-
2011-06-04
دەرس ئاڭلاش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش - [تەسىرات]
دەرس ئاڭلاش توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش
مەن يىقندا مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم مەكتەپلىرىمىزگە باردىم. بۇ جەرياندا بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. بىر قىسىم يولداشلار دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى ناھايىتى ياخشى يازغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يولداشلارنىڭ دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنىڭ پەقەت تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا يازغانلىقىنى، خاتىرىلىگەن مەزمۇنلارنىڭ ناھايىتى ئاددىي، پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەھەتتە بىرەر تەسىرات يىزىش ئويىغا كىلىپ قالدىم. بۇ تەسىراتىمنىڭ بىر قىسىم يولداشلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالسا دىگەن ئۈمۈتتە مەن.
مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتىسى بەلگىلىك مىقداردا دەرس ئاڭلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئەمما دەرسنى نىمە ئۈچۈن ئاڭلاش، قانداق ئاڭلاش، دەرس ئاڭلىغاندا نىمىلەرنى خاتىرىلەش، قانداق خاتىرىلەش، ۋە بۇ خاتىرىلەردىن كىيىن قانداق پايدىلىنىش بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە. مىنىڭچە دەرس ئاڭلىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك.
1. دەرس ئاڭلاشنىڭ مەقسىدى، پىلانى ۋە تەلپىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش كىرەك. دەرسخانىغا مەسىلە بىلەن كىرىپ، مەسىلە بىلەن قايتىپ چىقىش، ۋەزىپە ئورۇنلاش ئۈچۈنلا دەرس ئاڭلىماسلىق كىرەك.
2. دەرس ئاڭلىغۇچى ئالدى بىلەن دەرسلىكنى، مەكتەپنىڭ، دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشىنىش كىرەك.
3. دەرس ئاڭلىغۇچى بىلەن دەرس ئۆتكۈچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
ئەڭ ئەقەللىسى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
1) دەرسكە كىچىكمەي كىرىش، دەرس جەريانىدا تىلفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىشتىن، ئۇچۇر يوللاپ ئولتۇرۇشتىن، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كىرەك. دەرس ئاڭلىغۇچى چوقۇم پۈتۈن دىققىتىنى دەرسكە قارىتىپ، دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، كۈزىتىش، خاتىرىلەش، ئويلىنىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى تەشكىللىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق، تەسىر يەتكۈزمەسلىك كىرەك.
3) دەرسنى ئاڭلىماقچى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئاڭلىماقچى بولغان دەرسلەرنى «ئاساسلىق دەرس»، «قوشۇمچە دەرس»، «ياخشى ئوقۇتقۇچى»، «ناچار ئوقۇتقۇچى» دەپ ئايرىپ ئولتۇرۇشتىن قائىي ساقلىنىش كىرەك.
4. دەرس ئاڭلاشتىن بۇرۇن، مائارىپ نەزىرىيە بىلىملىرىنى، پەنگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىسلاھات ئۇچۇرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگۈنىش كىرەك.
5. ئاڭلاش، كۆرۈش، خاتىرىلەش، ئويلىنىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كىرەك.
نىمىنى ئاڭلاش كىرەك؟
1.ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرس قارىشىنى، ئۇسۇلىنى ۋە تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرەلىدىمۇ-يوق.
2. مۇھىم، قىيىن نوقتىلار گەۋدىلەندىمۇ يوق
3. دەرسخانا تىلى راۋانمۇ، ئىپادىلىشى ئىقنىق بولدىمۇ يوق.
4. ئىلمىي خاتالىقلار سادىر بولدىمۇ يوق.
5. يېڭىلىق ياراتقان تەرەپلەر بارمۇ يوق.
6. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپەككۈرى كەڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىشى ئازادە، توغرا بولدىمۇ يوق.
نىمىنى كۆرۈش كىرەك؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ئەھۋالى، كەيپىياتى، دەرسخانىدىكى ئۆزگۈرۈشكە ماسلىشىشى، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالاماشتۇرۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاساس بولۇش رولىنىڭ جارى بولۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش كىرەك.
نىمىنى خاتىرىلەش كىرەك؟
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ خاتىرىسى، ھەر قايسى ھالقىلارغا بولغان باھا قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش كىرەك.
نىمىنى ئويلىنىش كىرەك؟
قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، بۇ مەسىلىلەرنى قانداق تۈزىتىش كىرەكلىكى، بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىدە قانداق ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنىڭ بولغانلىقى قاتارلىقلارنى ئويلىنىش كىرەك.
ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ئەگەر باشقىچىرەك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلساق بولامدۇ يوق، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان تەرەپلىرى ۋە يىتەرسىز تەرەپلىرى قايسى؟ دىگەندەك تەرەپلەر ئۈستىدە ئويلىنىش قىلىپ، سەۋەبىنى تىپىپ چىقىش ھەمدە يۇقارقىلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش ئۈنۈمىگە بولىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئالدىن پەرەز قىلىش كىرەك. ئەگەر بۇ دەرسنى مەن ئۆزەم ئۆتكەن بولسام قانداق ئۆتەتتىم، ئەگەر مەن ئوقوغۇچى بولسام، دەرس مۇشۇنداق تەشكىللەنسە مەن ئۆگىنەلەتتىممۇ يوق؟ يېڭى دەرسنىڭ ئىدىيىسى، ئۇسۇلى، تەلىپى قاتارلىقلارنى كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا قانداق ئىزچىللاشتۇرۇش كىرەك؟ قانداق قىلغاندا بۇلارنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ سائەتلىك دەرس شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرمال ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىدىمۇ يوق؟ ئەگەر باشقىلار بۇ دەرسنى ئاڭلاشقا كىرمىگەن بولسا، بۇ ئوقۇتقۇچى بۇ دەرسنى يەنىلا شۇنداق ئۆتەرمىدى؟ دىگەنلەرنى ئويلىشىش لازىم.
6. دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى ئەستايىدىل يېزىش كىرەك يەنى، ئاڭلاش ۋە خاتىرىلەشتە ئاساسلىق بىلەن قوشۇمچىلارنى پەرەقلەندۈرۈش، ئاڭلاشنى ئاساس قىلىپ، دىققەتنى ئاڭلاش ۋە ئويلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كىرەك. خاتىرىلەشتە مۇھىم نوقتىلارنى خاتىرىلەشكە دىققەت قىلىش كىرەك. كىيىن بوش ۋاقىت تاپقاندا دەرس ئاڭلاش خاتىرىسىنى رەتلەپ چىقىپ، ئانالىز قىلىش، بىر قىسىم تەجىرىبە مەسىلىلەرنى خۇلاسىلاپ چىقىش كىرەك. شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىش كىرەك.
7. دەرەس ئاڭلاشتا تۆۋەندىكى خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش كىرەك:
1) ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈنلا دەرس ئاڭلاش.
2) دەرس ئاڭلاپ بولۇپ دەرس باھالىغاندا پەقەت ئارتۇقچىلارنىلا سۆزلەپ ياخشىچاق بولۇش.
3) ئۆزى بىرىۋاتقان پەننىڭلا دەرسىنى ئاڭلاش.
4) مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا دەرسىنى ئاڭلاش.
5) دەرس ئاڭلاش پەقەت ياش، يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئىشى دەپ قاراش.
6) دەرس ئاڭلاشتا پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتىگىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيتىگە، ئۆگۈنىش ئۈنىمىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا سەل قاراش.