• 2011-07-16

    بىر سائەتلىك دەرىسنى ياخشى ئۆتۈشتە ھىس قىلغانلىرىم - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

     

    بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ  ياخىشى –يامان ئۆتۈلۈشى شۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئۆزلىشىش نىسپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئۇنداقتا بىر سائەتلىك دەرىسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ جەھەتتە مەن تۆۋەندىكچە يەتتە باسقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.

    1.دەرس پىلاننى پۇقتا تۈزۈپ دەرس تەييارلىقنى ئەستايدىل ئىشلەش ،مەن بىر سائەتلىك دەرس ئۆتۈشتىن بۇرۇن شۇ سائەتلىك دەررىسنىڭ ئۆتۈلۈش باسقۇچلىرى ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ ،ئوقۇتۇش ئۆلچىمنى يىتەكچى قىلغان ھالدا پىلان تۈزۋالدىم .دەرس مەزمۇننى ئۆزۈم پىششىق ئىگەللەپ ئۆز بىلىمىمگە ئايلاندۇرغان ھالدا دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوقۇتۇش قوراللىرنى ،مەسىلەن:ماتىماتىكىدىكى ئۆلچەش،سىزىش ۋە باشقا كۆرسەتمىلىرنى تولۇق ھازىرلىدىم. بەزى مۇرەككەپ رەسىملىك كۆرسەتمىلىرنى ئالدىن سىزىپ تەييارلىۋىلىپ ۋاقتى كەلگەندە كۆرسەتتىم.بۇنىڭ بىلەن دەرىس ۋاقتىنىڭ ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى.

    2.ھەر سائەتتە سۆزلەنمەكچى بولغان دەرىس مەزمۇننى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئالدىن ئۈگۈنۈپ كىلىشكە تاپشۇردۇم، بۇنىڭدائوقۇغۇچلار ھەل قىلالىغان ،ھەل قىلالمىغان مەسللەرنى ئېىنق ئايرىپ،دەرىسخانغا بەلگۈلۈك تەييارلىق بىلەن كىرىپ  ئوقۇغۇچلاردا ئۈگۈنۈشكە نىسپەتەن ئاكتىپ  پوزىتسىيە بولۇپ ،ھەر ۋاقىت قىزغىن ئۈگۈنۈش ھالىتىدە ئولتۇرىدۇ،بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئوقۇتقۇچى   ۋە ئوقۇغۇچىغمۇ زور پايدىسى تىگدۇ.

    3.ئوقۇغۇچلارنىڭ تەشكىلى ئىنتىزامنى كۈزتىش ۋە چىڭتىش بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ ئۈنۈملۈك  ئۆزلىششى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىنتىزامى بىلەن زىچ مۇناۋەتلىك بولدۇ.شۇڭا مەن بىر سائەتلىك  دەرس ئۆتكەندە سىنىپقا كرىش بىلەنلا ئاۋال ئوقۇغۇچلارنىڭ دەرىسخانا تەرتىۋنى نورماللاشتۇرۇپ ئاندىن ئوقۇغۇچلارنىڭ دەرسكە كىلىش ئەھۋالنى ئىگەللىدىم.

    4.كونا دەرسنى يىڭى دەرسكە باغلاش .بۇنىڭدا تەييارلىق سىناق ۋە يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش تولىمۇ مۇھىم.شۇڭا يىڭى دەرىسنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى سوراپ ئۇلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالنى ئىگەللىدىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تىپىك باغلىنىشلىق مەسللەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،ئوقۇغۇچلار بىلەن  ئورتاقلىشىپ يىڭى دەرىسكە ئاساس سالدىم.

    5.يىڭى دەرىسنى سۆزلىگەندە دەرسلىك مەزمۇننىڭ مۇھىم قىيىن نوقتىلىرنى ئېنىق ئايرىش ۋە ئۇلارنىڭ دىقتنى جەلىپ قىلىش ،مۇھىم نوقتنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن قىيىن نوقتنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈش ،نەزىرىينى ئەمەليەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھميەت بەردىم.بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارنىڭ چۈشەنچىسنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم.

    6.ئوقۇغۇچلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتا-قايتا پىكىر يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەپ يىڭى دەرسكە بولغان چۈشەنچىسنى مۇستەھكەملەش.مەن ئوقۇتۇش جەرياندا يىڭى دەرس مەزمۇننىڭ ئاساسلىق قىممتنى قىسقىچە خۇلاسلەپ بىرىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچلارنى ئۆتۈلىۋاتقان دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان قوشۇمچە پايدىلنىش كىتاپلىرنى كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇردۇم.ۋە ئۇلارغا دەرسلىكنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مىساللاردىن مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى يەنىمۇ پىشىقلاش پۇرسىتگە ئىگە قىلدىم.

    7.تاپشۇرۇق بىرىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا كۆرۈپ توغرا باھا بىرىش .بۇ ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسنى پۇختلاش ۋە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈپ مەسللەرنى بىر تەرەپ قىلدۇرۇشىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.پەقەت بىرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ توغرا باھا بەرگەندىلا شۇنداق بولدۇ.ئەلۋەتتە،ئوقۇغۇچلارنىڭ بوش ۋاقىتلىردا كىتاب كۆرۈش ئادىتنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى تەكرارلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئەھۋال ۋە دەرس مەزمۇننىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسگە ئاساسەن بەلگۈلۈك نىسبەتتە تاپشۇرۇق بىرىپ ۋاقتىدا باھالاپ تۇردۇم.ئوقۇغۇچلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىردىكى بەزى ئومۇمىي خاراكتىرلىك خاتالقلارنى دوسكىدا ئورتاق تۈزتۈپ ئۇلارنى ئاشۇ مەسىلىگە نىسپەتەن ئېنىق چۈشۈنچىگە ئىگە قىلدىم.

     

    分享到: