• 2011-07-16

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا زۆرۈر بولغان كۈزىتىش ۋە ئىنكاس ماھارىتى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك ماتىرىيالدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بارا-بارا چۈشىنىپ، ئىلگىرىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزگەرتەلمەسلىكتىن ئىبارەت روھى دۇنيا كۈرىشى ئىچىدە كەسكىن توقۇنۇشقا دۇچ كەلدى.

    مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەتراپتىكى ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىقلارغا زەن سىلىپ، ھاياتقا بىر قەدەر ئۆزگىچە قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك قۇرۇلمىسىدىكى يېڭىلىقلارنى خىلى چۇڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىن پەرقلىنىدىغان يېڭىچە بىر خىل دەرسخانا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تېرىشتى.

    ئەمما دەرس ئۆتۈش، بىلىم يەتكۈزۈش نوقۇل ئىدىيىسى بىلەن خىلى ئېغىر دەرىجىدە «تەمكىنلىشىۋالغان» بىر قىسم ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا «دەرس ئىسلاھاتى دېگەن ئاتاقتا بار، ئەمەلىيەتتە يوق، يېڭى ئاياغ بىلەن كونا يولدا مېڭىشقا ئوخشاشلا ئىش ئىكەنغۇ» دەپ قاراپ، كونا جۇۋىدا تەرلەش ئادىتىدىن ۋاز كىچەلمىدى.

    كىمدۇ بىرىنىڭ «دۇنيا ئىچىقلىق مېڭىلەر ئۈچۈن ئوچۇق دېگىنى ئىسىمدە.

    توغرا بىز يېڭىلىقلارنى ئىجابى نۇقتىدىن تۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا، ئۇنى سىناپ بېقىشقا ئەستايىدىلراق مۇئامىلە قىلىپ كېرىشىدىغان بولساق، بىزنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن بايلىقلارغا ئېرىشەلەيمىز. ھەتتا ئۆزىمىزنى قايسى جەھەتلەردىن مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولۇپ قالغىنىمىزنىمۇ ھىس قىلماي قالمايمىز.

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتى- دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىدىن قىزغىن ھەم ئۆتكۈر، سالماق ھەم چاققان، تەمكىن ھەم جانلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئوقۇتقۇچىدىكى كۈزىتىش ئىقتىدارى بىلەن كۈچلۈك ئىنكاس ماھارىتى دەرسخانىدىكى رەڭدارلىق، جەلپ قىلارلىقنى تەبئىي شەكىللىنىدىغان تارتمىلىققا ئىگە قىزغىن پوزىتسىيىنى، ھەر سائەت يېڭى بولۇشتەك ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

    بۇ يەردىكى كۈزىتىش ھەر بىر ئوبىيكىتنىڭ ۋۇجۇدىدا بىز قىزىپ چىقىرىشقا، بىخلاندۇرۇپ ئېچىلدۇرۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاشقا قارىتىلغان. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قەلب كۆزىنى روشەن ئېچىپ، مول بايقاش ئىقتىدارىنى ئىشقا سىلىپ، مەسۇلىيەتچانلىق ھەم يۈكسەك بېغىشلاشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلىتىنىڭ كۈچىنى ئايانماي سەرپ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

    شۇ چاغدىلا، ئۇ دەرسخانىدا ئۆزىنى نامايەن قىلالايدىغان تاشقى مىجەزلىك بالىلارغا مەركەزلىشىپ قىلىپ، ئۆزىگە دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان، ئۆزىنىڭ قايسى مەسىلىنى ئېنىق چۈشۈنۈپ، قايسى نۇقتىلارنى يېتەرلىك ھېس قىلىپ بولالمايۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، نېمىگىدۇر بىر نەرسىگە تەقەززا بولۇپ ئولتۇرۇپ قىلىۋاتقان، ئىچ مىجەزلىك بەزى بالىلارنى دەرسخانىدا «ئۆگەي بالا» قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كۈزىتىشكە ماھىر بولۇشتا غەۋۋاس بولۇش قارىشىدىلا چىڭ تۇرىۋالماي، گۆھەردىنمۇ، تاشتىنمۇ تەڭ نەپىس بويۇملارنى ياساپ چىقالايدىغان ئۇستىكار بولۇش ئۈچۈن تېرىشىش كېرەك.

    يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەڭ زۆرۈر بولغان يەنە بىر ئامىل ئوقۇتقۇچىدىكى كۈچلۈك ئىنكاس.

    ئوقۇتقۇچىنىڭ پىكىرى چۇڭقۇر ۋە ئورۇنلۇق، كەسپى بىلىم سەۋىيەسى يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنكاسنىڭ ناھايىتى تىز بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    چۈنكى يېڭى دەرسلىك ئوقۇغۇچىلاردىن ۋەزنى ئېغىر، قىلىپلىشىپ قالغان ئوخشاش قۇرۇلمىدىكى سۇئاللارنى سوراشتىن، بىر قەدەر يەڭگىل تارماق-تارماقلار بويىچە پارچىلاپ تۇرۇپ سۇئال سوراپ، كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىپ، ئۇلار ھەل قىلپ كىتەلەيدىغان سۇئال شەكىللىرى بويىچە يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى كىچىك سۇئاللارنى تاشلاشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا قارىتا باھا بىرىشكە ماھىر بولمىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش ھىسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي قالىدۇ.

    ئوقۇتقۇچى چوقۇم ناھايىتى ھۇشيارلىق بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن سورالغان سۇئالنىڭ ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇشىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىرلەر بىلەن باھالاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇ دەرسخانىدا رىياسەتچى ياكى قابىلىيەتلىك رىژىسۇرلاردەك كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ دەرسخانىنى قىزغىن مۇنازىرە سورۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ھەر بىر سائەتلىك دەرستىكى تەسىراتىنىڭ چۇڭقۇر بولىشىنى ھەم يەنە شۇنداق ئۆتۈلىدىغان دەرسنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە قارىتا ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ خىل زۆرۈرىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت ئىنكاسى تىز، بايقاشقا ماھىر ئوقۇتقۇچىلارلا چىقىپ كىتەلەيدۇ.

    شۇڭا ئوقۇتقۇچى يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا باي، ھازىر جاۋاب ۋە تىز ئىنكاس ماھارىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېرىشىشى، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشى، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى چىن ماھىيتى بىلەن تونۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىشى كېرەك.

     شۇنداق بولغاندىلا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە لايىقلاشقان، ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ. 

     

    分享到: