-
2011-06-02
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 11 ئالاھىدىلىكى - [تەسىرات]
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 11 ئالاھىدىلىكى
1. مەڭگۈ ئۆزىدىن قانائەتلەنمەسلىك
يۇقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇلار ئۆزى بىر مۇنەۋۋەر ئۈگەنگۈچىلەردىن ئىبارەت. ئۇلار ھامان يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگۈنىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىم ئاساسىنى كىڭەيتىپ، ئەڭ يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۆگەنگۈچىلەر بولغاچقىلا، مەڭگۈلۈك ئۈگەنگۈچىلەرنى تەربىيلەپ چىقالايدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ياخشى ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى ھامان بىر ئوقۇغۇچى، ئۆگەنگۈچى دەپ قارايدۇ.
2. تەلەپچان بولۇش
بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىكىدىن ئىبارەت. بەزىلەر ئارزۇ - ئۈمۈت قانچە يۇقۇرى بولغانسىرى، ئۈمۈتسىزلىنىشمۇ شۇنچە شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ-دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئوقوغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقۇرى ئارزۇ - ئۈمۈت، قاتتىق تەلەپ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتۈرگىلى ۋە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش تۇيغۇسغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىدىن مەغرۇرلانمىغان ھالدا كىيىنكى كىشىلىك ھايات مۇساپىسى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىشىغا ۋە كىيىنكى كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى تۈرلۈك رىقابەتلەر ئۈچۈن ئاساس سىلىش كىرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان تۇقۇرى تەلەپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى، ئوقوغۇچىنى بىزار قىلىۋەتمەسلىكى كىرەك.
3. ئوقوغۇچىلاردا مۇستەقىلىق روھىنى يىتىلدۈرۈش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالغا باسقاندىكى ھەربىر ئىپادىسى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، زۆرۈر بولغاندا تۈزۈتۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئۇلار دەرسخانىدا ئۆزىنى مەركەز قىلماستىن، ئوقوغۇچىلارغا مەسىلىلەرنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆزلىرى تىپىشقا ئىلھام بىرىدۇ. ئۇلار «ئوقۇتۇش» ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسىتىشكە كۆڭۈل بەرمەستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ ۋە ياردەم بىرىدۇ. يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار دەرس مەزمۇنىلا سۆزلەشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلەپ چۈشىنىش ۋە تەپەككۈر قىلىشتەك ياخشى ئۆگۈنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ئۆگىنەلەيدىغان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
4. بىلىمى مول بولۇش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەن دەرس مەزمۇنلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ ھەمدە شۇ پەنگە مۇناسىۋەتلىپ بىلىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: بىلىملەرنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇش، خاسلىقلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلالىشى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە كەسىپكە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاش بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ئۆزى ئۆتىۋاتقان پەن ئوقۇتۇشىنى ياقتۇرمايدىغان ئوقوغۇچىلارنى چۈشىنىدۇ، بىلىملەرنى ئوقوغۇچىلارغا ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان شەكىللەر بىلەن نامايەن قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزقىشىنى قوزغىيالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا « ھەي بۇ مۇئەللىمنىڭ ئامالى كۆپ» دەپ باھا بىرەلەيدۇ.
5. كۈزۈتىش ئىقتىدارى بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ھامان ئوقوغۇچىلارنىڭ تاپشۇرىقىغا قارىتا ئۆز ۋاقتىدا ، توغرا باھا بىرىدۇ، شۇنداقلا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزى ۋە ۋە باشقا دەرسلەرنى ئۆگۈنىش ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى قىزىل رەڭلىك قەلەم بىلەن تۈرلۈك توغرا، خاتا بەلگىللىرىگە توشقىزىۋەتمەيدۇ ۋە ياكى «يۇلتۇز» بەلگىللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئوقوغۇچىلارغا قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، قايسى جەھەتلەردە يەنە ئۆزىنى كۈچەيتىش كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز باھالاپ تۇرمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئۆگۈنىش جەھەتتە زۆرۈر بولغان يىتەكچىلىكتىن ئايرىلىپ قالىدۇ دە تىخىمۇ ياخشى ئىلگىرلەشكە ئىرىشەلمەيدۇ. ئوقۇغۇچىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم بىرىشنى ئويلايدىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىچە ئوي پىكىرلىرىنى چەكلىمىگە ئۇچىراتمايدۇ، ئەكىسىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ ئوي-پىكىرلىرىنى ئىسپالاپ چىقىشقا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ياخشى ئوقۇتقۇچىلار ھەر زامان ۋە ماكاندا، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىغىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئەڭ مۇھىمى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا باھا بىرىش بىلەن بىرگە، ھەر ۋاقىت ئۆزىگىمۇ باھا بىرىپ تۇرىدۇ. باھالاش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەمدە ئۆزىنىڭ قايسى جەھەتلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدۇ.
6. يۇمۇرلۇق بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار يۇمۇرسىستىك كىلىدۇ. ئۇلار ئوقوغۇچىلار بىلەن چاقچاقلىشالايدۇ ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ چاقچىقىنىمۇ قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇلار گەرچە كۈلدۈرگە ئارتىسى بولمىسىمۇ، ئوقوغۇچىلارنى خۇشال قىلالايدۇ. ئۇلار ئوقوغۇچىلارغا ھىكايە سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنى، قائىدىلەرنى بىلدۈرەلەيدۇ. ئوقوغۇچىلار قىيىنچىىققا ئۇچىرىغاندا ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بىرەلەيدۇ. دىمەك ئۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزقىشىنى، ئۆگۈنىش مۇددىئاسىنى قوزغاش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.
7. ئەپچىل بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئەتىراپىدىكى مۇھىت ئىچىدىن تۈرلۈك ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى قىزىپ چىقىشقا ماھىر كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مائارىپ، تەلەم-تەربىيە ئەنئەنىۋى سىنىپلىرىمىزدىن ھالقىغان بولىدۇ. ئۇلار پائالىيەتچان بولۇپ، تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرنى مول مەزمۇنلۇق تەشكىللەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، مەشھۇر كىشىلەرنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نامايەن قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ تۇرالايدۇ. تۈرلۈك دەرس بايلىقلىرىنى ئىچىپ، دەرسنى ياخشى تەشكىللەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. تۈرلۈك گىزىت – ژورنال، ئىقىم مەسىللىرى ئۇلارنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىشتىكى ياخشى قورالى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، سىنىپنى تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ھەرقانداق تەلىم-تەربىيە پۇرسىتىنى قەتئىي قولدىن بىرىپ قويمايدۇ. بىرەر ئوقوغۇچىنىڭ مەلۇم شەيئىگە بولغان قىزقىشىنى بايقىغان ھامان، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە ئەلھام بىرىدۇ. ئۇلاردىن بىر سائەتلىك دەرسنى قانداق قىلىپ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، شۇ دەرسكە قانچىلىك تەييارلىق قىلغانلىقىنى سورىغىنىڭىزدا بەلكىم ئۇلار بۇ سائەتلىك دەرسكە 15 مىنۇت تەييارلىق قىلدىم، ئەمما بۇ دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەييارلىق قىلدىم دەپ جاۋاب بىرىشى مۈمكىن. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقىنى، ۋە دەرسلىكنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆلۈك ھالدا ئىجىرا قىلغۇچىلار بولماستىن، مەكتپىنىڭ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى جانلىق، ئەپچىللىك بىلەن تەشكىللىيەلەيدۇ، مەزمۇنلارنى ئىسلاھ قىلالايدۇ. ئۇلار ئەزەلدىن ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم قاچىلايدىغان قۇتا دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ئوقوغۇچىلارنى تىرىك ئادەم، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئادەم دەپ قارايدۇ.
8. ئامالى ھەر خىل بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم يەتكۈزۈشلا بولماستىن بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلاردا ئەڭ ياخشى ئۆگۈنىش ئادىنتىنى يىتىدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشتىن ئىبارەت. ئۇلار دەرسلەرنى ھەرقايسى پەن مەزمۇنلىرىغا باغلاپ سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيەتلىرىدىن تەسىرات يىزىشقا، شىئىر يىزىشقا، گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا يىتەكلىيەلەيدۇ، ھەتتا تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنىمۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار تارىخ دەرسىدە بىر خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلوغۇچى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئۆگەنگەن بولسا، ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھەر سائەتتە ماڭغان يولىنى ھىساپلاش، ئۇلارنىڭ سەپەر خەرىتىسىنى سىزدۇرۇش، ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن ساياھات خاتىرىسى يازدۇرۇش، ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە كۆرگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى سىزىپ چىقىش، سەپەر جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەش قاتارلىقلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىيەلەيدۇ. دىمەك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوقوغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بىرىشكە تىرىشىدۇ.
9. نىگىزلىك ئىش قىلىش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئىشلارنى نىگىزلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلمايدۇ. ھامان ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ. باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ. ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلىش كىرەكلىكلىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.
10. ئۆلۈك قائىدە - تۈزۈم ئاسارىتىدىن خالىي بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقوغۇچىلارنى مەڭگۈ «خاتىرىجەم» قويمايدۇ، بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە بىر ئالاھىدىلىك بولسا كىرەك. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويمايدۇ، ئەكسىچە ئوقۇغۇچىلارغا ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرالايدۇ.
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن ئوقوغۇچىلار دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىغا بۇگۈن مەكتەپتە نىمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى، نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، نىمىلەرلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بىرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ھامان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن ھاياجانغا تولغان بولۇپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار تۇرالايدۇ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا سىن فىلىملىرىنى قويۇپ بىرىدۇ، ئۇلارنى كۈتۈپخانىلارغا ئاپىرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەلەم ئۆگۈنىش ۋەزىپىللىرىنى تامالىشىشىغا يىتەكچىلىك قىلالايدۇ، تاپشۇرۇقنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ئارا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ، دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزىشىگە شارائىت يارىتىپ بىرەلەيدۇ.
11. ئالاقىلىش ئىقتىدارى يۇقۇرى بولۇش
مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار سىنىپنى پاكىز تۇتىدۇ، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرىدۇ، مىڭىش - تۇرۇش ۋە كىيىنىشتە چوڭ سۈپەت بولۇپ باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدۇ. دىمەك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئوقوغۇچىلار بىلەن يۇقۇرى سەنئەتلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدۇر.