• 2011-05-15

    مىللى ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى - [ئوقۇتۇش تەتقىقاتى]

    قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش پائالىيىتى 2011يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە پەيزاۋات ناھىيىسىدە داغدۇغۇلۇق ئىلىپ بىرىلدى. بۇقتىمقى پائالىيەتكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 14 نەپەر ماھىر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتى 16 ماھىر بولۇپ جەمئى 30 نەپەر ماھىر قاتناشتى. بۇ قىتىمقى پائالىيەت پەيزاۋات ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىرىشتى. ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭى مەھەللە ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى ياخشى پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىن ئىتىپ، پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ئۇلارغا ئالاھىدە رەھمىتىىزنى بىلدۈرىمىز.

    مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار كەسپىي سەۋىيە ئىمتىھانى، نەخمەيداندا ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىش، تەجىرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارىنى سىناش، دەرس ئۆتۈش، دەرستىن كىيىن دەرس ئايانى قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە رىقابەتلەشتى. ئاخرىدا باھااش گۇرۇپىسىنىڭ باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە ئادىل نۇمۇر قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، ماھىرلارنىڭ ئۇنېۋېرسال نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش ماھىرلىرى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا بىرىنچىلىككە، ئىككىنچىلىككە ئىرىشكەن ماھىرلار باھالاپ چىقىلدى. بۇ قىتىمقى پائالىيەت ۋىلايىتىمىزنىڭ خىمىيە ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغۇسى.

    تۆۋەندىكىسى پائالىيەتلەردىن بىر قىسىم كۆرىنىشلەر. كۆرۈپ بىقىڭ.

    پائالىيەتتىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ:

    http://hi.baidu.com/paynaparslan/album/%BB%AF%D1%A7%BD%CC%D1%A7%C4%DC%CA%D6%C6%C0%D1%A1%BB%EE%B6%AF

     

    分享到: