-
2011-07-16
دەرىس ئاڭلاشقا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسدا ئويلىغانلىرىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]
1. تەييارلىق
تەييارلىق خىزمىتى ئىددىيە جەھەتتىكى تەييارلىق ۋە دەرىس ئاڭلاش مەزمۇنى جەھەتتىكى تەييارلىقتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(1)ئىددىيە جەھەتتىكى تەييارلىق .ئالدى بىلەن كەسىپداشلىرىدن ئۈگۈنۈش ،سەۋىرچانلىق بىلەن دەرىس ئاڭلاش جەھەتىتىكى تەييارلىقى بۇلۇشى كىرەك .
بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇقۇتۇش پائالىيتىگە قاتناشمايدىغان ئادەم سۈپىتىدە دەرىس ئاڭلايدىغانلىقىنى ئېنىق تۇنۇۋېلىشى كىرەك .بۇ يەردىكى ئوقۇتۇش پائالىيتىگە قاتناشماسلىق دىگەنلىك بولسا ئوقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەش جەريانىدا بەزى مەسىللەر كۈرۈلسە يۇقۇرى ئاۋازدا سۆز قىستۇرۇشقا ،ھەتتا نەق مەيداندا ئەيبىلەشكە ،لىكسيە ئۈستىلىگە چىقىپ ئۆز –كۆز قارشىنى بايان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ،ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىشىپ دەرىسخانا تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە ياكى ھەرخىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دەرىستىن رازى بولۇشقا بولمىغانلىقىنى كۆرىسىتىدۇ.
(2)مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن تۇنۇشۇش .بۇنىڭدا ئىككى يول بۇلۇپ ،بىرى ،دەرىس ئاڭلاشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش ماتىريالىنى كۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئېنىق بىلىش ،يەنە بىرى دەرىس ئاڭلاشنىڭ دەسلىپىدىلا قىسقا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مۇناسىۋەتلىك مەمۇنلارنى كۈرۈپ چىقىش ،ئاڭلايدىغان دەرىس مەزمۇنى بىلەن تۇنۇشۇشتىن مەقسەت دەرىس ئاڭلىغاندا ئوقۇتقۇچى دەرسىلىكتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتتىمۇ يوق ،بۇنىڭدا ھۈكۈم قىلىش ئۈچۈندۇر ،شۇنداقلا دەرىس خۇلاسسىگە ئادىل باھا بىرىش ئۈچۈندۇر .
2.دەرىس ئاڭلاش
دەرىس ئاڭلاشنىڭ ئومۇمى جەريانى تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ھازىرلاش لازىم .
ئاڭلاش :دەرىس ئۆتكۈچنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىنى ،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب سۆزى قاتارلىقىلارنى ئەستايىدىل ئاڭلاش لازىم .
خاتىرلەش :دوسكىدىكى مەزمۇنلارنى ،ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇقتىلىق سوئاللىرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىك سۆزلىرىنى خاتىرلىگەندىن سىرىت يەنە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ،ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى ياكى ئۇسۇللىرىنى ھەمدە دەرىس سۆزلەش جەريانىدا كۈرۈلگەن سەۋەنلىك ۋە خاتا سۆز قاتارلىقلارنى خاتىرلەش لازىم .
كۈزىتىش .دەرىس ئوقۇتقۇچىسنىڭ دەرىس پۇقتا بولغانمۇ يوق ،ئوقۇتۇشنى تەشكىللىشى قانداق ،تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالىدىمۇ يوق ،ئوقۇتۇش پوزىتسىيسى قىزغىن ،تەبئىي بولدىمۇ يوق ،دەرىسخانا كەيپىياتى ماسلىششىچانلىققا ئىگە بولدىمۇ يوق ،سىرتىقى قىياپىتى رەتلىك،كەيپىياتى تەبئىي،تىل بىلەن ئىپادىلىنىشى ياخىشى بولدىمۇ يوق دىگەنلەرنى ياخىشى كۈزىتىش كىرەك .
(3) باھالاش .
دەرىسنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە باھالاش لازىم .
(1)بۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى ئېنىق ،كونكىرىت بولغانمۇ يوق ؟دەرىسكە بىرلەشتۈرۈپ ئىددىيە-ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بارغانمۇ يو؟
(2)سۆزلىگەن مەزمۇن توغرىمۇ يوق ؟ئىلمىي خاتالىق بارمۇ يوق ؟مۇھىم نۇقتىنى چىقىش قىلىپ قىيىن نۇقتىلارنى ئېچىپ بىرەلىدىمۇ يوق ؟مەزمۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇنمۇ يوق ؟
(3)دەرسىلك بويىچە سېستىمىلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئىلپ بارغانمۇ يوق ؟ئوقۇتۇش يوللىرى ،ئوقۇتۇش قاتلاملىرى ئېنىقمۇ يوق ؟(4)دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساىي يىتەكچىلىك ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسى گەۋدىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلدىمۇ يوق ؟ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەنمۇ،سۆزلەش ،مەشىق قىلىش ۋاقتىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى مۇۋاپىق بولغانمۇ يوق ؟
(5)ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بارمۇ يوق ،ئەقلى ئامىللارنى يتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلغانمۇ يوق .(6)پۈتۈن ئوقۇتۇش ھالقىللىرى ئىلمىي ،مۇۋاپىق بولدىمۇ يوق ؟سوئاللىرنىڭ تەقسىملىنىشى ،بىرىلگەن باھا ،ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى جايىدا بولدىمۇ يوق ؟
(7)دوسكا لايھەلىشى مۇۋاپىق بولدىمۇ يوق ،تەجىرىبە ،مەشىق ئوقۇتۇش قۇراللىرنىڭ تەييارلىنىشى تۇلۇق بولغانمۇ يوق ؟
(8)جانلىق ،تېتىك ،ئاكىىتپ كەيپىياتىنى يارىتىشقا دىققەت قىلدىمۇ –يوق ؟كونكىرىت ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلشقا ئەھمىيەت بەردىمۇ يوق ؟ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارى ۋە بىلىم ئىلىش قابلىيتىنى يىتىلىدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىمۇ يوق ؟
دەرىكە باھا بەرگەندە قاتتىق ،ھەققانىي پوزىتىسيەدە بۇلۇش ،شەخىسى ھېسياتىنى ئارلاشتۇرۇۋەتمەسلىك .
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا دەرىس ئاڭلاش ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەش ۋە ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش ئاساسدا بۇلۇشى نۇقتا قۇيۇپ دەرىس ئاڭلاش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا زەرىبە بىرىپ گاڭگىرىتىپ قويماسىلىق لازىم .历史上的今天: