-
2011-07-16
ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتە دىققەت قىلىشىقا تىگىشلىك بىرقانچە نوقتىلار - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئوقۇغۇچىلارغا ئىددىيۋى، ئەخلاقى تەربىيە بىرىش خىزمىتىدە سىنىپ مۇدىرلىرى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل سۆھبەتلىشش ئۇسۇلىدۇر.
ئۇنداقتا سىنىپ مۇدىرلىرى قانداق قىلغاندا سۆھبەتلىشش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيلەش مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ؟
1 . سۆھبەت تەييارلىقى پۇختا بولۇش كېرەك .
سىنىپ مۇدىرلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت خالىغانچە گەپ باشلىماستىن بەلكى سۆھبەتتىن ئاۋال پۇختا تەييارلىق قىلىپ كۆڭۈلدە «سان» تۇرغۇزۇش كېرەك . بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىشنى كۆرستىدۇ چۈشىنىش بولىسا سۆھبەتنىڭ مۇقەددىمىسى ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەللەپ، ئىددىيسىگە سىڭىپ كىرىپ ، قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈش كېرەك. ھەرقانداق مۇۋاپىقىيەتلىك سۆھبەت ئاۋال ئىگەللەشنى ئاساس ، پىسخكىغا تەسىر قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ .
مەسىلەن : مەن ئىككىنجى قارار سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ كىچىككىنە ئۇغۇرلۇق ھەركىتىنى بايقاپ قالدىم، يەنى بىر ساۋاقدىشىنىڭ ماتىماتىكا كىتابىنى ئوغۇرلىۋاپتۇ، مەن بۇنى ئاۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ ئاتا- ئانىسى ، ساۋاقداشلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللىدىم ئۇنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن ئاستا- ئاستا ئاتا- ئانىسىنىڭ غەمخورلىقىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ. ئائىلىسىنىڭ سۇغاق مۇئامىلىسى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى چەكلەپ قويۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ئۆزىدىن بىزار بولۇش،ئۆزىدىن ۋاز كېچىش ئىدىيىسى شەكىللىنىپتۇ ھەم ئۇنىڭ توغرا بولغان ئەخلاق قارىشى كەمچىل،ئىدىيىسى ئاجىز بولغانلىقتىن شەخسى ئارزۇسى يوقالغان.ئۇ دائىم ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە ئادەتلىنىپ قېلىپ دائىم ساۋاقداشلىرىدىن پۇل سورايدىغان بولىۋالغان ھەم ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ پۇل ئالغان.كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يانچۇقىدىن پۇل ئوغۇرلايدىغان بولغان.ئۆز ۋاقتىدا تەربىيە بىرلىمىگەنلىكتىن بۇ ئىش ئائىلىدىن مەكتەپكە كىڭەيگەن.ئەھۋالىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئائىلە باشلىقتىدىن ئاكتىپ ماسلىشىپ قالماستىن يەنە بالىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۇش جەريانىدىن ساۋاق ئېلىپ تۈزۈتۇش تەربىيىسى بىرىشنى ئۆتۇندۇم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزى بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ سۆھبەتلىشىشنى موۋاپىق تاپتىم.سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بۇ ئىشنىڭ كىتاپ ئېلىش ئۈسۈلىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى،بۇنىڭدىن كېيىن ئىگىسىدىن سۆراپ ئېلىش كىرەكلىكىنى چۈشەندۇردىم.ئۇ خېلى تەسىرلەندى.شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇشنى قولغا كەلتۇردۇم.ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولسا،ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلالايدۇ.يۇقارقى مىسال ئەمەلىيەتنى چۈشۈنۇش قانچە ئېنىق بولسا سۆھبەتكە پايدىلىق ۋەزىيەتنى ئىگەللەپ تەربىيلەش نىشانىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2.ئەركىن-ئازادە خۇشاللىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش
ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت رئېلىپ بارغاندا ھېسىياتنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئاچقۇچلۇق مەسىلە تەربىيىنى ھېسىياتنىڭ ئۈستىگە قويۇش لازىم.ھېسىيات ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلىش،تىرىشىپ خۇشاللىق يارىتىش،ئەرۆىن-ئازادە سۆھبەت مۇھىتى يارىتىش لازىم.شۇنداق قىلغاندا كەيپىياتقا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ ئوقۇغۇچىلار چىن كوڭلىدىن قايىل بولۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.مەسىلەن:بىر كۈنى چۇشتىن كېيىن 1-سائەتلىك دەرسكە كىرىشىمگە بىر ئوغۇل بالا ئورنىدىن تۇرۇپ؛مۇئەللىم،سومكامىنى باشقىلار ئېلىۋاپتۇ..دىدى.لىكىن ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا تەرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى،ئاپادىسىنىڭ تەبىئى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ بۇ ئويۇنخۇمار بالىنىڭ سومكىسىنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قىلىپ مىنىڭ ئەيىپلىشىمدىن قورقۇپ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىمنى پەمىلىدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن:جىددىيلەشمەڭ،بەلكىم سومكىڭىز سىزنى ئۆيدە ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن،تىز بېرىپ قاراپ بېقىڭ:-دىدىم.بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيى مەكتەپ بىلەن خوشنا بولۇپ بەش مىنۇت ئىچىدە ئويلىغىنىمدەك ئۇ سومكىسىنى يۇدۇپ كىردى.ساۋاقداشلىرى كۇلۇشۇپ كەتتى.دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنى ئىشخانامغا چاقىردىم.ئۇنىڭ كەيپىياتى بىر ئاز جىددىيلەشكەن ئىدى.مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قۇرقۇنۇچنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇلايىملىق بىلەن كۇلۇپ تۇرۇپ:سومكاڭنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭنى قانداق بىلىۋالدىم؟ئەگەر توغرا تاپالىساڭ تەقدىرلەيمەن دىدىم.ئۇ مىنىڭ ئەيىپلەش مەنىسىدە گەپ قىلمىغانلىقىمنى كۆرۇپ ئىشنىڭ جەريانىنى ئەينەن ئېيتىپ بەردى.ئۇ چۇشتە سومكىسىنى ئۆيدە قويۇپ،سىرىتتا ئويناپ دەرسكە كىرىش قوڭغىراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرسكە كېچىكىپ قالماي دەپ سىنىپقا كىرگەن،سومكىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ مۇئەللىمنىڭ تەنقىتلىشىدىن قورقۇپ يالغان ئېيىتقانكەن.مەن ئۇنىڭ راسىتچىل،سەمىمى بالا ئىكەنلىكىنى ماختىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ قالماستىن بەلكى ساۋاقداشلىرىنىڭ نازارىتى ۋە يارىدىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتىتى.كىشىلەر خۇشال-خورام،كوڭۇل ئازادىلىگى بىلەن سۆھبەتلەشسە قارشى تەرەپكە نىسبەتەن كۆز قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنى كۇچەيتىپ ئىنكار قىلىشنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
3.ئوقۇغۇچىنىڭ خاراكتىرى بويىنچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز خاراكتىرى ھەرخىل بولىدۇ،سىنىپ مۇدىرلىرى ئوخشاش بولىمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سۆھبەت ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا، ھازىر جاۋاپ بولۇشقا ماھىر بۇلۇش كىرەك.
مەسىلەن: ئىچ مىجەز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كەسكىن،يومۇرىستىك بولۇش،مىجەزى چۇس ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇئامىلىدە سىلىق ياكى قاتتىق بولوش،ئىختىيارىغا قويماسلىق،ئۆزىگەئىشىنىش ۋە ئالغا ئىلگىرلەش ئىدىيىسى كەمچىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش،كۆپىرەك يىتەكلەش،يارىدەم بىرىش لازىم.
مەسىلەن:تۇلۇقسىز2-يىللىقتابىر ئوغۇل ئوقۇغۇچۇم بولۇپ ئۆگۇنىشى ناچار،تەشكىلى تۇزۇم قارىشى تۆۋەن،لىكىن تەنتەربىيە نەتىجىسى سىنىپ بويىنچە ئالاھىدە ياخشى ئىدى.يىڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىپ بىر ئاي ۋاقىت ئۆتمەي ئۇ دەرىسخانا ئىنتىزامىغا ياخشى رىئايە قىلمىغانلىقتىن ئۇنى ئىشخانامغا چاقىرىپ ئايرىم پاراڭلاشتىم،مەن ئۇنىڭغا:سېنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىڭ بار،ئۇ بولسىمۇ تەنتەربىيە نەتىجەڭ سىنىپ بويىنچە ئەڭ ياخشى،بۇ ھەقىقەتەن قالتىس دىدىم.مىنىڭ قىسقىغىنە سۆزۇم ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە ئالغا بېسىشىغا تۇرۇتكە بولدى.كېيىن بۇ ئوقۇغۇچۇم دائىم كوللۇكتىپ ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆگىنىشىمۇ ئالغا ئېلگىرلىدى.ئوقۇغۇچىدا ھامان ئايرىم پەرىقلەر مەۋجۇت،پەقەت پەرققە ئاساسەن مۇۋاپىق تەربىيە ئۈسۈلىنى تاللىسا سۆھبەتنىڭ ئۇنۇمىنى قوغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ.
4.ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزلىگەن ئاساسىتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ راسىت-يالغان،ھەق-ناھەق قارىشى شەكىللەنگەن بولىدۇ.سىنىپ مۇدىرى كۆللىكتىپ ياكى ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا ئوقۇغۇچىلار ئالدايدىغان،قورقۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق،چوقۇم ئەمىلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش لازىم.سەۋرىچان بولۇش،ئاددى قائىدىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى قايىل قىلىش لازىم.
5.سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان مۇۋاپىق ئورۇننى، ۋاقىتنى توغرا تاللاش كىرەك.يەنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بىرىش ئورنىنى ئالدىن ياخشى ئويلاپ بىكىتىش. مەكتەپتە، ئائىلىسىدە بولسىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىنى چىقىش قىلىپ ئىلىپ بارىدىغان سۆھبەتنى ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتى ياخشى، نورمال ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، چارچىغان، كەيپىياتى جىددىيلەشكەن، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا سۆھبەت ئىلىپ بارماسلىكى لازىم.
历史上的今天: