئۈچۈن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلاردا مۇنداق ئەھۋاللار كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ قالدى؟

    بۇ تۇرلۇك ئوبيېكىتىپ ۋە سوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان قارماققا ئاددى ئەمما ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە. بۇنىڭ تۆۋەندىكىىدەك بىرقانچە تۇرلۇك سەۋبىنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن.

    1. روھى بېسىمنىڭ تەسىرى

    روھى ساقلىق تەن ساقلىنىڭ ئاساسى بولۇپ، تېنى ساق بولسىمۇ رۇھيىتىدا مەسلە كۆرۈلگەن ئادەمنىڭ تۇرلۇك كېسەللەرگە گىرىپتار بولدىغانلىقىنى پىسخۇلوگىيە ئىلمى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان. جەمئىيەتنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ روھى بېسىمى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ باردى ۋە بارماقتا. بۇ خىل ئەھۋال بالىغا ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدىكى ۋاقتىدا تەسىر قىلىپ بالنىڭ ساغلام روھى كەيپىياتتا ئۆسۈپ يىتىلىشىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسىلە كۆرلىۋاتقان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، شەھەر كەمبىغەللىرىنىڭ، تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ باللىرى. ھەرقايسى ئورگانلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلدار بولۇش ۋە ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش نىسپىتى كۈندىن كۈنگە تۆۋەنلەش ، ھەتتا ھامىلە قۇرساقتا ئۆلۈپ قېلىش، بويىدىن ئاجراش.  ناھايىتى ئېنىقى ئانىلار ھامىلدار ۋاقتىدىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىش ھەققى ئالغانلىقى سەۋەپلىك باشقىلارغا ئوخشاش ئىشلىشىىگەن. مۇۋاپىق كۈتىنىش ۋە مۇۋاپىق ئىشلەش رىقابەتلىك بۇگۈنكى كۈندە نۇرغۇن مەنپئەتلەردىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئاساسىبولۇپ قىلىپ، ئانا زىيادە ھېرىپ- چارچاش ئەھۋاللىرى قەدەمدە بىر كۆرۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ، ئانىلار ھېرىپ چارچىغان ئىكەن ئەلۋەتتە ھامىلىمۇ، بالىمۇ، ھېرىپ چارچايدۇ، ھېرىپ چارچاش ئىچىدە چوڭ بولغان بالنىڭ مىڭىسىنىڭ نۇرمالنى ئۆسۈپ يىتىلەلەيدىغان ياكى يىتلەلمەيدىغانلىقى ئەقەللى ئەھۋال. نۇرغۇن كېشىلەر باللىرىنىڭ بەش ئەزاسى ساق تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئىشلار بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ كەتمەيدۇ، ھېساپلىشىشقۇمى چولى تەگمەيدۇ، نەتىجىدە بىزنىڭ ئانچە دىققىتىمىزنى تارتىمغان بۇ ئەۋال ئاخىر يامان ئاقىۋەت كەلتۇرۇپ چىقارغاندا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ ۋە قالماقتا.  

    2. نامۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنىڭ تەسىرى

    بىلايىن مۇرگىن بىلەن روبېرت مورگىن "چوڭ مىڭنىڭ يىمەكلىكلىرى" دېگەن كىتابىدا "يىمەك- ئىچمەك ئادەمنى بەلگىلەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. بىر ئادەمنىڭ نېمە يەپ- نېمە ئىچكەنلىكنى ئۇنىڭ مىجەز- خاراكتىرىنى، روى كەيپىياتىنى بەلگىلەيدۇ. كېسەللىكنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نامۇۋاپىق يىمەك- ئىچمەك ئادىتىدىن كەلگەن. بۇگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدا ئاللىقاچان قۇرساق توق بولۇش مەسلىسى ھەل بولغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشلەر يەيدىغان ۋاقتىدا يىمەي، يىمەيدىغان ۋاقتىدا يەپ ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە ئاۋارچىلىق تاپماقتا. بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان خانىم- قىزلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەندە ناشتا قىلماي خىزمەتكە ، دەرسكە بېرىش ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا. بۇ خىل ئەھۋال كىشلەرگە دەرھال تەسىر كۆرسەتمىگەندەك قىلسىمۇ ئەمما مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قورقۇنۇشلىق مەسىللەرنى كەلتۇرۇپ چىقارماقتا. ئۇيغۇر خەلقىدە:"سەھەر قىلساڭ ناشتا كېسەل تۇرمۇس باشتا" دەيدىغان ماقال بار.مەلۇم مەزگىل ناشتىسىز يۇرۇش ساق ئادەمنى كېسەل قىلىپلا قالماي، يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان كېسەلنى تېخمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.  جىننېت ۋوس، گوردىن دىردېن "ئۆگىنىش ئىنقىلابى" دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن:"تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىكى توققىز ئاي ئىچىدە چوڭ مىڭىڭىزدە يۈزبەرگەن ھەممە نەرسە كەلگۇسىدىكى ئۆگىنىشكە نىسپەتەن زور تەسىرگە ئىگە. ھامىلدار ئايالدا ئوزۇقلىق ئېغىر يىتىشمىگەندە ، ئۇلار تۇغقان بالىنىڭ چوڭ مىڭىسى ساغلام بالا چوڭ مىڭىسىنىڭ يېرىمىگىمۇ يىتەلمەيدۇ."  كۆرنىپ تۇرۇپتىكى يىمەك – ئىچمەككە ئەچمىيەت بېرش شۇقەدەر مۇھىم تۇرسىمۇ بىزدە ئاڭلىق يىمەك- ئىچمەك ئادىتىنى تۇرغۇزۇش ئادىتى يۇق. باشقىلار نېما يېسە ھامىلدار ئاياللارمۇ شۇنى يېيىشى كېرەك. ئالاھىدە بولىۋېلىش ھادىسىى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. تېخمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىمۇ بىز نېمە يېسەك شۇنى يەيدۇ،ئالاھىدە، ئايرىم ئوزۇقلاندۇرۇش تولىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە كىچىكىدىن ئەتراپلىق يىتىلمىگەن مېڭىدىن چوڭ بولغاندا ئانچە زور ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. قەدەمدە بىر مەسلە كۆرۈلۈپ تۇرۇش ئانچە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.

    3. مىھىر – مۇھەببەت  تەسىرى: دۇنيا مېھىرى – مۇھەببەتكە مۇھتاج. مېھىر – مۇھەببەتنىڭ سېھىرى كۈچى بۇ دۇنيانى گۈزەللككە ئىگە قىلغان. شۇ سەۋەپلىك ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈش ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئولاردا غورور تۇيغۇسى يىتىلدۇرۇش ساغلام ئۆسۇپ يىتىلىشنىڭ ئاساسى. كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار باللارغا قانداق كۆيىنىش، قانداق تەلەپ قويۇش مەسلىسىدە باللارنىڭ ماددى ئىھتىياجىنى كۆپرەك ئويلىشىپ ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسى، قىزقىشى، ئىستىكى روھىيتىدە بولۋاتقان ئۆزگىرشلەرنى ۋاقتىدا بايقاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، نەتىجدە ئاتا- ئانىلار بىلەن باللار ئوتتۇرىسدا، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا چۈشنىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. 

    4. قاتتىق ۋە يولسىز تەلەپنىڭ تەسىرى: ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى، ئەقلى جەھەتتىن تەلەپ قويۇش ئائىلە، مەكتەپ تەربىيسىدىكى ئەقەللى ئىش. ئەمما قانداق تەلەپ قۇيۇش؟ بۇ تەلەپكە قانداق يىتىش مەسلىسىنى ئەتراپلىق ئويلاشماسلىق ، ئويلاشسىمۇ سېستىمىلىق ، قەدەم باسقۇچلىق بولماسلىق دەل مەسلە پەيدا قىلىدىغان تەرەپتۇر. بۇنىڭدا ماۋسۇم بېشىدا سىنىپ بويىچە مانچىنچى بول، پالننىڭ بالسىدىن ئېشىپ كەت، نېمىشقا 100 ئالمىدىڭ، سەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا نان يەۋاتىسەنغۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش چويلىدا توختىمايدىغان موددالارنى ئىپادىلەش.

    5. قىزىقىشنى قىرقىيدىغان ئوقۇتۇشنىڭ تەسىرى:

    مەكتەپلەر تەلىم- تەربىيسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋدۇئاللىق(خاسلىق)نى ئاساس قىلىش تەلىم- تەربىينىڭ ئۈنۈملىك بولۇش ، بولماسلىقىدىكى ئاساسى ھالقا بولسىمۇ خاسلىق ئاتالغۇسىنى ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. مەكتەپلاردە بىلىم بىېرىش ئاساس ھالقا بولۇش تېخچە ھۆكمىران ئورۇندا. باللارنىڭ قىزقىشى ئاللىقاچان نەزەردىن چەتتە قالغان. پەقەت خاتىرە ئىقتىدارى ياخشى ئوقۇغۇچىلارلا ياخشى، باشقىلار بولسا دېققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئۆگىنىشى ياخشى ئەمەس باللار، شۇڭا مەكتەپلەردە ياخش ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىتابى بىلىملەرگە باي، ئىتائەتچان،ئەمىلى ئىقتىدارى تۆۋەن ئادەملەردىن بولۇپ چىققان.

    6. مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيسى ئايرىۋىتىلگەن. ئەسلىىدە ئائىلە تەربىيسى تەلىم- تەربىينىڭ بىرىنچى باسقۇچى، مەكتەپ تەربىيسى ئائىلە تەربىيسىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلمىسى ۋە مۇكەممەشتۇرۇلمىسى بولىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۆگۈنكى كۈندە ئائىلە تەربىيسى بىلەن مەكتەپ تەربىيسى ئايرىۋىتىلگەن. مەكتەپ بىلەن جەمئىيەت ئىككى قوتۇپقا ئايلىنىپ بۇ ئىككى قۇتۇپتىكى كىشلەر گاھى- گاىدا بىر-بىرسىنى تەقەزا قىلىشقان.بەزىدە بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشقان نەتىجىدە ئوتتۇردىكى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك بۇزۇلۇپ كەتكەن.

    يۇقارقىدەك ئامىلار تۇپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، نۇرمال ئۆسۈپ يىتىلىشى ھەرجەھەتتىن تەسىرلەرگە ئۇچراپ ئاتا- ئانىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بېشنى قاتۇرماقتا. ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۆز مەسئۇلىيتىنى تۇنۇپ يىتەلەيدىغان، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۈنسىرى ئازىيىپ، دەرستىن قاچىدىغان، ئۆگىنىشتىن بىزار بولغان، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقنى ئويلىشىپ كەتمەيدىغان ( ئويلىسىمۇ ئانچە پەرق ئېتەلمەيدىغان)، بىردەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن باش- ئاخىرنى ئويلىماي ئىش قىلىپ، يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىپ چىقالماي، ئۆمۈرلىك ئىستىقبالىغا ئولتۇردىغان، ئائىلە، مەكتەپتىن ئالالمىغان خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكنى كەيىپ ساپا، ئويۇن تاماششا، مۇھەببەتلىشىش،ئويۇنچۇقخانالاردىن ئىزدەيغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇپىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.

    شۇڭا بۇ مەسىللەرگە قارتا ھەرساھە، ھەرقاتلام كىشىللىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراپ مەسلە كىلىپ چىققاندىن كېيىن پاي – پىتەك بولۇپ ھەر تەرەپكە قاترىغاندىن مەسلە كۆرۈلىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئىلىش قىلالايدىغان ئىشلارنى قۇربىمىزنىڭ يىتىشچە ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

    چوڭ داۋلىلاردىن گەپ ئاچمىساقمۇ، ئاتا- ئانىلىرىمىز،بالىلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىز خىزمەتداش، قۇشنىلىرىمىزغا كۆينىش ، كۆڭۈل بۆلۈش قولىمىزدىن كېلىدۇ.

    ئانىلار ۋە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىشى ۋە مۇۋاپىق ئارام ئېلىشىغا ياردەم بېرىش قولىمىزدىن ئەلۋەتتە كېلىدىغان ئىش. ھەركىم ئۆزنىڭلا ئىشىنى قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغان شەخسىيەتچىلىكتىن زىيان قوش كېلىدۇ. تېخى يېقىندىلا مەلۇم ئورگاندىكى ھاملىدار ئايال ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، خىزمەت بېسىمى تۈپەيلىدىن بالدۇر تۇغۇپ قويۋاتقانلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈپىيىشى بىزنى ئويلاندۇردىغان ئىش.

    ياشاش ئەلۋەتتە تاماق يېيش ئۈچۈن ئەمەس، ئەمما تاماق يېيىش ياشاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە. بۇ ئەقەللى ئىشنى ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ ، بىلىشى كېرەك. شۇڭا ھەربىر ئائىلىدە چۇقۇم ئۈچ ۋاخ مۇۋاپىق غىزالىنىش، بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقىتىدا قۇۋەتلىكرەك بولۇش، قۇۋەتلىك بولۇش دېگەندە قانداقتۇر گۆش، پولو، مانتا،  قۇيماقنىلا كۆزئالدىغا كەلتۇرۋالماسلىق، مىۋە – چىۋە، سۇدا پىشۇرىلغان كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ياش –ئۆسمۇرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى ئاقسىللىق، مول ۋىتامىنلىق يىمەكلىكللەرنى كۆپرەك بېرىش، مەكتەپتەپلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارلىقدىكى ئوزۇقلىنىشىنى مۇۋاپىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

    ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق تەلەپ قويۇش، مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش ئويىدا بولماسلىق، باللىلارنى چۈشىنىش، بىرقەدەم بىرقەدەمدىن ئىلگىرلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، باللارنىڭ يۇرۇش- تۇرىشىغا دىققەت قىلىش، ئانچىكىم ئۆزگىرشلەرگىمۇ سەل قارماسلىق، ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش باللار بىلەن سىردىشىپ تۇرۇش، مەكتەپ بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاش كېرەك. باللارنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئاڭلاش ، ئورۇنلاش ھۆرمەت قىلىش، يول قويغاندا ھەددىدىن زىيادە يول قۇيۇش، قاتتىق بولغاندا ھەددىن ئارتۇق قاتتىقلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ئۆگنىشكە بولغان قىزىقىشنى قوزغاشقا ئەھمىيەت بېرىش. قىزغىنلىقنىڭ سۈۋۈپ كېتىشىدن ساقلىنىش، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ،قەيەردىن قول سېلىش، قانداق يىتەكلىگەندە ۋە تەربىيلىگەندە ئۈنۈملىك بولدىغانلىقغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسيات ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشنى ئۈنۈملىك تەلىم- تەربىيەنىڭ ئاساس قىلىش كېرەك.

    تەلىم – تەربىيە جەريانىدا مەكتەپ بىلەن ئائىلە زىچ ھەمكارلىشىش ، باللارغا بەلگىلىك جەمئىيەت تونۇشى ۋە بىلىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىرىش چوقۇم بەلگىلىك يىتەكچىلىكتە ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەكتەپلەر تەربىيسى بىلەن ئائىلە تەربىيسى ئايرىلىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

    قىسقىسى تەلىم تەربىيە جەريانىدا يىمەك- ئىچمەك، يۇرۇش- تۇرۇش، ھېسيات تەربىيسى، ئۆسۈپ يىتىلىش تەربىيسى، پىسخىك تەربىيە ئېلىپ بېرىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ پىسخىك تەربىيگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    分享到: