-
2011-07-16
يېڭى دەرس ئىسلاھاتى – مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ زۆرۈر تەلىپى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ھەممىدىن زۆرۈر نەرسە نىمە؟ مائارىپ ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، شۇنداقلا دەرس ئىسلاھاتى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپچىلار بۈگۈنكى دەرس ئىسلاھاتىغا قانداق قاراش كىرەك؟ بۇ بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. دەرس ئىسلاھاتى – مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى. ئۇ دەۋر تەرەققىياتىغا تامامەن ئۇيغۇن.
دەرس ئىسلاھاتى- ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدىكى بىلىمنى ھەددىدىن زىيادە مەركەز قىلىدىغان ھادىسىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بىر نۆۋەتلىك مائارىپ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ئىلگىرى دەرسلىكلىرىمىز بىلىم كۆپ، بىر تەرەپلىمە، قىيىن، مۇجىمەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. دەرس ئىسلاھاتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىمىز ئادىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ياشاشنى ئۈگىتىش، ساغلام روھى ھالەت يېتىلدۈرۈش، پايدىلىق بىلىم ئىگىلىتىش ئامىللىرى بىلەن تويۇنغان. ئوقۇتقۇچىغا قويىلىدىغان تەلەپتە ئوقۇتقۇچى باشقۇرغۇچى، يېتىلەپ ماڭغۇچى، ئۈگەتكۈچىدىن باراۋەر مۇناسىۋەت قىلغۇچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئوقۇغۇچىنى ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈشكە يېتەكلىگۈچىگە ئايلىنىش تەلىۋى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مائارىپ باشقۇرۇش، باھالاش تەلەپلىرىمۇ ئىلگىركى « ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» دىن، بىر بىرىگە تەكلىپ بەرگۈچىگە، ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈش تەلەپ قىلىندى. بۇنداق يۈزلىنىش مۇقەررەركى بىزگە ئۈمۈت، ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.. مىللى مائارىپىمىز گەرچە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات، مۇزىكا قاتارلىق پەنلەرنى مۇستەقىل تۈزۈش ھالىتىدە ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا«يېڭى دەرس ئىسلاھاتى» بىزدىن كۈتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى قېزىش، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاپقا ئېرىشكىنى يوق. ئۇنداق بولمايدىكەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىمۇ «نىشانلىق ئوقۇتۇش»، «ساپا مائارىپى» چاقىرىقلىرى بىر مەزگىل تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئۆزلۈكىدىن پەسكويغا قالغاندەك بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ھاياتى كۈچىدىن قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، «دەرس ئىسلاھاتى» گەرچە دەرسلىكنىڭ، مائارىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىقىنىڭ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىمتاھاندىن ئىبارەت قوماندانلىق كالتىكىنىڭ شەكلى، تۈرى، رولى، خارەكتىرى ئۈستىدە تۈپتىن ئېنىق بىر ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ. بۇ تەرەپ چوقۇمكى، «دەرس ئىسلاھاتى» ماشىنىسىنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى توسالغۇغا، ھەتتا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا « ئىمتاھان» نۆۋەتتىكى بېشىمىزنى قاتۇرىدىغان ئامىل بولۇپ تۇرماقتا . دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى. مەن ئۆزەم ئۆتىۋاتقان دەرسكە ئاساسەن بۇ ئىسلاھاتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى. يېڭى تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى مەيلى مەزمۇن رەڭدارلىقى ياكى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى، پىكىر يۈزلىنىشىنى موللاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن ئىلگىرىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسدىن خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە. تېخى سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا تېخى يېتەرسىز تەرەپلىرى يوق ئەمەس. يەنى ئاز بىر قىسىم دەرسلىكلەرنىڭ سالمىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تەرەپلىرى يوق ئەمەس. لېكىن بۇ يېتەرسىزلىكلەرنىڭ رەسمى يولغا قويۇلغىچە مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ تۈزۈتىشىدىن ئۆتۈپ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھازىر مائارىپ تارماقلىرى ھە دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىشكە چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلار كۈندىن كۈنگە بېسىم ھىس قىلىپ ئوقۇشتىن، مەكتەپتىن بىزار بولىۋاتىدۇ. بۇنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1. مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن بىر تەرەپلىمە ئىش كۆرىشى.
2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسى ئارقىلىق باھالىنىپ سېلىشتۇرىلىدىغانلىقى.
3. دەرسكە ماسلاشتۇرۇلغان تەكرار ماتىرىياللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ تېڭىش...قاتارلىق ئامىللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە توسالغۇ بولدى.
بىز تەشەببۇس قىلىدىغان ساپا مائارىپى ئادەمدىكى تۇغما تالانت ئاساسىدا، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇرىدىغان، ئەقلى قابىلىيەتنى ئاچىدىغان، خارەكتىرنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان مائارىپتۇر. ساپا مائارىپى جەريانى ئادەملەرنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەم يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئېچىش جەريانى، ھەم بالىلارنىڭ تەدرىجى ئىجتىمائىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىجاتچانلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كەلگۈسىدىكى ئىجتىمائى فورماتسىيىدە ئىنتاھىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوتتۇرا باشلانغۇچ دەۋرى ساپا مائارىپىدىكى ئاساس سېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى. مەكتەپلىرىمىزگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەقىقى ماھارەت، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش جەھەتتە يەنىلا مەسىلە ئېغىر. نۆۋەتتىكى دەرس ئىسلاھاتى بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئەمىلى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىراق يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرس سېتكىسىغا قاراپ مۇنداق ئەھۋالنى كۆرەلەيسىز. تولۇقسىز ئۈچ يىللىقنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەك تېخنىكىسى، ساغلاملىق، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئورنى بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆتۈلمەيدۇ. چۈنكى بۇلار بىر تۇتاش ئىمتاھانغا قاتناشمايدىغان ئادەتتىكى پەنلەر. يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى يوق بولغاچقا، مىللى مۇزىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر ئوقۇتقۇچىنى دەرسلىك سائىتىنى توشقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا «مۆشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىنى قويۇپ بېرىپ ۋاقىتنى توشقۇزغان. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىنمۇ ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. دىمەك، بىزنىڭ ساپا مائارىپىنى ھەقىقى ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلى ئىشلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى خېلى كۆپ ئۆزگىرىش ياساپ، كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلىدى. يېڭى دەرسنى قانداق ئۆتۈش جەھەتتە ئىزدىنىدىغان كەيپىيات ھازىرلاندى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.
يەنە بىر قىسىم كىچىك مەكتەپلەردە دەرس نورمىسىنى تولدۇرۇش ياكى شىتات كاملىقىنى باھانە قىلىپ بىر خىل پەن ئوقۇتقۇچىسىغا بىرنەچچە خىل پەننى يۈكلەش ئەھۋالىمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئەگەر مەكتەپلەردىكى بۇ خىل ئەمەلى مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مائارىپ خۇددى كۆچەت تىكىشكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى دەرھاللا ، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرىۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى پات پات ئوپىراتسىيە قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ تۇرۇش، مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش، ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر. مەسىلەن: تەجرىبە سىنىپ ھادىسىسىگە نىسبەتەن زىيارەت ئوبىكىتلىرى ئاساسەن بىردەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىمەك، بۇ بىزنىڭ قايتا ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە. بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش- مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مائارىپىنىڭ تەكشى يۆلىنىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتاھىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق پۇتكۈل جەمئىيەت ئاممىسىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.
历史上的今天: