• 2011-04-16

    «بىز نېمىشقا كېسەل بولىمىز» ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش لايىھىسى - [ئەدەبىيات دەرسلىرى]

    پوسكام ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: پىداگۈل ئابباس

    1. دەرس تېمىسى: «بىز نېمىشقا كېسەل بولىمىز»

    بۇ دەرس 7- يىللىق 2 – قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىككىنچى بۆلەك «بالىلىقتىكى ھەۋەسلەر» بۆلىكىنىڭ ئۈچىنچى تېمىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بىر سائەتلىك لايىھىلەنگەن.

    2. دەرسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

    بۇ ئەسەردە ئادەمنىڭ كېسەل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ھەقىقىي ساغلاملىقنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىقلا ئەمەس، بەلكى روھىي ۋە ھېسسىىيات جەھەتتىكى ساغلاملىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەھۋالىغا قاراپ كېسەل داۋالاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغان.

    3. بۇ دەرسنى «بالىلىقتىكى ھەۋەسلەر» بۆلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت: بالىلىقتىكى توغرا بولمىغان كۆز قاراش ۋە ھەۋەسلەرنى ۋاقتىدا كونتىرول قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا، ساغلام بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەم ئۆزىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سېلىش.

    4. ئوقۇتۇش نىشانى:

    1) بىلىم نىىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا ئادەمنىڭ نىمە ئۈچۈن كېسەل بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى نىگىزلىك بىلىملەرنى ئىگەللەش.

    2) ئىقتىدار نىشانى: ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا توغرا دىياگنۇز قويۇپ، ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللىنالايدىغان بولۇش.

    3) تەربىيە نىشانى: يۇقىرى بولغان بەدەن ساپاسى ۋەساغلام پىسخىك ھالەت يېتىلدۈرۈش.

    5. مۇھىم، قىيىن نوقتا ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى:

    مۇھىم نوقتا: ئۆزىنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا توغرا باھا بېرىپ، ساغلام پىسخىك ھالەت يېتىلدۈرۈش.

    ھەل قىلىش چارىسى: تۈرلۈك مۇلاھىزە سۇئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتى ھەققىدە ئىنچىلىكلىك بىلەن ئىزدىنىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

    قىيىن نوقتا: ئادەمنىڭ كېسەل بولۇشتىكى كونكىرىت ئامىل ۋە نىگىزلىك سەۋەپلەرنى تېپىپ چىقىش.

    ھەل قىلىش چارىسى: تېكىست مەزمۇنى بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز ئارا باغلاپ تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

    6. ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى

    كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

    7. ئوقۇتۇش جەريانى:

    يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.

    ساۋاقداشلار، ساغلاملىقنىڭ بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكى ھەممىىزگە مەلۇم، ھاياتتا ھەممە كىشى ساغلام ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما مۇشۇ ئارزۇيىمىزغا مۇخالىپ ھالدا ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان چوڭ – كىچىك كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىمىز. شۇنداقمۇ؟ ئاراڭلاردا تۈرلۈك چوڭ – كىچىك كېسەل بىلەن ئاغرىپ قالغانلار بارمۇ؟ سىلەر شۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىنى بىلگەنمۇ ياكى بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ باققانمۇ؟

    (ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن سۆزلەيدۇ.)

    ساۋاقداشلار، يۇقىرىدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئادەتتىكى كېسەللىكلىرىڭلار ۋە سەۋبى ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتتۈڭلار، ئەمدى ئادەمنىڭ نېمىشقا كېسەل بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇرراق تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ كىچىك دوختۇرى بولۇشنى خالامسىلەر؟

    (يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارى سۆزلىتىپ، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.

    (1) جۇرجى ۋىتولكاس ئەپەندى ئۆزىنىڭ «بىزنېمىشقا كېسەل بولىمىز» دېگەن ئەسىرىدە كېسەل بولۇشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تېكىستتە بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلايلى، بىز زادى نېمىشقا كېسەل بولىمىز؟

    (ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا جاۋاپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپ بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادەمنىڭ كېسەل بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە يەكۈنلەپ چىقىرىدۇ. )

    (2) ئىكراندا بىر قاتار سۈرەتلەر كۆرسىتىلىپ، ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بار – يوقلىقى، بۇنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر بارلىقىنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت بولغىنىشنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇڭا مۇھىت ئاسىراش ئېڭىمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش لازىملىقى توغرىسىدا چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

    (3) ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر بۇلغانغان مۇھىتتا ياشايدۇ. بىز سۇنى، تۇپراقنى، ھاۋانى، ھەتتا ئۆزىمىز يەيدىغان بىلىقلارنى، گۆش ۋە كۆكتاتلارنى بولغاپ بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىمىزنىمۇ بۇلغاپ بولدۇق. سۇ، تۇپراق، ھايۋانلار ۋە كۆكتاتلارنىڭ كونكىرىت بولغىنش ئىپادىلىرى قانداق؟

    (بۇ سائال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىزنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارىمىز بارلىقىنى، ئۇنى تونۇشىمىز، ئاسرىشىمىز لازىملىقى، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۆزىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى تونۇتۇپ چىقىلىدۇ. )

    (4) ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بىردىن – بىر ياشاش ماكانى بولغان يەرشارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. ئەگەر يەرشارىنىڭ تىلى بولغان بولسا (سۆزلىيەلگەن بولسا) بىزگە نېمىلەرنى دېگەن بولاتتى؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار؟

    (بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ھېسسىياتى بويىچە رول ئېلىپ بېقىشقا يىتەكلىنىدۇ.)

    دېمەك، يەر شارىنى قوغدىغانلىق- ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى قوغدىغانلىق. يەرشارىنى قوغداش پەقەت ئېغىزدىلا توۋلاپ قويسا بولىدىغان شۇئار ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت. بىزنىڭ سىنىپ، ئۆيىمىزمۇ بىزگە نىسبەتەن بىر كىچىك يەرشارى، شۇڭا يەرشارىنى قوغداشتا، ئەتراپمىزدىكى مۇھتىنى ئاسراشتىن باشلايلى.

    5.ساۋاقداشلار، ساغلاملىقنىڭ ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلكنى يەنىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتتۇق.ئۇنداقتا ساغلاملىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

    سزنىڭىچە، ھەقىقىي ساغلاملىق قانداق بولىدۇ؟

    (بۇ سۇئاللار ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولغاندىلا ئاندىن ھەققىي ساغلام ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى پىسخىك ساغلاملىق ئىكەنلىكى يەكۈنلىنىدۇ)

    6.قېنى، ئۆزۇڭلارغا دىياگنۇز قۇيۇپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر ھەقىقىي ساغلام كىشىلەردىن ھېسابلىنامدىكەنسلەر؟ سىلەر ساغلاملىقىڭلارنى قانداق ئاسرىماقچى؟

    (بۇ سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ئۈستىدە قىسقىغىنە ئويلىنىش پۇرستىگە ئىگە قىلىنىدۇ.)

    8. تاپشۇرۇق

    (1) ئۆزىڭىز ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىڭىزغا دىياگنۇز قويۇپ، داۋالاش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ كېلىڭ.

    (2) «تەن ساقلىق – زور بايلىق» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىپ كېلىش.

    9. دوسكا لايىھىسى

     

    分享到: