-
2011-07-16
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى قانداق يېتشتۈرۇش كېرەك؟ - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى قانداق يېتشتۈرۇش-ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارنى قوزغاۋاىقان چوڭ تېمىسىدۇر.
ھازىرقى بەزى تەتقىقاتلارغا قارغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئېچىشنىڭ ھەل قىلىغۇچى ۋەزىپسى دەرىس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۈستىىگە چۇشۈپلا قالماستىن، بەلكى ئېغىرراقى يەنىلا سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. چۈنكى، سىنىپ مۇدىرى ھەربىر دەرس ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئالاقىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ. مۇناسىپ ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى يېتىلىدۈرۈشكە تۈرتىكە بولدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1.ئوقۇتۇشتا بەك ئەركىن قۇيۇۋەتىمەسلىك ھەم بەك قىسۋەتمەسىلىك كېرەك.
«ھەممىنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋالمايدىغان» قۇيۇق كەيپىيات دەرسخانا ئىچىدە پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭلا ئاۋازاى ئاڭلىنىپ تورىدۇ، ياكى جىمجتىلىق ھۆكۇم سۇرىدۇ، ئەكسىچە ئۆز ئەركنىلىكگە قويۇۋېتىلگەن سىنىپىتا، دەرسخانا قالايمىقان ۋاراڭ–چۇرۇڭغا توشۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى خىل مۇھىت ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى جاللاندۇرۇشقا پايدىسىز. شۇڭا كۆڭۇلدىكىدەك سىنىپ مۇھىتى، ئوتتۇراھال «ۋاراڭ –چۇرۇڭلۇق»، يەنە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا ئۆتۈلگەن دەرىسلەردىن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىۋاتقان ئاۋاز چىقىپ تۇرىدىغان بولۇش كېرەك. مەسلەن: ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۇۋاتقاندا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچى سۆزلەۋاتقان دەرىسنىڭ مەلۇم بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ئازراق گومان تۇغۇلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرى يېقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا پىكىر تۇغۇلۇپ، مۇنازىرلىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋازى سىنىپتا غولغۇلا كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق كەيپىيات ئوقۇغۇچىلار «شىرتىلدىتىپ» خەتلەر يېزىۋاتقان ياكى قالايمىقان چاقچاقلىشىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۇرلىۋاتقان كەيپىياتقا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەل بولۇپ، ئىجادچانلىقىنى جانلاندۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق. دەرس ئوقۇتقۇچىسىنى بۇنى توغرا تونۇپ جانلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. سىنىپ مۇدىرى بۇنى «دەرس ئىنتىزامىنى ساقلىمىغانلىق» دېمەسلىكى كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىشقا يول قويۇش.
ئەنئەنىۋى كۆز قاراشتىكىلەر، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگۇنۇشى ھامان ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئىجادچانلىقىنى جانلاندۇرۇش ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگۇنۇشى، تەتقىق قىلىشى ۋە پىكىر قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق تەتقىق قىلىش ئىنتايىن ئەركىن بولىدۇ ھەمدە دەرس مەزمۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ- دە، ئوقۇغاننى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدۇ، ھېس قىلىدۇ، كۆز ئالدىغان كەلتۇرىدۇ، كۆرىدۇ، قولى بىلەن تۇتىدۇ. پايدا زىينىنى تەتقىق قىلىدۇ، كەلگۈسىنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ باشقا شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزتىدۇ. ئەڭ ئاخرىدا بۇ، ئۇلارنىڭ مەسىللەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ۋە كىتابى بىلىملەرنى مۇستەقىل تەدبىقلاش قابىلىيتىنى يىتىشتۇرۇشكە تۈرتكە بولىدۇ.
3. دىققەت چېچىلغان چاغدا سەۋىرچان ھەم چېچەن بولۇشى كېرەك.
ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى مەقسەتلىك، پىلانلىق خىزمەت، شۇڭا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ پىلان مەقسەتلىرىنى ئېنىق چۇشۇنۇش لازىم. لېكىن، ئىش ھەمىشە كۆڭۇلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ. يېرىم يولدا «پۇتاق چىقىپ» تۇرىدىغان ئىشلار ناھايتى كۆپ بولىدۇ. مۇنداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئوقۇتقۇچى بىرىنچىدىن، سەۋىرچان بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك. ھە دەپ تەبىھ بەرمەي، بىر خىل يۈكسەك تەمكىنلىكنى ئىپادىلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن يۈز بەرگەن مەسلىنى چىچەنلىك، جانلىقلىق بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يەردە دېيىلگەن ھەل قىلىش، پاسسىپ (ئۆزىنى قاچۇرۇش) ھالدىكى ھەل قىلىش بولماستىن بەلكى ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىش لازىم.
4. ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزشىگە يول قويۇش.
ئىجادچانلىقى بولمىغان ئوقۇتۇشتا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۇپ قويۇشىدىن قورقىدۇ. تەقۋادارلىق بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇكەممەل نۇقسانسىز ئادەم بولۇشنى ئۈمد قىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاراشتۇر. ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ نۇرمال ئىجابى پائالىيەتلەردە ئۆگۇنۇشتە خاتالىق ئۆتكۈزىشى كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىدىغان «پىلتە» بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئوقۇغۇچى بىرەر ئىجابى پائالىيەتتە خاتالىق ئۆتكۈزۇپ قويسا بۇ ساۋاق ئۇنىڭغا ئۇنتۇلغۇسىز ساۋاق بولىدۇ. بۇنىڭدا سىنىپ مۇدىرىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، مەسلەن ئوقۇغۇچى بىرەر كەمچىلىك ياكى خاتالىق سادىر قىلغاندا، شۇ خاتالىقنى نۇقۇل ھالدا تەنقىد قىلماي، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن مەلۇم تەربىيە مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ ئۇنىڭ خەلق، دۆلەت، ئىنسانىيەت ئۈچۇن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى جانلىق پاكت بىلەن چۈشەندۇرشى كېرەك.
5. ئوقۇغۇچىلارنى خىلمۇ-خىل سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.
ئەگەر سىنىپتا بىرەر ئوقۇغۇچى كشىنى جەلىپ قىلغۇدەك بىرەر مەسلىنى ئوتتۇرغا قويالىسىلا، ئۇنىڭ پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر يېڭى بىلىم ساھەسىگە يېتەكلەشتە ئەھمىيتى زور بولىدۇ. مۇنداق ئۇگەنگەندە مەقسەت ئېنىق بولىدۇ، سۇبىكتىپ پائاليەتچانلىقى خېلى ياخشى جارى قىلدۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىلى قابىلىيتىنى ئىجابى ھالدا جانلاندۇرۇشقا زور پايدا يەتكۈزىدۇ.
6. كەشىپىيات ئىجادىيەتچىلەرنى ئۈلگە قىلىش توغىرىسىدا
ئىجادىيەتچى ئالىملارنىڭ نوقتى نەزەرگە ئاساسلانغاندا، ھەممە كىشىدە ئىجادچانلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئىجادچانلىق پات-پات كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا ئاشكارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەنئەنۋى تەربىيە ئۇسۇلى پەقەت ئەستە قالدۇرۇشنىلا ۋە ئۇنىڭغىلا ئەمەل قىلىشنىلا تەكىتلەپ ئىجادچانلىقىنى تەكىتلىمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقى ھەمىشە چەكلمىگە ئۇچىرايدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىنى ھەمىشە ئۇگەنگەنلىرىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئەركىن ئىپادىلەپ بىرىشكە، ئۇنتۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىپادىلگەنلىرىنى خاتىرلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۇردىغان بولساقلا ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالالايدۇ.
7. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادى خاراكتىرلىك «مەھسۇلات» لار دەسلىپىدە، ئاددى بولىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىجا قىلغان «مەھسۇلات» لار تېخمۇ شۇنداق. ئەگەر ئوقۇغۇچىدا ئىشەنچ چىڭ بولمىسا ياكى باشقا روھى ھالەت سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ سۆز چۆچەك قىلىشى ۋە مەسخىرسىگە بەرداشلىق بىرەلمەي ئاسانلا بەل قويۇۋىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەگەر بىرەر غەلىتە نەقىشنى ئىجاد قىلسا ئۇنى قاملاشتۇرۇپ كېتەلمىگەنلىكىدىن مەسىخرىگە ئۇچىرىشى ياكى لايھىلەشتىكى تەسەۋۋۇر قابىلىيتىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن كشىلەرنىڭ زۇقىنى كەلتۇرۇش مومكىن. بۇنداق چاغدا، سىنىپ مۇدىرى بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان باھاسىنىڭ تەسىرى ناھايتى زور بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچلىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىجادى «مەھسۇلات» قا بولغان باھاسىنى ئۆزلىرىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى قىلىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيتىنى يېنىكىلىك بىلەن ئىنكار قىلماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىجادىيتىگە بەرگەن باھاسى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشى ياكى سۆز چۆچەك قىلىشىغا تۇترۇق بولۇپ بەرمەسلىكى لازىم.
8. مەكتەپ ئىجتىمائى بايلىق مەنبەلىرىدىن- كۈتۈپخانا، زاۋۇت، سەنئەت مۇزىيى ۋە جەمئىيەتتىكى باشقا قۇرلۇش ئەسلىھەلىرىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادى روھىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.
جەمئىيەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنى تاللاپ ئىشىلتىشكە بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار. چوڭلارنىڭ تەجىرىبىسدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى تېخىچە كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە، چوڭلارنىڭ تەجىرىبىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق قابىلىيتىنى جانلاندۇرۇشتا ناھايتى ئوبدان ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. چوڭلارنىڭ «تەجىرىبە» سى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قابىلىيتىنى جانلاندۇرۇشتىكى زۆرۇ «بايلىق مەنبەسى» دۇر.
9. ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بىردەك ماسلىشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتىلىرىنىڭ ئىجادى خىزمىتىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن لەززەت ئالىدۇ.
ئاتا-ئانا بولغانلار ھامان سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆز پەرزەنتىلىرى توغىرىسىدا ياخشى خەۋەرلەرنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى، بالىلارنى ئىنتايىن ئاددى بىر ۋاراق باغاقچە بىلەن تەقدىرلىگە تەقدىردىمۇ ئائىلە باشلىقلىرى ئۇنىڭغا پۈتۈن دىققى بىلەن قىزىقىدۇ ھەمدە خۇشاللىق بىلەن ھوزۇرلىنىدۇ، مۇنداق دىققەت قىلش ۋە ھوزۇرلىنىش بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشقا يوشۇرۇن تۈرتكە بولۇپ، «ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش» نى شەكىللەندۇرىدۇ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى قانداق ماسلىششى، قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادى پائالىيتىنى كۈچەيتىشكە ئاكتىپ ياردەم بىرىش، سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئويلىنىشى زۆرۇر بولغان مەسىلە.
10. سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوي پىكرىنى ئىجادى ھالدا ئوتتۇرغا قويۇشى ھەمدە بەزى قىممەتلىك تەسەۋۋۇرلىرىنى جاسارەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىشى لازىم.
سىنىپ مۇدىرىنىڭ تەربىيلەشتكى ئىجادچانلىق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى يۈكسەك غايىىسىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ. چۈنكى «ئۈجمە پىش، ئاغىزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرىدىغان سىنىپ مۇدىرى ھەرگىزمۇ ئىستىداتلىق ئوقۇغۇچى يىتىشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ ئىجادى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۆزىنى ئەمەلدە قوللىندىغان بولسا ئۇ ھالدا، ئوقۇتۇشتا ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ھەييارلىق ئىكەنلىكىنى سىزىۋالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى، توغرا بايقىمىغانلىقىنى ياكى گۇمانلىنىپ قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ –دە ئىجاد قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ئىزدىنىدۇ.
11. ئوقۇغۇچىلارنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى ۋە باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش كېرەك.
ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قانائەت قىلىش، قائىدە-يوسۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئىجادچانلقنىڭ چوڭ دۇشمىنى، شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قابىليتىنى جانلاندۇرماقچى بولىدىكەنمىز ئوقۇغۇچىلارنى قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر يۈرگۈزۇش ئۆز ئالدىغا ئۈلگە تىكلەشكە رىغبەتلەندۇرشىمىز لازىم. ئۇنداقتا بار-بارا مېڭە ئىشىلىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ. شۇنداقلا ئىجادچانلىق قابىلىيەت پەيدىنپەي تاۋلىنىپ چىقىدۇ، سىنىپتا ئوقۇتقۇچى كۈندە يوقلىما قىلىدۇ، سۆزلەيدۇ، كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بۇ پائالىيەتلەر ئىنتايىن زۆرۇر بولسىمۇ، لېكىن ئىمكانيەتنىڭ بارىچە پائالىيەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىجادچانلىق ئېڭىنى بوغۇپ قويىدىغان مېخانىك ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
历史上的今天: